-
بلوگبۇس تولۇق تەرجىمە قىلىندى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...نەچچە كۈندىن بېرى قايتا-قايتا جېدەللىشىش ئارقىلىق، تېخىچە تەرجىمە قىلىنماي قېپ قالغان بلوگبۇس يۈزىدىكى بارلىق خەنزۇچە خەتلەرنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. 年 ، 月 دىگەن ئىككى خەت بلوگبۇستىكى modBody (يەنى كالېندار قىسمىدا)، postHeader (يەنى بارلىق يازمىلار بېتىدىكى بلوگ نامىنىڭ كەينىدە) ۋە postFooter (يەنى بارلىق يازمىلار بېتىدىكى يوللىغان ۋاقىت دىگەن خەتنىڭ كەينىدە) قاتارلىق ئۈچ جايدا بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەرجىمىسى بىر بىرىگە توقۇنۇشۇپ قېلىپ، تەرجىمە ھۆججىتى ئايرىم-ئايرىم 3 بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتتى.
2010-يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى يوللانغان «بلوگبۇس تەرجىمە ھۆججىتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلاڭ» دىگەن تېمىدا دىيىلگەندەك، 登录为 ۋە 退出 دىگەن ئىككى خەتنىڭ تەرجىمىسى ئىنكاس رامكىسىغا ئېنگلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىدە تۇرۇپ بىۋاستە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش كودى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش مەسىلىسىنى http://pristan.blogbus.com نىڭ قۇرغۇچىسى نىجات ئەپەندى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلغان. ئەسلىدە نىجات ئەپەندى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىشنى دۇنيا قارا ئەپەندىگە ھاۋالە قىپتىكەن، دۇنياقارا ئەپەندى بۇنى ماڭا ھاۋالە قىلدى. مۇشۇنداق ئۆزئارا زىچ ھەمكارلىشىش نەتىجىسىدە بۈگۈن بلوگبۇس مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تولۇق ئۇيغۇرچە ھالەتكە كەلدى (بەلكىم مەن يەنە بايقىيالمىغان جايلار بار بولۇشى مۇمكىن، بلوگگېر دوستلارنىڭ مەسىلە بولسا ئىنكاس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن).
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نىجات ئەپەندى، دۇنياقارا ئەپەندى قاتارلىق دوستلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، شۇنداقلا ئەينى ۋاقىتتا بلوگبۇستەك بىر ياخشى سورۇن بىلەن بىزنى تونۇشتۇرغان، بىزگە باشلامچى بولغان ئارامگاھ، تەكلىماكان، ئۆگىنىش، ..... قاتارلىق بلوگلارنىڭ قۇرغۇچىلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن.
تۆۋەندىكىسى ئۆتكەندە تەرجىمە قىلىنماي قېپ قالغان جايلارنىڭ تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىنكى كۆرۈنۈشى:
تەرجىمە ھۆججىتىنى بۇ ئادرىستىن چۈشۈرۈڭ:
http://filer.blogbus.com/4293141/resource_42931411277536488c.txt
يۇقۇرقى تەرجىمە ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ، ئىچىدىكى كودنى Head نىڭ ئىچىگە چاپلاڭ، ئىلگىرىكى تەرجىمە كودىنى تولۇق ئۆچۈرۈۋېتىڭ.
ئاندىن تۆۋەندىكى 登录为 ۋە 退出 دىگەن ئىككى خەتنى تەرجىمە قىلىش كودىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى Detail نىڭ ئىچىدىكى <div class="contentBottom">
http://filer.blogbus.com/4293141/resource_42931411277540260r.txt
评论
مۇشۇ كودنى ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىزدا ئېچىلغان بەتنىڭ سول تەرەپ تۆۋەنكى بۇرجىكىگە دىققەت قىلىڭ (يەنى 开始 دىگەن خەتنىڭ ئۈستى تەرىپىگە). ئۇ يەردە خاتالىق ئۇچۇرى چىققان بولسا، بۇ كودنىڭ تېخى تولۇق ئىجرا بوپ بولالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بەزىدە ئىنكاس رامكىسىغا خەت يازسىڭىز ئۇيغۇرچە خەت يېزىلمايدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. بۇ چاغدا سىز بەتنى يېڭىلاپ (يەنى 刷新 قىلىپ) ئاندىن بەت تولۇق ئېچىلىپ، كودلار تولۇق ئىجرا بوپ بولغاندا ئىنكاس رامكىسىغا خەت يېزىپ بېقىڭ. بۇ چاغدا ھېلىقىدەك ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. ئەگەر يەنىلا شۇنداق ئىش يۈز بەرسە، بۇ بەلكىم بلوگىڭىزدىكى كودلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن.
مەسلەن قوش تېرناق «» يوق، بۇنى كومپيۇتېردىكى كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزۈپ قويدۇم،
بىز بىرنىيەتتە بولساقلا بلوگچىلىقتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!
يەنە بىر ئىش، ئىسمىڭىزنى ئۇيغۇرچە قىلىۋالسىڭىز ياخشى بولاتتى.