ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • چاپسان چىققىن مائاشىم - [ھېكايە-شېئىرلار]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    چاپسان چىققىن مائاشىم

    ئابدۇۋارىس غوپۇر

     

    يانچۇق ياتار نىمجان بوپ، قول سالغۇدەك يۈزۈم يوق...

    يـارىـم تـۈردى قـاپاقـنى، چـاپـسـان چىـقـقىـن مـائـاشـىم!

    دەيـدۇ ئـاتـام: كـەلـمـىـسـەڭ ســاڭـا بـاقـار كـۆزۈم يـوق!

    چىقاردىم ئاق بـايراقـنى، چـاپـسـان چىـقـقـىن مـائـاشـىـم!

     

    تـېـلــفـۇن قـالـدى ئېتـىلـىـپ پـۇل تـۆلـىـمـەي نـىـسـىـگـە،

    كـەپـتـۇ تېـخى سەكـسەن سـوم، ئۇنـدا كـۆمـۈر گـېزىگـە؛

    ئىـشىـك چـەكسـە تـوكچـىلار مـۆكتـۈم كـارۋات تېـگىگـە،

    قــارىـمــايــدۇ مـۈشـۈكــۈم پـۇراپ قــالـغــان بــېـزىـگــە،

    يـامـاپ كىيـدىم ئايـاقـنى، چاپسـان چىقـقىن مائ اشىم!

     

    مـاڭـدىـم بـۈگۈن پـىـيـادە، مـوتۇيـىمـنىـڭ مېـيـى يـوق...

    ئوڭ پـاي ئـايـاق قىيـسىيىپ قالـدى ئازراق چېـمى يـوق،

    ئۆيـگە قـايتـســام مـەرەيدۇ ئـۆچـكىـنىـڭـمۇ يېـمى يـوق،

    بـۇ دۇنـيـادا بــارمـىـدۇر بـىـرەر ئىـنـســان غـېـمـى يـوق؟

    چوكـا قىلـدىم تـايـاقـنى، چـاپـسـان چىقـقىـن مـائـاشىم!

     

    داتـلىـشـىـپـتـۇ قـازانـمـۇ تـامـاق ئەتـمـەي بىـر ھـەپـتـە،

    قـاپتۇ سېـسىق بىر تـۇخـۇم شۇنچـە يـوغـان سېـۋەتتـە؛

    ئـۆلـدى تـېـخى ئـۆچكـەممۇ ئۇن سـالمىغـان ھـەلەپتـە،

    تـاماق يىمـەي تاۋىـم يوق ئولتـۇرمىـدىم «ئەدەب» تە،

    مـانتـا سـالدىم قـاپاقنى، چـاپـسـان چىقـقىن مائاشىم!

     

    ئـاتـام يـۈرسـە ئـالىـيىپ، ئـانـام قـاينـاپ چـۆگـۈنـدەك،

    پـۇل بـولمىسا پەرزەنـتمـۇ بولمـاق تەسكەن كـۆڭۈلـدەك،

    يارىم ئەمدى گـەپ قىلمـاس بولـدى تاتلـىق-تۈرۈمدەك،

    ئـازاپـلــىـنـىـپ بــاقـمـىـغـان ئىـدىـم ئـەسلا بـۈگـۈنـدەك،

    كـۆرمـىـدىـڭـمۇ چـاتاقـنى، چاپسـان چىقـقىن مـائـاشـىم!

     

    بـانـكـا كـارتــام تـىـلەيـدۇ باشـلـىـقـىـمـغـا ئىـنـسـاپـنـى،

    سـوقـسـا ئـەسـلـى تـوغرىدى كۈن ئۆتكۈزمەي ھېساپنى،

    يـاتــاق ئـۆيـۈم قـاراڭـغــۇ ئـوقـۇي دىـسـەم كـىـتـاپـنــى،

    يـوقـسـۇزچـىلىـق دەردىـدە قـىـلـدىم شـۇڭـا خـىـتـاپـنـى،

    سەتتۇر يىسەم شاپاقنى، چـاپـسان چـىقـقىن مـائـاشىم!

    分享到:

    历史上的今天:

    توشقان 2009-04-08
    خەتكۈچ:شېئىر مائاش
  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !




    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.