-
بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...2009-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى «دۇنياقارا» بلوگىدا «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش» دىگەن تېما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم بلوگلار بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، بلوگىدىكى تېمىلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىپ، ئۆز بلوگىدىكى قايسى مەزمۇندىكى تېمىلارنىڭ تورداشلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالىدىغان بولدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق بلوگىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بىكىتىپ، قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدىلا خېلى داڭلىق بلوگلاردىن بولۇپ قالدى. بىراق «يازاي» بلوگىدىكى «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش كودىنى ئىشلەتكەنلەر سەمىگە» دىگەن تېمىدا دىيىلگەندەك، بلوگدا گوگىل، ئالىماما قاتارلىقلارنىڭ ئېلانىنى قويىۋالغانلار «بلوگدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش» نىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلمىدۇق.
مەن ئۇزۇندىن بۇيان كۆپ جېدەللىشىش ئارقىلىق ئاخىرى بۇنىڭ ئامالىنى تاپتىم. تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزنىڭ ئارقا سەھنىسىگە ئۆتۈپ، Detail-posts بىلەن Index-post نىڭ ئەڭ ئاستىغا چاپلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. كود ئارىسىدىكى Tarim68 دىگەن خەتنى بلوگىڭىزنىڭ ئارقا سەھنىسىگە كىرىشتە ئىشلىتىدىغان ئابونت نامىڭىزغا ئۆزگەرتىۋالسىڭىزلا ئىش تامام.
ئىزاھات: تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، بەزىلەرنىڭ بلوگىدا يازمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماپتۇ. شۇڭا ياخشىسى تۆۋەندىكى تور بەتكە كىرىپ، بلوگىڭىزنى بىر قېتىم تىزىملىتىۋېتىڭ.
http://filer.blogbus.com/4293141/resource_42931411277649564e.htm
بۇ بەتنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئاندىن تۆۋەندىكى مەن تەمىنلىگەن كودنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بەزىدە يۇقۇرىدىكى ئادرىسقا كىرىپ تىزىملاتقاندا this userName has been registratored! دىگەن ئۇچۇرى چىقىۋالىدىكەن، بۇنىڭ مەنىسى «بۇ ئابونت ئاللىقاچان تىزىملىتىپ بولغان» دىگەن بولىدىكەن. شۇڭا قايتا تىزىملىتىمەن دىمەي، بىۋاستە تۆۋەندىكى كودنى ئىشلىتىۋېرىڭ ياكى خالىغانچە ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ، ئەمما بلوگ نامىڭىز چوقۇم توغرا يېزىلىشى كېرەك.
بلوگىڭىزدا ھىچقانداق ئېلان كودى بولمىسا، بىۋاستە ئاشۇ تور بەت چىقىرىپ بەرگەن كودنى ئىشلەتسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئەگەر بار بولسا ياكى كېيىنچە بلوگىڭىزغا ئېلان قويۇشنى ئويلاشسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مەن تەمىنلىگەن كودنى ئىشلىتىڭ.
http://filer.blogbus.com/4414041/resource_44140411275996648s.js">>ئەسكەرتىش: بۇ كود ئالىماما ئېلانىنى كۆرسە ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق ئېلان بولسىمۇ نورمال ئىشلەۋېرىدۇ. ئۈنۈمىنى مېنىڭ بلوگىمدىن كۆرۈڭ.
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
ئەسكەرتىش: ئاخىرىغا قوشىدىغان center نىڭ سول تەرىپىدە ئاۋۇ يانتۇ سىزىق. جاۋابنى يېزىپ بولۇپ قارىسام يانتۇ سىزىق سېنتېر دىگەن خەتنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتىۋاپتۇ،
سەھرا بلوگنىڭ ئۇسلۇبى ئالماشتى، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ سەرخىل مەزمۇنلار ھوزۇرىڭىزدا بولغۇسى!!
بىر نەچچە قېتىم سىنساممۇ مېنىڭ بلۇگۇمدا بۇ كود ئىشلىمەيدۇيا؟ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا تۇرىدۇ. بولمىسا سىز دېگەن تور بىكەتكە تىزىملىتىپ چىقىرىپ بەرگەن كودنى ئىشلەتكەنتىم.
بلوگدا گوگىل، ئالىماما، تاۋباۋ ، ...... قاتارلىقلارنىڭ ئېلانى بولسا، بۇ كودنى قويغاندا ھېلىقىدەك خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالىدۇ. سىز يۇقۇرقى كودتىكى JS ھۆججىتىنىڭ ئادرىسىنى مەن مۇشۇ تېمىدا كۆرسەتكەن ئادرىسقا ئۆزگەرتىڭ. ياكى بولمىسا تۆۋەندىكى كودنى ئىشلىتىڭ:
1359674155@qq.com
ppadixah@gmail.com
padixa51@126.com