
-
2009-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى «دۇنياقارا» بلوگىدا «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش» دىگەن تېما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم بلوگلار بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، بلوگىدىكى تېمىلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىپ، ئۆز بلوگىدىكى قايسى مەزمۇندىكى تېمىلارنىڭ تورداشلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالىدىغان بولدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق بلوگىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بىكىتىپ، قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا خېلى داڭلىق بلوگلاردىن بولۇپ قالدى. بىراق «يازاي» بلوگىدىكى «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش كودىنى ئىشلەتكەنلەر سەمىگە» دىگەن تېمىدا دىيىلگەندەك، بلوگدا گوگىل، ئالىماما قاتارلىقلارنىڭ ئېلانىنى قويىۋالغانلار «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش» نىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلمىدۇق.
-
«ئەتىرگۈل» ئۇسلۇبىنى بۇرۇن ئارامگاھ ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان. كروران بلوگى ئەڭ بۇرۇن دەل مۇشۇ ئۇسلۇپنى ئىشلەتكەن. مەن بۇ قېتىم بۇ ئۇسلۇپنىڭ بىر قىسىم كام جايلىرىنى تولۇقلىغاچ، بەت كەڭلىكىنى سەل كېڭەيتىپ قويدۇم.
-
تورداشلار بلوگىمنىڭ ئوڭ تەرەپ يان بۆلىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە دىققەت قىلدىمىكىن؟ تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان جايغا قاراڭ:
-
دوستلار دىققەت قىلدىمىكىن، بلوگىمدىكى تېما ماۋزۇسى، ئىنكاس، تور بەت ئۇلىنىشلىرى قاتارلىق ئۇلترا ئۇلىنىش قىلىنغان ھەر قانداق بىر خەتنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئېلىپ كەلسەك، خەت ھەر خىل رەڭدە پىلدىرلاپ يۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق ئەمەلگە ...
-
بۈگۈن 8-bit ناملىق ئۇسلۇپ تارقىتىلىپتۇ، ئۇسلۇپ خېلىلا چىرايلىقكەن، شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئۇسلۇپقا ئېھتىياجى بارلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.
ئەسلىدىكى خەنزۇچە ئۇسلۇپنىڭ كۆرگەزمە ئادرىسى
ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپنىڭ كۆرگەزمە ئادرىسى
-
ئاۋال 模板设置 دىكى 首页布局 نىڭ ئاستىدىن 副栏 گە 自定义HTML دىن بىرنى قوشىمىز. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى چاپلايمىز:
-
بۈگۈن چۈشتە كومپيۇتېرنى ئېچىپلا بلوگىمغا بىر قاراپ باقاي دەپ تورنى ئاچسام، ئەڭ ئالدى بىلەن كۆزۈم چۈشكىنى بلوگدىكى «تەۋسىيە» دىگەن خەتنىڭ ئورنىدا « 分享 » دىگەن خەتنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنى بولدى. بۇ نىمە ئىشتۇ دەپ ئويلاپ باشقا ئۇيغۇرچە بلوگلارغا قاراپ باقسام ئۇلارنىڭمۇ «تەۋسىيە» دىگەن يېرى « 分享 » غا ئۆزگىرىپ قاپتۇ.
-
بلوگىمنىڭ ئالدىنقى كۈنلەردە ئىشلىتىپ يۈرگەن ئۇسلۇبىنى تارقاتتىم. بۇ ئۇسلۇپقا بلوگىمنىڭ نامىنى قويدۇم، يەنى «تارىم بلوگ ئۇسلۇبى». ياقتۇرغانلار ئىشلىتىپ بېقىڭلار.
ئۇسلۇپ رەسىمى:
-
تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزنىڭ 自定义HTML دىگەن يېرىگە چاپلىسىڭىز بولىدۇ.
-
ئېھتىمال، نۇرغۇن تورداشلار بلوگىمدىكى «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا xx كۈن قالدى» دىگەن خەتكە دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويسىڭىز سىزمۇ ئاشۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
-
بىر قىسىم تور بەتلەردە بىر قۇر خەتنىڭ ئېكراننىڭ ئوڭ تەرىپىدىن چىقىپ سول تەرىپىگە (ياكى سول تەرىپىدىن چىقىپ ئوڭ تەرىپىگە) كىرىپ كېتىۋاتقانلىغا دىققەت قىلغان بولغىتىڭىز. تۆۋەندىكى كود سىزگە دەل مۇشۇنداق ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ: