-
يېقىندىن بىرى بلوگبۇستىكى تەرجىمىسىز قالغان جايلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، يېڭى ئۇسلۇب ياساش ياكى بلوگبۇس تارقاتقان ئۇسلۇپلارنى تەرجىمە قىلىشقا ۋاقىت ئاجرىتالمىغان ئىدىم. ئاخىرى بۇ ئىشلارمۇ بىرەر قۇر بېسىقتى. بۈگۈن بلوگبۇس تارقاتقان ONKYO ناملىق ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلدىم. بۇ ئۇسلۇب ناھايىتى رومانتىك، چىرايلىق ئۇسلۇپكەن.
بۇ ئۇسلۇپنىڭ تەرجىمە ھۆججىتىگە ئۆتكەن قېتىم دىققەتسىزلىكتىن كۆرمەي قالغان بىر قىسىم خەنزۇچە خەتلەرنىڭ تەرجىمىسى يەنە يېڭىدىن قوشۇلدى. خەنزۇچە تىنىش بەلگىلىرىنىڭ تور كۆرگۈچتە كاتەكچە بولۇپ كۆرۈنىۋېلىش مەسىلىسى تولۇق ھەل قىلىندى.
ئەسكەرتىش: بۇنىڭدىن كېيىن تەرجىمە ھۆججىتى ئايرىم تېما يوللاپ تارقىتىلمايدۇ. ئەڭ يېڭى تەرجىمە ھۆججىتىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، بلوگىمدا تارقىتىلغان ئەڭ يېڭى ئۇسلۇپنىڭ Head ھۆججىتىدىن پايدىلىنىڭ.
-
ئۇسلۇپ شەكلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:
-
بۈگۈن يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ ياسىدىم. بۇ ئۇسلۇپ سىزنى دېڭىز بويىدىكى كوكۇسزارلىقتا سەيلى قىلىۋاتقاندەك رومانتىك كەيپىياتقا چومدۈرىدۇ.
ئۇسلۇپ شەكلىنى ئوڭدىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:
بۇ ئۇسلۇپ يارىغان بولسا چۈشۈرۈۋېلىڭ.
-
« 1982 » ناملىق ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتىم . ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈۋېلىپ ئىشلىتىڭلار.
ئۇسلۇپ رەسىمى: