ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • چاپسان چىققىن مائاشىم - [ھېكايە-شېئىرلار]

    چاپسان چىققىن مائاشىم

    ئابدۇۋارىس غوپۇر

     

    يانچۇق ياتار نىمجان بوپ، قول سالغۇدەك يۈزۈم يوق...

    يـارىـم تـۈردى قـاپاقـنى، چـاپـسـان چىـقـقىـن مـائـاشـىم!

    دەيـدۇ ئـاتـام: كـەلـمـىـسـەڭ ســاڭـا بـاقـار كـۆزۈم يـوق!

    چىقاردىم ئاق بـايراقـنى، چـاپـسـان چىـقـقـىن مـائـاشـىـم!

    خەتكۈچ:شېئىر مائاش
  •  ﺩﻩﺭﺳﺨﺎﻧﯩﺪﺍ <<ﺳﯩﻤﺎﮔﯘﺍﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﺸﻨﻰ ﭼﯧﻘﯩﺸﻰ>> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻫﯩﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﭖ ﺑﯘﻟﯘﭖ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻬﻨﯩﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﻬﺎﻣﻼﻧﺪﯗﺭﺩﯗﻡ .
    ـــ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ، ﺋﯩﺪﯨﺶ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﯩﻤﻪ؟
    ﯞﺍﻱ ﺗﻮﯞﺍ! ﺑﯘ ﻛﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻟﯘﻗﺴﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯩﺪﯨﺸﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﯩﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ ؟ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺩﻭﺳﻜﯩﻐﺎ ﺋﯩﺪﯨﺸﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺩﯨﺪﯨﻢ، ـــ ﺋﯩﺪﯨﺶ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﻗﺎﭼﺎ.
    ـــ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘﻝ ؟
    ـــ ﺑﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪﻥ، ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍ ! ـــ ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﻯ، ـــ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﺋﯩﺪﯨﺶ ﺑﻪﻛﻼ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻣﻪﻥ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﻮﻳﯘﻣﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﯟﻩﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ.

    خەتكۈچ:
  •  

  • بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر - [ھېكايە-شېئىرلار]

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

    1921-يىل

    جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر؟

    ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر؟

     

    جاھاننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،

    بىرسىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.

     

    ئىلىمنىڭ ئىجدىھادىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،

    ئوقۇرمىز - ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.

    خەتكۈچ:شېئىر 诗歌
  • «ئەپەندى» بولماق① - [ھېكايە-شېئىرلار]

    ئاپتورى: لۇتپۇللا مۇتەللىپ

     

    __ بۇ يىل ئون ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ئۇكام،

    بۇ، ئەپەندى بولماق مېنى بىر بالاغا سالدى، ئۇكام.

    شۇ ئون ئىككى يىل ئىچىدە ساقىلىمنى قىرىپ يۈردۈم،

    كەينى يېرىق چاپانلارنىمۇ كىيىپ يۈردۈم،

    لېكىن «ئەپەندى» دىگۈچىلەرنى ھىچ كۆرمىدىم، ئۇكام،

    بىر جاۋاب بەرسىڭىزچۇ، «ئەپەندى» دىمەسكە يەنە نىمەم كام؟

  • توخو، سۆسەر ھەم چاشقان - [ھېكايە-شېئىرلار]

    توخۇ، سۆسەر ھەم چاشقان بىللە ياشايدىكەن، كۇنلەردىن بىر كۈنى توخو ئازراق بۇغداي تېپىپ خوشاللىغىدا:

    ــــــــ بۇغداي تاپتىم، بۇغداي تاپتىم، ئەمدى ئۇن تارتىش كېرەك. خوش، بۇغداينى كىم تۈگىمەنگە ئېلىپ بارىدۇ؟ ــــــــ دەپتۇ.

    ــــــــ مەن ئېلىپ بارمايمەن، ــــــــ دەپتۇ سۆسەر.

    ـــــــــ مەن ئېلىپ بارمايمەن، ــــــــ دەپتۇ چاشقان.

    توخو بۇغداينى ئۆزى تۈگىمەنگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇن تارتىپتۇ.

  • ھورۇن ئىشەك - [ھېكايە-شېئىرلار]

    بىر كىشى ئىككى ئىشەككە يۈك ئارتىپ يولغا چىقىپتۇ. بىر ئىشەكنىڭ يۈكى ئېغىرراق، يەنە بىرسىنىڭ يېنىكىرەك ئىكەن. ئىشەكنىڭ بىرسى يەنە بىرسىدىن ياردەم سوراپ:

    ـــــــ ئاكا، بولالمىدىم، بىر ئاز ياردەم قىلساڭچۇ، ـــــــ دەپتۇ.

    ـــــــ نېمە كارىم، ــــــــ دەپتۇ يەنە بىر ئىشەك، ــــــــ مەن كېتىۋېرىمەن.

    ...................

  • «0» نىڭ قىممىتى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    1982-يىلى مەلۇم بىر ئونۋېرىستىتنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىقتىساد ئىلمىدىن دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسكە كىرىشىنى كۈتۈپ تۇرۋاتاتتى. شۇ ئارىدا قاتتىق قول ئۇستازىنىڭ قارىسى كۆرۈندى. ئۇ بالىلارغا سوغۇق نەزەردە قاراپ قويۇپ، بور بىلەن دوسكىغا يوغان قىلىپ «1 » رەقىمىنى يازدى.

    ـــ قاراڭلار، ــــ دېدى ئۇ ۋەزىنلىك ئاھاڭدا، ـــــ مانا بۇ رەقەم ئىنسانىيلىقنى بىلدۈرىدۇ. ئىنسانىيلىق ــــ بۇ ھاياتلىقتا بىزگە بېرىلگەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىدۇر.

    ئاندىن ئۇ «1» رەقىمىنىڭ ئارقىسىغا «0» رەقىمىنى يېزىپ:

     
  • روزى ھېيىت-ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچش بايرىمى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    بۇ يىل9-ئاينىڭ 30-كۈنى ناھىيىلىك خةلق دوختۇرخانىسىدا بارلىق دوختۇر-سېستىرالارغا جىددىي يىغىن ئېچىلدى.

    _ــ ئالدىمىزدا دۆلةت بايرىمى،شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ھېيىتى كېلىۋاتىدۇ، _ــ دېدى دوختۇرخانا باشلىقى كۆزئةينةك ئاستىدىكى كۆزلىرىنى كۆپچىلىككة تةكشى بىر قېتىم يۈگۈرتۈپ چىقىپ، _ــــ شۇڭا بۈگۈن دۆلةت بايرىمى ۋة روزى ھېيىت جةريانىكى پةۋقۇلئادة ئةھۋالغا قارىتا ھازىر بۇ يىغىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز . ھةممةيلةن قۇلۇقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار!

    بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيى بولغاچقا ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار روزا تۇتتى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار گةرچة رۇزا تۇتمىغان بولسىمۇ، بىراق جامائةت پىكىرىنىڭ ئةيىپلىشىدىن قورقۇپ قانغۇچة ھاراق ئىچةلمةي ئىچى بةكمۇ تىتىلداپ كةتتى. ھازىر ھاۋا سالقىن، شۇڭا ئۇلار روزى ھېيىت كىرىشى بىلةنلا مةسچىتتىن يىنىپلا موتۇ، ھارۋا، تىراكتور ۋة ماشنىلارنى بولۇشىغا ھةيدةپ، ئۆيمۇ-ئۆي، رېستۇرانمۇ- رېستۇران ھېيىتلاشنى باشلايدۇ. .......................

  • مۇئەللىمنىڭ مۇئاشى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    زېرىككەننى ئويناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    ئۇخلىغاننى ئويغاتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    بەزمىلەرنى قايناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    يەپ- ئىچكۈزۈپ يايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
    گاچىنىمۇ سايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى.

  • ئانا تىلىم - [ھېكايە-شېئىرلار]

    ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر،
    ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر،

  • ئۇيغۇر تىلى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى ،
    مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى ،
    بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى ،
     مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،
    بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى .

  • چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ھەمراھ قىسقارتىشى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋدىن يەنە قۇرۇق قول قايتتى،ئۇ جاڭگالنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئوۋلايدىغان جانىۋارلارنىڭ كۈنسايىن ئازىيىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندى.ھاياتتىكى تىرىكچىلىك غېمى ئۇنى ساراسىمگە سالدى.يېنىدىكى ئالتە جانغا ئوزۇقلۇق يېتىشتۈرۈش مەسىلىسى ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇردى.
    ئۇجاڭگالدىن شەھەرگە،ھېچبولمىغاندا ئوزۇقلۇق زاپىسى مول  جايغا كۆچۈپ كېتىش نىيىتىگە كەلدى.لېكىن ئۇ كىچىكىدىنلا ئەركىن يايراپ ئۆسكەن بۇ جاڭگالنى تاشلاپ كېتىشكە زادى قىيمىدى.خۇددى باشقا جايغا بارسا كۆنەلمەيدىغاندەك،ئۆزىنى تېخىمۇ بىچارە بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى.
    ئۇ ئۇزاق ئويلاندى.

  • مۇئەللىممەن !.... - [ھېكايە-شېئىرلار]

    مىنى شۇنداق ئاتايدۇ ئەل ، مۇئەللىمدۇر ئاتاق نامىم ،

     تەسەددۇق ئەل-ۋەتەن پەرزەنتلىرىگە بۇ ئەزىز جانىم ،

    قاراڭغۇ دىلنى يۇرۇتماق ئۈچۈن يانغاچ ئۆمۈر شامىم ،

    نادانلىققا مىنۇت تاقەت قىلالماس قىلچە ۋىجدانىم ،

     شۇڭا مۇنبەردە جان بەرمەك ئەبەتلىك ئارزۇ-ئارمانىم.

    ..................

  • بىر كۈنى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    بالاڭ ئازسا، ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
    ئامان بولسا ، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.
    خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،
    ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى.