ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



QQ: ھازىر تارىم بلوگى قۇرۇلغىلى
  • ماتېماتىكىنىڭ كېلىپ چىقىشى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    ماتېماتىكا ئەڭ دەسلەپتە تۈگۈنچە تۈگۈپ ئىش خاتىرىلەشتىن باشلانغان. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3 مىليون يىللار ئىلگىرى، ئىنسانلار خام گۆش يەيدىغان ئىپتىدائىي دەۋردە تۇرغان بولۇپ، ياۋا مېۋىلەرنى يىغىش، ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلاشقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، بۇ پائالىيەتلەر ھەمىشە كوللېكتىپ ئېلىپ بېرىلاتتى، ئېرىشكەن «مەھسۇلات» لارمۇ تەڭ تەقسىم قىلىناتتى. شۇنداق قىلىپ قەدىمكى ئادەملەردە تەدرىجىي ھالدا سانلىق مىقدار ئۇقۇمى پەيدا بولدى.

     ئۇلار بىر ھايۋاننى تۇتۇۋالسا، ئۇنى بىر پارچە تاش، بىر تال تاياقچە ئارقىلىق ئىپادىلەشنى؛ ياكى ئىش ۋە سانلارنى ئارغامچىغا تۈگۈنچە تۈگۈپ خاتىرىلەشنى ئۆگىنىۋالدى. نەتىجىدە، ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بىر تۈگۈنچە بىر ھايۋانغا، ئىككى تۈگۈنچە ئىككى ھايۋانغا، …؛ ياكى چوڭراق بىر تۈگۈنچە چوڭراق بىر ھايۋانغا، كىچىكرەك بىر تۈگۈنچە كىچىكرەك بىر ھايۋانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولدى …. سانلىق مىقدار ئۇقۇمى مانا مۇشۇ جەرياندا تەدرىجىي تەرەققىي قىلدى. ئوۋلاش - تۇتۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، تۇتۇلغان ياۋايى ھايۋانلار كۆپىيىپ، ئارغامچىنىڭ تۈگۈنچىلىرىمۇ كۆپەيدى، بۇنىڭ بىلەن سانلارنىمۇ بارغانسېرى چوڭايتىشقا توغرا كەلدى.

    بۇنىڭدىن تەخمىنەن5، 6  مىڭ يىللار ئىلگىرى ئافرىقىدىكى نىل دەرياسى بويىدا ئۇلۇغ، مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەت ــــ مىسىر بارلىققا كەلدى. مىسىرلىقلار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى بىرقەدەر بۇرۇن ئۆگەنگەن. نىل دەرياسىغا ھەر يىلى 7- ئايدا قەرەللىك ھالدا كەلكۈن كېلىپ، نۇرغۇن ئېتىزلارنى تاشقىن بېسىپ كېتەتتى، 11- ئايلاردا كەلكۈن تەدرىجىي پەسىيەتتى. مىسىرلىقلار ئۇزۇن مەزگىل كۆزىتىش ئارقىلىق، سىرىئوس (چوڭ ئىت) يۇلتۇزى بىلەن قۇياش تەڭ چىقىپ تەڭ ئولتۇرغان ۋاقىت دەل كەلكۈن كېلىشنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلدى، ئۇلار يەنە بۇ خىل ئەھۋال تەخمىنەن 365  كۈندە بىر قېتىم تەكرارلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار كەلكۈن قايتقاندىن كېيىن قېپقالغان مۇنبەت لاتقىلارغا زىرائەت تېرىپ، 6- ئايدا كەلكۈن كېلىشتىن  بۇرۇن يىغىۋېلىپ، ياخشى ھوسۇلغا ئېرىشىدىغان بولدى. بۇ ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان يېزا ئىگىلىك ىشلەپچىقىرىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭدا ماتېماتىكا بىلىملىرىمۇ قوللىنىلغان. يەنە بىر جەھەتتىن، قەدىمكى مىسىرنىڭ يېزا ئىگىلىك تۈزۈمىدە ھەربىر ئادەمگە چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشاش بولغان كۋادرات شەكىللىك يەرنى تەقسىملەپ بېرىش، يەرنى ئىجارە ئالغۇچى ھەر يىلى ئالغان ھوسۇلنىڭ بىر قىسمىنى يەر ئىگىسى− پادىشاھقا تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەنىدى. ئەگەر ئۇلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن يەرنى كەلكۈن بېسىپ كەتكەن بولسا، ئۇلار پادىشاھقا بۇ ئىشنى مەلۇم قىلاتتى. پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ زىيانغا ئۇچرىغان يەرنى تەكشۈرگۈزەتتى ھەم ئۆلچىتەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئىجارە ئالغۇچىنىڭ تاپشۇرىدىغان ئىجارىسىمۇ مۇناسىپ ھالدا ئازايتىلاتتى. بۇ خىل يەر ئۆلچەش گېئومېتىرىيىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەمەلىيەتتە، گېئومېتىرىيىنىڭ ئەسلىي مەنىسى «يەر ئۆلچەش» دېگەندىن ئىبارەت. ماتېماتىكا دەل تۈگۈنچە تۈگۈپ سان خاتىرىلەش ۋە يەر ئۆلچەشتىن باشلانغان.

    مىسىر بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، دۇنيادا يەنە ئوخشاشلا ئۇلۇغ مەدەنىيەتلىك بىرنەچچە جەمئىيەت، ئالايلى، ئاسىيانىڭ غەربىدىكى بابىلۇن، جەنۇبىدىكى ھىندىستان ۋە شەرقىدىكى جۇڭگولارمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ يېزىقىنى ئىجاد قىلدى ھەم ئۆزلىرىنىڭ سان خاتىرىلەش ئۇسۇلى ۋە ئەڭ دەسلەپكى ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئىجاد قىلدى. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2000  يىللار ئىلگىرى ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى گرېكلەر بۇ ماتېماتىكا بىلىملىرىگە ۋارىسلىق قىلدى ۋە ماتېماتىكىنى سىستېمىلىق بىر نەزەرىيىۋى پەنگە تەرەققىي قىلدۇردى. قەدىمكى گرېتسىيە مەدەنىيىتى خارابلاشقاندىن كېيىن، ئەرەبلەر ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدى، بۇ مەدەنىيەت كېيىن يەنە ياۋروپاغا تارقىلىپ، ماتېماتىكا قايتىدىن گۈللەندى ۋە يېقىنقى زامان ماتېماتىكىسى بارلىققا كەلدى.

    مەنبە:   http://bilqut.com/web/?dp-bbsthread-215.html


    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.