-
ئارقا سەھنىگە تىزىملىتىپ كىرىش رامكىسى چىقىرىش كودى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...تورداشلار بلوگىمنىڭ ئوڭ تەرەپ يان بۆلىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە دىققەت قىلدىمىكىن؟ تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان جايغا قاراڭ:
ئادەتتە بلوگ ئارقا سەھنىسىگە كىرىش ئۈچۈن چوقۇم ئاۋال http://www.blogbus.com ياكى http://www.blogbus.com/user قاتارلىق بەتلەرنىڭ خالىغان بىرسىگە كىرىپ تىزىملىتىشىمىز كېرەك.
سىز بۇ ئىشلارنى يۇقۇرقى تور بەتلەرگە كىرمەي، بەلكى بلوگىڭىزنىڭ باش بېتىدە تۇرۇپلا بېجىرىپ، بىۋاستا ئارقا سەھنىگە كىرىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ تۆۋەندىكى كود سىزنىڭ بۇ ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. كودنى Index ھۆججىتى ئىچىدىكى {c:1} نىڭ ئۈستىگىلا چاپلىسىڭىز يۇقۇرقى رەسىمدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
سىز ئەڭ ياخشىسى باشقا ئېلان توربەتلىرىدىن ئېلان ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭ.
سىزنى ئۈزلۈكسىز ئاۋارە قىلىۋاتىمەن... ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
سالام بىلەن ئابدۇرېشىت ئېلى
2. «تۈرلەر» دىگەن جايدىكى مەلۇم بىر سەھىپىگە كىرسەك ئەمەلىيەتتە يەنىلا باش بەتكە كىرگەن بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ چاغدا باش بەتكە يېنىش ئۈچۈن بەتنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى «ئابدۇرېشىت ئېلى بلۇگى» دىگەن خەتنى چېكىمىز.
3. باش بەت بىلەن تېمىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى ئوقۇش بېتىدىكى ئوڭ يان تەرەپتىكى تۈرلەرنىڭ ئوخشىماسلىقى 首页布局 نىڭ ئىچىدىكى تۈرلەر بىلەن 内页布局 نىڭ ئىچىدىكى تۈرلەرنىڭ ئوخشاش تاللانمىغانلىقىدىن بولغان.
بلوگ تەڭشەش جەريانىدائېتىياتسىزلىقتىن بلوگۇمنىڭ يان تەرەپتىكى ئۇچۇرلار يەنى، يېڭى تىما، يېڭى باھا، ئۇلىنىش بەتلىرى، زىيارەت سىتاستىكىسى قاتارلىقلار يوقاپ كەتتى. پەقەت رېس ئۇچۇرلىرى ۋە ئېلانىلا قاپتۇ. قانداق قىلسام ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمەن؟ باشقا ئۇسلۇپ قاچىلاپ باقساممۇ ئەھۋال يۇقارقىدەك..... جىددى كۆرسەتمىڭىزگە مۇھتاج بوپ قالدىم.
بلوگ مەنزىلىم: http://abdurxiteli.blogbus.com/
بلوگ يان بۆلىكىنىڭ يوقاپ كېتىشى ئۇسلۇپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بلوگ ئارقا سەھنىسىگە كىرىپ تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلسىلا بولىدۇ:
博客 نىڭ ئاستىدىكى 模版 نى بېسىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن 首页布局 نى باسىمىز. ئاندىن 副栏 1 نىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى 添加模块 نى چېكىمىز. بۇ چاغدا 可以添加的模块 ناملىق بىر كىچىك رامكا پەيدا بولىدۇ. بۇ رامكىدىكى مۇناسىپ تۈرلەرنىڭ ئالدىدىكى كاتەكچىگە «توغرا» بەلگىسى قويۇپ جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. ئاندىن كېيىن بەتنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى 保存当前布局 دىگەن خەت بار كۇنۇپكىنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن بلوگنى قايتا ئاچسىلا يوقاپ كەتكەن تۈرلەرنىڭ ھەممىسى قايتا پەيدا بولىدۇ.
مەلۇم بىر تېمىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈش بېتىدىمۇ يۇقۇرقى تۈرلەر يوقاپ كەتسە بۇلارنى 内页布局 دىگەن جايدىن بايىقى باسقۇچلارغا ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرىۋالغىلى بولىدۇ.
مەنمۇ مۇشۇ توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغانتى ، مانا تارىم ئەپەندىم بۇ ئىشنىمۇ ھەل قىپتۇ . بلوگىرلارغا تېخىمۇ قولايلىق بولىدىغان بولدى . بىزمۇ قوشۋالدۇق ، تەشەككۈر .
ئايدا يىلدا بىرەر قېتىم كىلىپ قويماي مانداق ئىككى ئۈچ كۈندە بولسىمۇ بىرەر قېتىم بلوگىمنى يوقلاپ تۇرۇڭ، بولمىسا نۇرغۇن ئىشلاردىن خەۋەرسىز قالىسىز.