-
مۇرەككەپ يېزىق ۋە ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان تىللار ئۈچۈن قاچىلاش پروگراممىسى (i386) - [يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...ئادەتتە كۆپىنچىمىز توردىن چۈشۈرۈۋېلىنغان GhostXP نى كۆپرەك ئىشلىتىمىز. بۇنداق GhostXP لاردا ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر قىسقارتىۋېتىلگەنلىكتىن، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىغان چاغدا WinXP نىڭ ئەسلىدىكى قاچىلاش دېسكىسىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سېلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. قولىمىزدىكى گوستلانلغان دىسكا بولغاچقا، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي قالىدۇ. بۇ مەغلۇبىيەت دەل WinXP نىڭ ئەسلىدىكى قاچىلاش دېسكىسىدىكى i386 ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ بىزنىڭ كومپيۇتېرىمىزدا زاپاس ساقلاپ قويۇلمىغانلىقىدىندۇر. تۆۋەندىكى ئادرىستىكىسى دەل i386 نىڭ پرىسلانغان ھۆججەتلىرى بولۇپ، بىزنى مۇشۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ:
http://filer.blogbus.com/4293141/resource_4293141_1279452702v.rar
ھۆججەتنى چۈشۈرگەندىن كېيىن پرىستىن يېشىپ، كومپيۇتېرىڭىزدا زاپاس ساقلاپ قويۇڭ. پرىسلانغىنى ئاران 4 مېگابايت كېلىدۇ. پرىستىن يەشسىڭىز 7.71 مېگابايت بولىدۇ.
ھەر قېتىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىغان چاغدا WinXP نىڭ ئەسلىدىكى قاچىلاش دېسكىسىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سېلىش كۆرسەتمىسى چىققان چاغدا، سىز يۇقۇرىدا چۈشۈرۈپ، پرىستىن يېشىپ ساقلاپ قويغان i386 ناملىق ھۆججەت قىسقۇچنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا، ھېلىقى ئۆتكەلدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ كىتەلەيسىز. يەنى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاشتا يەنە مەغلۇپ بولۇپ يۈرمەيسىز.
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论