-
يېڭى ئۇسلۇپ ــــ «ئالماس» - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...بۇ ئۇسلۇپ ھەققىدە ئارتۇقچە بىرنىمە دىمىسەممۇ بولار، يەنىلا بلوگگىر دوستلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقاي.
ئۇسلۇپ شەكلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈۋېلىڭلار:
ئۇسلۇپ ئۈلگىسىنى «قانات بلوگى» دىن كۆرىۋېلىڭ.
ئۇسلۇپ كودىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈڭ:
مۇشۇ باھانىدا ماۋۇ تور بېكەتكىمۇ نەزەر كۆزۈڭلارنى سېلىپ قويارسىلەر:
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
چۈشۈرۈش ئادىرسىڭىز: قىسقاھەم بېشدابىلوگىڭىزنىڭ ئادىرسى باركەن نىمىشقا بىزنىڭكىدەئۇنداق چىقمايدۇبۇنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قۇيامسىز
مەن بۇ ئوسلۇپنى ئىشلەتكەن تىم بىراق كۇمپيۇتىر بىلمىمنىڭ كەمچىلكدىن قايسى خەت نۇسقىسنى ياخسى تۇنيدغنىنى بىلمەيدكەنمەن
ئادىرىس
mubrakxah.blogbus.com
akto@163.com
نەچچە كىچە كۈندۈز ھەپىلىشىپ يۇرۇپ بېشىممۇ قېيىپ كەتتى ئەمدى مۇشۇ ئۇسلۇپ بويىچە ياشايمەن .
يانا ، ئەتە ئۆگۈن بۇ ئۇسلۇپتىنمۇ نوچى ئۇسلۇپتىن بىرنى ئىجات قىلىپ مىنى يانا ئۇسلۇپ ئالماشتۇرۇشقا مەجبور قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .ھې.....ھې....ھې.........
مەن تېخى يېڭى بىلوگىر شۇڭا جىق تېخنىكىلىك ئىشلارنى بىلىپ كېتەلمىدىم بولۇپمۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى
شۇنچە قىلساممۇ پەقەت بولمايۋاتىدۇ.باشقا بىلوگلاردا كورسەم سىزنى باشقىلارغا
خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ.دەيدۇ<داڭلىمىدىم ئۆز كوزۇم بىلەن كوردىم>شۇڭا ماڭىمۇ ئازراق ياردەم قىلغان بولسىڭىز ؟مۇشۇ ئۇسلۇب بىلەن مىنىڭ بلوگىمنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز؟
ئەگەر ئاۋارچىلىق ھېس قىلمىسىڭىز؟ ئۇگۇتۇپ قۇيغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى؟؟<ئۇرۇمچىدە
بولسىڭىز بىۋاستە......> ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!!!
مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم:362335400
بۇ ئۇسلۇپنى ئانچە مۇنچە كوچىلاپ يۈرۈپ ئۆزەم كۈتكەن ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قالدىم .قاملاشمىغان يەلىرى بولسا تەلىم بىرىپ تۇراسىز .
تېما ماۋزۇسىنىڭ ئاستىدا تۇرۇدىغان يىل ئاي كۈنلەرنى ماۋزۇنىڭ ئاخىرىغا ئەكىلىۋاپسىز، بۇنىڭ بىلەن بىر قۇرغا پاتىدىغان ماۋزۇ ئىككى قۇرغا بۆلۈنۈپ كېتىپ بەت شەكلى سەتلىشىپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەتنىڭ ئاستىدا بىرمۇنچە بىكار يەر پەيدا بولۇپ قاپتۇ.
بۇ ئۇسلۇپنىڭ يان بۆلەك سەل كەڭرى، مەزمۇن بۆلىكى سەل تار قىلىپ لايىھىلەنگەن بولغاچقا تېما ماۋزۇسى سەل ئىخچامراق بولمىسا، ئىككى قۇر بولۇۋېلىپ بەتنىڭ كۆركەملىكىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا تېما ماۋزۇسىنىڭ خېتىنى سەل كىچىكلىتىپ، ماۋزۇنىڭ تەگلىكىنى سېرىق رەڭلىك قىلىپ لايىھىلىگەن ئىدىم. بۇنىڭ بىلەن بىر قاراپلا ماۋزۇ بىلەن مەزمۇننى ئايرىۋالغىلى بولاتتى. شۇنداق بولسىمۇ سىز يەنە ماۋزۇ خېتىنى بەك چوڭ قىلىۋاپسىز. بۇمۇ بلوگىڭىزنىڭ كۆركەملىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپتۇ.
بلوگىمنىڭ ئۇسلۇبى ئىھتىياسىزلىقتىن بۇزۇلۇپ كەتكەنىدى، شۇنداق قىلىپمۇ ئوڭشىيالمىغانىدىم. باشقاماڭا يارىغان توربەتلەرنىڭ css تەرجىمە قىلىپ باققان بولساممۇ پەقەتلا بلوگ سۇپىسىغان ماشلاشمىغاندى.
بۇ ئۇسلۇبنى مەن ئىشلەتتىم-ئەمىسە..........
بلوگىمغا بەك ماسلاشتى. رەخمەت سىلىگە!
تارىم بلوگى تەمىنلىگەن ئۇسلۇپلارنى ئىشلەتكۈچى بارلىق دوستلارنىڭ سىزگە ئوخشاش بەتنىڭ ئەڭ ئاستى تەرىپىدىكى «ئۇسلۇپ ياسىغۇچى: تارىم بلوگى» دىگەن خەتنى ئېلىۋەتمەسلىكىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن.
راستىنلا سۈپەتلىك چىقىپتۇ .
تورداشلارغا ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر گەپ بار. تۈنۈگۈن بۇ ئۇسلۇپنىڭ گۈزەللىكىگە مەستانە بولۇپ كىتىپ، دىققەتسىزلىكتىن تورداشلار ئىنكاس يازىدىغان يەردىكى «ئابونت نامى» ، «مەخپى نومۇر» ، ..... لارنى يازىدىغان رامكىنىڭ تەگلىك رەڭگىنى ئاق رەڭلىك قىلىپ قويۇپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ رامكىلار بلوگدا كۆرۈنمەي قاپتۇ. ھازىر بۇنى ئوڭشاپ، ئۇسلۇپ كودىنى قايتا يوللاپ قويدۇم. بۈگۈن كەچ سائەت 8 يېرىمدىن بۇرۇن ئۇسلۇپ كودىنى چۈشۈرىۋالغانلار قايتا چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەيسىلەر. ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ تورداشلارغا ئاۋارىچىلىق كەلتۈرگىنىمنى كەچۈرگەيسىلەر.
ھە راست تارىم ئەپەندىم ، ھە نىمە بولسا گوگىل ھېساۋاتىڭىز توختاپ قالماپتۇ -ھە ئۆتكەنكى ۋەقەدە ! ھا ھا ...