-
2009-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى «دۇنياقارا» بلوگىدا «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش» دىگەن تېما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم بلوگلار بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، بلوگىدىكى تېمىلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىپ، ئۆز بلوگىدىكى قايسى مەزمۇندىكى تېمىلارنىڭ تورداشلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالىدىغان بولدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق بلوگىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بىكىتىپ، قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا خېلى داڭلىق بلوگلاردىن بولۇپ قالدى. بىراق «يازاي» بلوگىدىكى «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش كودىنى ئىشلەتكەنلەر سەمىگە» دىگەن تېمىدا دىيىلگەندەك، بلوگدا گوگىل، ئالىماما قاتارلىقلارنىڭ ئېلانىنى قويىۋالغانلار «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش» نىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلمىدۇق.
-
بۇ ئۇسلۇپ ئاق، يېشىل ۋە كۆك رەڭنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بلوگگېر دوستلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-
بلوگگېر دوستلارنىڭ بلوگ ھەققىدە ياردەم سورىغان سۇئاللىرىنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىشى ھەم ئوخشاش سۇئال ۋە جاۋابنىڭ قايتا-قايتا تەكرارلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بلوگگېر دوستلارنىڭ يولۇققان مەسىلىلەرنى تىز ھەل قىلىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم. بلوگگېر دوستلارنىڭ ئىلگىرى سورىغان بىر قىسىم مۇھىم ياردەم سۇئاللىرى ھەم ئۇنىڭ جاۋابلىرىنى بۇ تېما ئاستىغا بىر-بىرلەپ يۆتكەپ كېلىمەن. بلوگگېر دوستلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق مەزمۇندىكى ئىنكاسلارنى يازغاندا، ئىنكاسنى ماس كەلگەن تېما ئاستىغا يوللىشىنى، ئەگەر ئىنكاسقا ماس كېلىدىغان تېمىنى تاپالمىغاندا، ئىنكاسنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېما مەزمۇنى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىنكاسلار بۇنىڭدىن كېيىن بىردەك ئۆچۈرۈلىدۇ ھەم جاۋاب بېرىلمەيدۇ. مېنىڭ بۇنداق دىيىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىر قىسىم سەزگۈر بلوگگېرلار ئاللىقاچان بىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئوخشاش بىر تېما ئاستىدىمۇ ئاللىقاچان جاۋاب بېرىلىپ بولغان سۇئالنى قايتا سورايدىغان، تېما مەزمۇنىنى ئوقۇپلا، ئاستىدىكى ئىنكاسلار ۋە جاۋابلارنى ئوقۇمايدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ. ئوخشىمىغان تېما ئاستىدا ئوخشاش سۇئال سوراش ئەھۋالىنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. شۇڭا يۇقۇرقىدەك ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، بلوگگېر دوستلارنىڭ بۇنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-
بلوگ ئۇسلۇپلىرىنىڭ ئىچىدە خانىم-قىزلارغا ماس كەلگۈدەك ئۇسلۇپلارنىڭ كام بولۇش ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، «گۈلبەرگى» ئۇسلۇبىدىن كېيىنكى يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ «گۈلپەرى» نى ئىشلەپ چىقتىم. بۇ ئۇسلۇپ كىشىگە بىر خىل ئازادە، يورۇق، رومانتىك كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ.
ئۇسلۇپ شەكلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:
-
بۈگۈن يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ ياسىدىم. بۇ ئۇسلۇپ سىزنى دېڭىز بويىدىكى كوكۇسزارلىقتا سەيلى قىلىۋاتقاندەك رومانتىك كەيپىياتقا چومدۈرىدۇ.
ئۇسلۇپ شەكلىنى ئوڭدىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:
بۇ ئۇسلۇپ يارىغان بولسا چۈشۈرۈۋېلىڭ.
-
بۇ ئۇسلۇپ بلوگىمنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبى ۋە «ئەتىرگۈل ئۇسلۇبى» نىڭ كودلىرىدىن پايدىلىنىپ، بلوگبۇس تارقاتقان «海星蓝» ئۇسلۇبىنىڭ تەگلىك رەسىملىرىنى ئىشلىتىپ ياسالغان. بۇ ئۇسلۇپنى ئىنىم يەنى باغۋەن بلوگى (http://baghwen.blogbus.com) نىڭ بلوگگىرى خېلى ئۇزۇندىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. قارىسام بەزىلەر باغۋەن بلوگىغا بۇ ئۇسلۇپنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس يېزىپتۇ. شۇڭا بۇ ئۇسلۇپنى ئاشكارا تارقىتىشنى قارار قىلدىم.
-
بۇ ئۇسلۇپ شەكىل جەھەتتىن ئايال (قىز) بلوگگېرلارنىڭ ئىشلىتىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەلۋەتتە ئەر (ئوغۇل) بلوگگېرلار ياقتۇرۇپ قالغان بولسا، ئۇلارنىڭمۇ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت.
-
تورداشلار بلوگىمنىڭ ئوڭ تەرەپ يان بۆلىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە دىققەت قىلدىمىكىن؟ تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان جايغا قاراڭ:
-
2 يېرىم ئاي بولۇپ قاپتۇ يېڭىدىن بىرەر ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلمىغىلى. 10 كۈننىڭ ئالدىدا بلوگبۇس Metal Wiredrawing ناملىق ئۇسلۇپنى تارقاتقان ئىدى. بۇ ئۇسلۇپمۇ خېلى چىرايلىقكەن. بلوگگېر ئۇستاملاردىن بىرەرسى گاچچىدە تەرجىمە قىلىۋېتەمدىكىن دەپ ساقلىسام، ھەممەيلەن ئالدىراش بوپ كەتتىمۇ-قانداق؟ بلوگگېر ئۇستاملاردىن ھىچ بىر سادا يوق. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سەل بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن. شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئېھتىياجلىقلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.
-
ئەگەر يانفونىڭىز ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللايدىغان يانفون بولسا ھەم يانفونىڭىزنىڭ تورغا چىقىش مۇلازىمىتىنى ئاچتۇرغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا تۆۋەندىكى ئادرىس ئارقىلىق تارىم بلوگىنى يانفون ئارقىلىقمۇ زىيارەت قىلالايسىز.
-
دوستلار دىققەت قىلدىمىكىن، بلوگىمدىكى تېما ماۋزۇسى، ئىنكاس، تور بەت ئۇلىنىشلىرى قاتارلىق ئۇلترا ئۇلىنىش قىلىنغان ھەر قانداق بىر خەتنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئېلىپ كەلسەك، خەت ھەر خىل رەڭدە پىلدىرلاپ يۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق ئەمەلگە ...
-
بۈگۈن 8-bit ناملىق ئۇسلۇپ تارقىتىلىپتۇ، ئۇسلۇپ خېلىلا چىرايلىقكەن، شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئۇسلۇپقا ئېھتىياجى بارلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.
ئەسلىدىكى خەنزۇچە ئۇسلۇپنىڭ كۆرگەزمە ئادرىسى
ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپنىڭ كۆرگەزمە ئادرىسى
-
بۈگۈن يەنە بىر ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلدىم. بۇ ئۇسلۇپ تۆۋەندىكى ئادرىستىكى بلوگنىڭ ئۇسلۇبىكەن.
ئۇسلۇپ شەكلىنى ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر.
ئۇسلۇپ رەسىمى:
-
تۈنۈگۈن Blogbus يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىپتۇ. ئۇسلۇپ شەكلى خېلى چىرايلىقكەن. شۇڭا ئۇنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ياراپ قالسا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر.
ئۇسلۇپ رەسىمى:
-
ئاۋال 模板设置 دىكى 首页布局 نىڭ ئاستىدىن 副栏 گە 自定义HTML دىن بىرنى قوشىمىز. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى چاپلايمىز: