-
ماتېماتىك چېن جيەنگۇڭ 陈建功 - [ماتېماتىكا تارىخى]
چېن جيەنگۇڭ (تەخەللۇسى يېچېڭ 业成 ) ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى. ئۇ خۇا لوگېڭ، سۇ بوچىڭلار بىلەن بىللە «جۇڭگۇنىڭ ھازىرقى زاماندىكى 3 چوڭ ماتېماتىكا ئالىمى» دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1893-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان. جېجياڭ شاۋشىڭلىق. 1913-يىلىدىن 1929-يىلىغىچە 3 قېتىم ياپۇنىيىگە چىقىپ ئوقۇغان. 1929-يىلى ياپۇنىيە شەرقى شىمال ئىمپىرىيە ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ تەبىئىي پەنلەر بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1929-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروففىسورى بولغان.1952-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ پروففىسورى بولغان. 1953-يىلى «3-سىنتەبىر» ئىلمىي جەمىيىتىگە قاتناشقان ھەم «3-سىنتەبىر» ئىلمىي جەمىيىتى مەركىزى كومىتىتىنىڭ ھەيئىتى بولغان. 1955-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى ماتېماتىكا، فىزىكا، خېمىيە بۆلۈمىنىڭ ئاكادىمىكى بولغان. ئۇ ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ جۇڭگۇ ماتېماتىكا جەمىيىتىنىڭ ھەيئىتى، مۇئاۋىن باشلىقى، 1- ، 2- ۋە 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1959-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە خاڭجو ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ پروففىسورى، مەكتەپ مۇدىرى بولغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە جېجياڭ ماتېماتىكا جەمىيىتىنىڭ باشلىقى، جېجياڭ پەن-تېخنىكا جەمىيىتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆتىگەن. 1971-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى خاڭجودا ۋاپات بولغان.
ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئالىي مەكتەپلەردە دۆلەت تىلى بويىچە ئوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئۆزى خەنزۇ تىلىدا ماتېماتىكا دەرسلىكلىرىنى تۈزگەن. چېن جيەنگۇڭ ئۇزۇنغىچە ماتېماتىكا تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. فۇنكىتسىيىلەر نەزەرىيىسى، بولۇپمۇ ئورتوگونال فۇنكىتسىيىلىك قاتارلار نەزەرىيىسى، ترىگونومېتىرىك قاتارلار نەزەرىيىسى، تاق ياپراقلىق فۇنكىتسىيىلەر نەزەرىيىسى ۋە فۇنكىتسىيىلىك يېقىنلاشتۇرۇش نەزەرىيىسى قاتارلىق ساھەلەردە نەزەرىيىۋىي جەھەتتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆچمەس تۆھپە ياراتقان. ئۇ جۇڭگۇنىڭ فۇنكىتسىيىلەر نەزەرىيىسى ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ترىگونومېتىرىك قاتارلار»، «ئورتوگونال فۇنكىتسىيىلىك قاتارلارنىڭ يىغىندىسى» ۋە «ھەقىقىي ئۆزگەرگۈچىلىك فۇنكىتسىيىلەر نەزەرىيىسى» قاتارلىقلار بار.
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.