ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • ئادەتتە كۆپىنچىمىز توردىن چۈشۈرۈۋېلىنغان GhostXP نى كۆپرەك ئىشلىتىمىز. بۇنداق GhostXP لاردا ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر قىسقارتىۋېتىلگەنلىكتىن، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىغان چاغدا WinXP نىڭ ئەسلىدىكى قاچىلاش دېسكىسىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سېلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. قولىمىزدىكى گوستلانلغان دىسكا بولغاچقا، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي قالىدۇ. بۇ مەغلۇبىيەت دەل WinXP نىڭ ئەسلىدىكى قاچىلاش دېسكىسىدىكى i386 ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ بىزنىڭ كومپيۇتېرىمىزدا زاپاس ساقلاپ قويۇلمىغانلىقىدىندۇر. تۆۋەندىكى ئادرىستىكىسى دەل i386 نىڭ پرىسلانغان ھۆججەتلىرى بولۇپ، بىزنى مۇشۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ:

  • دېتال ئىسمى:

     捕捉软件 

    سىغىمى: 1.29 مېگابايت كېلىدىغان بىرلا ھۆججەتتىن تەركىپ تاپقان.

    ئالاھىدىلىكى: بۇ دېتالنى كومپيۇتېرغا قاچىلاش ھاجەتسىز. پىرىستىن يېشىپلا، مائۇس بىلەن قوش چېكىپ قوزغاتساقلا بولىدۇ. بۇ دېتالنىڭ پىرىستىن يەشكەندىن كېيىنكى سىن بەلگىسى:

    خەتكۈچ:下载 چۈشۈرۈش
  • SWF نى FLA غا ئايلاندۇرۇش دېتالى - [يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش]

    توردىن چۈشۈرىۋالغان Flash ھۆججەتلىرىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرى بىزنىڭ تەلىۋىمىزگە ماس كەلسىمۇ، يەنە بىر قىسىم يەرلىرى ئارتۇقچە ياكى تەلىۋىمىزگە ماس كەلمەيدۇ. بەزىدە «مۇشۇ ھۆججەتنى تەھرىرلىگىلى بولغان بولسا، ئارتۇق يەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن بولساق، ئۆتمەكچى بولغان دەرسىمىزنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى» دەپ ئويلاپمۇ قالىمىز. بىزنىڭ بۇ خىيالىمىزنى IMPERATOR-FLA_V2.0  دىگەن يۇمشاق دېتال رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ.