ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • گولف توپ ئۇسلۇبى تارقىتىلدى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    بۇ ئۇسلۇپ ئاق، يېشىل ۋە كۆك رەڭنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بلوگگېر دوستلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئۇسلۇپ رەسىمى:

    كۆرگەزمە ئادرىسى: http://qanat.blogbus.com

    ئۇسلۇپ كودىنى بۇ ئادرىستىن چۈشۈرۈڭ:

    http://filer.blogbus.com/4293141/resource_42931411275732791y.rar

     ئەسكەرتىش: 2010-يىل 6-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن چۈشۈرۈۋالغانلار قايتا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار. چۈنكى بۇرۇن تەگلىككە ئىشلىتىلگەن رەسىملەرنى بابابىيەنگە يوللىغان. ھازىر بابابىيەنگە يوللىغان رەسىملەر بلوگبۇستا ئېچىلمايدىغان بولغاچقا، رەسىملەرنى قايتىدىن بلوگبۇسنىڭ ئۆزىنىڭ بوشلۇقىغا يوللىدىم. ئۇسلۇپ ئەمدى نورمال كۆرۈنىدۇ. Head ھۆججىتىگە ئەڭ يېڭى تەرجىمە كودىنى ئىشلەتتىم. ئىنكاس رامكىسىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش كودىنىمۇ قوشۇپ قويدۇم.


    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • [dAva:1]ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تارىم ئەپەندى. مەن بلوە ئىسمىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئويلاشقان. ياردەم قىلسىڭىز.
      تارىم回复QAWANDAZLAR说:
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. تەتىلدە يۇرتقا بېرىش سەۋەبى بىلەن ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالمىدىم، كەچۈرۈڭ.
      ئارقا سەھنىدىكى 管理中心 دىكى 个人信息设置 نىڭ ئاستىدىكى 基本信息 دىگەن تۈرنىڭ ئىچىدە 昵称 دىگەن بىر يەر بار. ئاشۇ يەردىكى پىنيىنچە يېزىۋالغان ئىسمىڭىزنى ئۇيغۇرچىگە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
      ئۆتكەندە بىر ئىنكاسىڭىزدا مۇشۇنداق ئۆزگەرتسە تېمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش كودى نورمال ئىشلىمەي قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپتىكەنسىز. خاتىرجەم بولۇڭ، بۇنىڭ تېمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش كودى بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
      2010-08-24 00:06:00
    • بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەنتىم لىكىن تىمىغا ئىنكاس يازىدىغان كاتەك يوقكەن ياردەم قىلامسىز مەن ئامال قىلىپ سىزنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قۇياي باشقۇرغۇچى سايلاشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن
      تارىم回复altunanqar说:
      ئىنكاس يازىدىغان كاتەكچىنىڭ كۆرۈنمەسلىكى ئۇسلۇب بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئېچىلغان بەتنى قايتا قايتا يېڭىلىسىڭىز كۆرۈنىدۇ.
      2010-07-24 22:19:56
    • قانداق ئىشلىتىدۇ.مەنيىڭى تىزىملاتقان بىلەلمىدىم
      تارىم回复AKIL IDRAK BLOG说:
      ئاۋال دۇنياقارا بلوگىدىكى «بلوگبۇسنى ئىشلىتىش قوللانمىسى» نى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ.
      2010-06-16 19:10:01
    • ھېچ قانداق ئۆزگەرتمىدىم بولمىسا شۇ پېتى كۈچۈرگەن يەنىلا يرېاق چىقىۋالدى چانات بلوگىدىمۇ شۇنداقكەن
      تارىم回复پادىشاھ 说:
      ئوڭ يان تەرەپتىكى Sdebar قىسمى بىلەن سول تەرەپتىكى تېما مەزمۇنى بار يەرنىڭ ئارىلىقى 1 سانتېمىتېرمۇ كەلمەيدۇ. مۇشۇمۇ كەڭرى كۆرۈنىۋاتامدۇ؟ «چانات بلوگى» ئەمەس، «قانات بلوگى»
      2010-06-09 22:30:39
    • ئاداش بۇ ئۇسلوپنى ياخشى لاھىيلەپسىلەر لېكىن مەن بلوەقا قاچىلىسام يان تەرەپ سىتون بىلەن تىما سىتونى ئارلىقى سەل يېراق چىقىۋالدى مۇشۇنى بىر ھەل قىلىۋەتكەن بولساڭلار بوپتىكەن ، يا مەن ئۈزۈم ئوڭشالمىدىم
      تارىم回复پادىشاھ 说:
      كۆرگەزمە ئادرىستىكى بىلەن ئوخشاش چىقمىدىمۇ؟ css قا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەنسىز؟
      2010-06-09 13:12:37
    • رەخمەت
      تارىم回复پادىشاھ 说:
      ئەرزىمەيدۇ.
      2010-06-05 18:35:15
    • assalamu alaykum tarim apandi yahximusiz? uzun boluptu salam saatmu kilixmaptuk , xunga bu sizni yoklap kaldim , hox allga amanat
      تارىم回复ئەتتىرگۈل说:
      ۋەئەيكۇم ئەسسالام. يوقلاپ كەلگىنىڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم. رەھمەت سىزگە.
      2010-06-04 01:33:38
    • assalamu alaykum tarim apandi yahximusiz? , bu ketim tor asliga kalganda sizning qq ringizmu manda yok turidu , mumkin bolsa meni koxuweling 791473617,hox aman bolung !
      تارىم回复ئەتتىرگۈل说:
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قوشۇۋالدىم.
      2010-06-04 01:31:59
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماڭا بۇ ئۇسلۇپنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسڭىز
      تور مەكتۇپ :kokturk@sina.com
      تارىم回复abdulla说:
      ئاستىدا چۈشۈرۈش ئادرىسى بارغۇ.
      2010-05-31 18:03:28
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تارىم ئەپەندىم قانداق ئەھۋاللىرى ؟!! شۇنداق قىلىپ بلوگچىلىق باشلىنىپ كەتتىمۇ ئەمدى ؟!! جاپا چىكىپلا ، ئۇسلۇب نورمال ئەمەسكەن ، ئۇسلۇب رەسىملىرى چىقمىدى ...
      تارىم回复Xadlik说:
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ ئۇسلۇپنى مەن ئۆتكەن يىل 6-ئايدا پۈتكۈزگەن ئىدىم . ئۇسلۇپنى يوللاپ بولغىچە تور تاقىلىپ قالدى. ئۇسلۇپ رەسىملىرىنى http://www.bababian.com غا يوللاپتىكەنمەن. ھازىر بلوگبۇس باشقا تور بەتلەرگە يوللىغان رەسىملەرنى قوللىماس بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا رەسىملەر كۆرۈنمەپتۇ. رەسىملەرنى بلوگبۇسنىڭ ئۆزىنىڭ بوشلۇقىغا يوللاپ، ئۇسلۇپ كودىنى قايتا توغرىلاپ قوياي دىسەم، تور سۈرئىتى بەك ئاستا بولغاچقا، رەسىملەرنى يوللىغىلى بولمايۋاتىدۇ. تور سۈرئىتى نورماللاشسا ئوڭشاپ قويىمەن.
      2010-05-18 23:34:01
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.