-
بلوگبۇس تەرجىمە ھۆججىتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلاڭ - [بلوگ ھۈنەرلىرى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...مەن 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى «بلوگبۇس تەرجىمە ھۆججىتىڭىزنى يەنە يېڭىلاڭ» دىگەن تېمىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە كۆپىنچە بلوگگېرلار مۇشۇ تېمىدا تەمىنلەنگەن كودتىن پايدىلىنىپ بلوگىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بىراق بۇ كود ئارقىلىق
登录为، 退出، 历史上的今天
ھەمدە بلوگبۇس ئۆزى تەمىنلىگەن كالېندار، شۇنداقلا ئىنكاس رايۇنىدىكى 评论分页 قاتارلىق بىر قىسىم خەنزۇچە خەتلەر يەنىلا تەرجىمە قىلىنماي قېلىپ قالغان ئىدى. بۇ قېتىم
登录为، 退出، 历史上的今天
ھەمدە بلوگبۇس ئۆزى تەمىنلىگەن كالېندار قاتارلىقلار تولۇق تەرجىمە قىلىندى. ئەمدى يەنە بۇرۇنقىدەك بلوگبۇس ئۆزى تەمىنلىگەن كالېندارنى يۇشۇرۇپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق. (ئۈنۈمىنى بلوگىمدىن كۆرۈڭ). ئەمدى پەقەت ئىنكاس رايۇنىدىكى 评论分页 قاتارلىق بىر نەچچە خەت، 博链 قىسمىدىكى بىر نەچچە خەت ۋە «بارلىق يازمىلار» بېتىدىكى 年، 月 دىگەن خەتلەرلا قالدى. تەرجىمە قىلىنماي قېلىپ قالغان بۇ خەتلەر مۇتلەق كۆپ قىسىم بلوگلاردا ئادەتتە كۆرۈنمەيدۇ. 评论分页 قاتارلىق ئىنكاس بەت سانىنى كۆرسىتىدىغان خەتلەرمۇ بىر تېمىغا 30 دىن كۆپ ئىنكاس چۈشكەندە ئاندىن كۆرۈنىدۇ. شۇڭا بلوگبۇستا كېيىنچە يەنە باشقا ئۆزگىرىشلەر بولمىسىلا، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم جايلار ئاساسەن تۈگىدى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
تەرجىمە ھۆججىتىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈڭ:
http://filer.blogbus.com/4293141/resource_429314112755839028.txt
ئەسكەرتىش: بۇ كودنى قاچىلىغاندىن كېيىن ئىنكاس رامكىسىغا ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن. ئەگەر 登录为 ۋە 退出 دىگەن ئىككى خەتنىڭ تەرجىمە كودىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز، ئۇ چاغدا ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىدىمۇ ئىنكاس رامكىسىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى بولىدۇ. بىراق بۇ ئىككى خەت خەنزۇچە ھالەتكە ئۆزگىرىۋالىدۇ. شۇڭا بلوگگېر دوستلارنىڭ ئۆزلىرى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئۇسۇلدا تەرجىمە كودىدىن جانلىق پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەن تورخانىلاردىن تورغا چىقىدىغان زىيارەتچىلەرنىڭ ئۆز يېزىقىمىزدا ئىنكاس يېزىشىغا قولايلىق بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، يۇقۇرقى ئىككى خەتنىڭ تەرجىمە كودىنى ۋاقتىنچە ئېلىۋېتىپ تۇردۇم. يۇقۇرىدىكى مەسىلە ھەل بولغاندا بلوگگېر دوستلارنى يەنە خەۋەرلەندۈرىمەن.
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
评论
چچ : 523816439
يېزىلىپ بولغان ئىنكاس ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋاپلارنىڭ تەگلىكىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، كۆكلەم بلوگىنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. ئۇ يەردە بۇ ھەقتە ئاللىقاچان تېما يوللىنىپ بولغان. ئادرىسى: http://koklem.blogbus.com
مىنىڭ كەسپىم تور بەتكە قىلچە يېقىن كەلمەيدىكەن تۇزۇك نەرسىنى بىلمەيدىكەنمەن
enCmtForm.innerHTML = enCmtForm.innerHTML.replace("登录为:","تىزىملاتقۇچى: "); سىز نەگەقويغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتسىڭىز
بۇ كودنى Detail دىكى
بۇ ئىككى ھۆججەتنى ئېلىۋەتسەك قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ بلوگ باشقىچە بىنورمال بۇلۇپ قالماس
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.