-
2009-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى «دۇنياقارا» بلوگىدا «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش» دىگەن تېما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم بلوگلار بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، بلوگىدىكى تېمىلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىپ، ئۆز بلوگىدىكى قايسى مەزمۇندىكى تېمىلارنىڭ تورداشلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالىدىغان بولدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق بلوگىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بىكىتىپ، قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا خېلى داڭلىق بلوگلاردىن بولۇپ قالدى. بىراق «يازاي» بلوگىدىكى «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش كودىنى ئىشلەتكەنلەر سەمىگە» دىگەن تېمىدا دىيىلگەندەك، بلوگدا گوگىل، ئالىماما قاتارلىقلارنىڭ ئېلانىنى قويىۋالغانلار «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش» نىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلمىدۇق.
-
بۇ ئۇسلۇپ ئاق، يېشىل ۋە كۆك رەڭنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بلوگگېر دوستلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-
ئۇسلۇپ شەكلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:
-
بۇ ئۇسلۇپ بلوگىمنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبى ۋە «ئەتىرگۈل ئۇسلۇبى» نىڭ كودلىرىدىن پايدىلىنىپ، بلوگبۇس تارقاتقان «海星蓝» ئۇسلۇبىنىڭ تەگلىك رەسىملىرىنى ئىشلىتىپ ياسالغان. بۇ ئۇسلۇپنى ئىنىم يەنى باغۋەن بلوگى (http://baghwen.blogbus.com) نىڭ بلوگگىرى خېلى ئۇزۇندىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. قارىسام بەزىلەر باغۋەن بلوگىغا بۇ ئۇسلۇپنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس يېزىپتۇ. شۇڭا بۇ ئۇسلۇپنى ئاشكارا تارقىتىشنى قارار قىلدىم.
-
بۇ ئۇسلۇپ شەكىل جەھەتتىن ئايال (قىز) بلوگگېرلارنىڭ ئىشلىتىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەلۋەتتە ئەر (ئوغۇل) بلوگگېرلار ياقتۇرۇپ قالغان بولسا، ئۇلارنىڭمۇ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت.
-
«ئەتىرگۈل» ئۇسلۇبىنى بۇرۇن ئارامگاھ ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان. كروران بلوگى ئەڭ بۇرۇن دەل مۇشۇ ئۇسلۇپنى ئىشلەتكەن. مەن بۇ قېتىم بۇ ئۇسلۇپنىڭ بىر قىسىم كام جايلىرىنى تولۇقلىغاچ، بەت كەڭلىكىنى سەل كېڭەيتىپ قويدۇم.
-
تورداشلار بلوگىمنىڭ ئوڭ تەرەپ يان بۆلىكىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە دىققەت قىلدىمىكىن؟ تۆۋەندىكى رەسىمدىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغان جايغا قاراڭ:
-
2 يېرىم ئاي بولۇپ قاپتۇ يېڭىدىن بىرەر ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلمىغىلى. 10 كۈننىڭ ئالدىدا بلوگبۇس Metal Wiredrawing ناملىق ئۇسلۇپنى تارقاتقان ئىدى. بۇ ئۇسلۇپمۇ خېلى چىرايلىقكەن. بلوگگېر ئۇستاملاردىن بىرەرسى گاچچىدە تەرجىمە قىلىۋېتەمدىكىن دەپ ساقلىسام، ھەممەيلەن ئالدىراش بوپ كەتتىمۇ-قانداق؟ بلوگگېر ئۇستاملاردىن ھىچ بىر سادا يوق. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سەل بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن. شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئېھتىياجلىقلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.
-
بۈگۈن 8-bit ناملىق ئۇسلۇپ تارقىتىلىپتۇ، ئۇسلۇپ خېلىلا چىرايلىقكەن، شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئۇسلۇپقا ئېھتىياجى بارلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.
ئەسلىدىكى خەنزۇچە ئۇسلۇپنىڭ كۆرگەزمە ئادرىسى
ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپنىڭ كۆرگەزمە ئادرىسى