ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • MathType 6.0 ۋە Microsoft公式3.0 دا كىرگۈزۈلگەن بىرقىسىم ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    بىز دائىم بىر قىسىم ئالاھىدە ھەرپ-بەلگىلەرنى MathType 6.0 (خەنزۇچە نامى 数学公式编辑器) ياكى Microsoft公式3.0 دىن پايدىلىنىپ كىرگۈزىمىز. بولۇپمۇ ماتېماتىكىلىق بەلگىلەرنى كىرگۈزۈشتە بۇ قوراللارنىڭ رولى ناھايىتى زور.

    بەزىدە بىز مۇنداق بىر ئەھۋالغا يولۇقىمىز:  يەنى، ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتېرىدا يېزىپ تەييارلىغان ھۆججەتنى باشقا بىر كومپىيۇتېردا ئېچىپ كۆرسەك، يۇقىرىقى قوراللارنىڭ ياردىمىدە يېزىلغان بىر قىسىم ھەرپ-بەلگىلەر قالايمىقان بەلگىلەرگە ئۆزگىرىپ قالغان ۋە ياكى كاتەكچە بولۇپ كۆرۈنۈۋالىدىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىمىز. ھەتتا بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتېرىدا مۇشۇ قوراللاردىن پايدىلىنىپ بەزى ھەرپ-بەلگىلەرنى كىرگۈزمەكچى بولساق، MT Extra(TrueType) ناملىق بىر خەت نۇسقىسىنى قاچىلاش ھەققىدىكى ئۇچۇر چىقىۋالىدىغان ھەمدە بىز كىرگۈزمەكچى بولغان  بەلگىلەرنىڭ ئورنىغا باشقا بەلگىلەر چىقىۋالىدىغان ئەھۋاللار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى دەل كومپيۇتېرىمىزدا MT Extra(TrueType) ناملىق خەت نۇسقىسىنىڭ يوقلىقى ياكى بۇ خەت نۇسقىسىنىڭ نەشرىنىڭ بەك تۆۋەن بولۇشى سەۋەبىدىن بولىدۇ.

    بۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى مۇنداق: ئاۋۋال C:\WINDOWS\Fonts نى ئاچىمىز. ئەگەر ئىچىدە MT Extra(TrueType) ناملىق خەت نۇسقىسى ياكى ئۇنىڭ تىزلەتمە شەكلى (快捷方式) بار بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىمىز. ئاندىن تۆۋەندىكى ئادرىستىن بۇ خەت نۇسقىسىنى چۈشۈرىمىز:

    http://cn.ffonts.net/MT-Extra.font.zip

    چۈشكەن ھۆججەتنى پرىستىن يىشىپ، ئىچىدىكى mtextra ناملىق خەت نۇسقىسىنى كۆچۈرۈۋېلىپ C:\WINDOWS\Fonts نىڭ ئىچىگە چاپلايمىز(粘贴). چاپلىغاندا بۇ خەت نۇسقىسىنى قاچىلاش ھەققىدە كۆرسەتمە ئۇچۇر چىقىدۇ. قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن يۇقۇرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە پۈتۈنلەي ھەل بولىدۇ.

    خەت نۇسقىسىنى تۆۋەندىكى بەتكە كىرىپ چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ:

    http://cn.ffonts.net/MT-Extra.font.download

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    خەتكۈچ:
  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • [dAva:0]تارىم ئەپەندى سىزنىڭ قىممەتلىك مىۋىلىرڭىزگە تەشنا بولۇپ كەتتەق
    • [dAva:0]نەچچە كۈندىن بىلوگباس چاتىقى بىلەن تورغا چىققۇم كەلمھس بۇلۇپ قالغان ئىدىم،خۇداغا شۈكرى ئاخىرى ئوڭلاندى،ۋاختىدا جاۋاپ قىلالالمىدىم كەچۈرۈڭ.
    • ئۇزۇن يوقاپ كىتىپ پەيدا بولغىنىڭىزدىن خوشال بولدۇم .
      تارىم回复baydadam说:
      بۇ ئوقۇش مەۋسۈمى باشلانغاندىن بۇيان خىزمەتلەر بەك ئالدىراش بوپ كىتىپ، بلوگقا قاراشقا تازا ۋاقىت ئاجرىتىپ بولالمايۋاتىمەن.
      2010-11-29 15:53:15
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.