-
بۇ ئۇسلۇپ ئاق، يېشىل ۋە كۆك رەڭنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بلوگگېر دوستلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-
ئۇسلۇپ شەكلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:
-
بلوگ ئۇسلۇپلىرىنىڭ ئىچىدە خانىم-قىزلارغا ماس كەلگۈدەك ئۇسلۇپلارنىڭ كام بولۇش ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، «گۈلبەرگى» ئۇسلۇبىدىن كېيىنكى يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ «گۈلپەرى» نى ئىشلەپ چىقتىم. بۇ ئۇسلۇپ كىشىگە بىر خىل ئازادە، يورۇق، رومانتىك كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ.
ئۇسلۇپ شەكلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:
-
بۈگۈن يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ ياسىدىم. بۇ ئۇسلۇپ سىزنى دېڭىز بويىدىكى كوكۇسزارلىقتا سەيلى قىلىۋاتقاندەك رومانتىك كەيپىياتقا چومدۈرىدۇ.
ئۇسلۇپ شەكلىنى ئوڭدىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:
بۇ ئۇسلۇپ يارىغان بولسا چۈشۈرۈۋېلىڭ.
-
بۇ ئۇسلۇپ بلوگىمنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبى ۋە «ئەتىرگۈل ئۇسلۇبى» نىڭ كودلىرىدىن پايدىلىنىپ، بلوگبۇس تارقاتقان «海星蓝» ئۇسلۇبىنىڭ تەگلىك رەسىملىرىنى ئىشلىتىپ ياسالغان. بۇ ئۇسلۇپنى ئىنىم يەنى باغۋەن بلوگى (http://baghwen.blogbus.com) نىڭ بلوگگىرى خېلى ئۇزۇندىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. قارىسام بەزىلەر باغۋەن بلوگىغا بۇ ئۇسلۇپنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس يېزىپتۇ. شۇڭا بۇ ئۇسلۇپنى ئاشكارا تارقىتىشنى قارار قىلدىم.
-
بۇ ئۇسلۇپ شەكىل جەھەتتىن ئايال (قىز) بلوگگېرلارنىڭ ئىشلىتىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەلۋەتتە ئەر (ئوغۇل) بلوگگېرلار ياقتۇرۇپ قالغان بولسا، ئۇلارنىڭمۇ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت.
-
«ئەتىرگۈل» ئۇسلۇبىنى بۇرۇن ئارامگاھ ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان. كروران بلوگى ئەڭ بۇرۇن دەل مۇشۇ ئۇسلۇپنى ئىشلەتكەن. مەن بۇ قېتىم بۇ ئۇسلۇپنىڭ بىر قىسىم كام جايلىرىنى تولۇقلىغاچ، بەت كەڭلىكىنى سەل كېڭەيتىپ قويدۇم.
-
2 يېرىم ئاي بولۇپ قاپتۇ يېڭىدىن بىرەر ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلمىغىلى. 10 كۈننىڭ ئالدىدا بلوگبۇس Metal Wiredrawing ناملىق ئۇسلۇپنى تارقاتقان ئىدى. بۇ ئۇسلۇپمۇ خېلى چىرايلىقكەن. بلوگگېر ئۇستاملاردىن بىرەرسى گاچچىدە تەرجىمە قىلىۋېتەمدىكىن دەپ ساقلىسام، ھەممەيلەن ئالدىراش بوپ كەتتىمۇ-قانداق؟ بلوگگېر ئۇستاملاردىن ھىچ بىر سادا يوق. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سەل بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن. شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئېھتىياجلىقلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.
-
بۈگۈن 8-bit ناملىق ئۇسلۇپ تارقىتىلىپتۇ، ئۇسلۇپ خېلىلا چىرايلىقكەن، شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئۇسلۇپقا ئېھتىياجى بارلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.
ئەسلىدىكى خەنزۇچە ئۇسلۇپنىڭ كۆرگەزمە ئادرىسى
ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپنىڭ كۆرگەزمە ئادرىسى
-
بۈگۈن يەنە بىر ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلدىم. بۇ ئۇسلۇپ تۆۋەندىكى ئادرىستىكى بلوگنىڭ ئۇسلۇبىكەن.
ئۇسلۇپ شەكلىنى ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر.
ئۇسلۇپ رەسىمى:
-
تۈنۈگۈن Blogbus يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىپتۇ. ئۇسلۇپ شەكلى خېلى چىرايلىقكەن. شۇڭا ئۇنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ياراپ قالسا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر.
ئۇسلۇپ رەسىمى:
-
ئىمكان بلوگىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تارقىتىلغان ئەڭ يېڭى ئۇسلۇپ Blogbus 六周年庆典 نى تەرجىمە قىلدىم.
ئۇسلۇپ رەسىمى:
-
بلوگىمنىڭ ئالدىنقى كۈنلەردە ئىشلىتىپ يۈرگەن ئۇسلۇبىنى تارقاتتىم. بۇ ئۇسلۇپقا بلوگىمنىڭ نامىنى قويدۇم، يەنى «تارىم بلوگ ئۇسلۇبى». ياقتۇرغانلار ئىشلىتىپ بېقىڭلار.
ئۇسلۇپ رەسىمى:
-
« 1982 » ناملىق ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتىم . ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈۋېلىپ ئىشلىتىڭلار.
ئۇسلۇپ رەسىمى: