-
ماتېماتىك چىن جيۇشاۋ (秦九韶) - [ماتېماتىكا تارىخى]
چىن جيۇشاۋ تەخمىنەن مىلادى 1208-يىلى تۇغۇلۇپ 1268-يىلى ۋاپات بولغان، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ماتېماتىك، تەخەللۇسى گۇداۋ، لۇجۈنلىك (ھازىرقى شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ زىياڭ،چۈيفۇ ئەتراپى). ئەسەرلىرىدىن 18 توملۇق «توققۇز بابلىق ماتېماتىكا» (1247-يىلى) بار. «كېڭەيتىلگەن بىرگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى» (پۈتۈن سانلار نەزەرىيىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك قالدۇقداش ئىپادىلەرنى يېشىش) ۋە «مۇسبەت، مەنپى يىلتىز چىقىرىش ئۇسۇلى» (رەقەم كوئېففىتسېنتلىق يۇقۇرى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنىڭ يىلتىزىنى تېپىش ئۇسۇلى) قاتارلىقلار ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئالدىنقىلارنىڭ يىلتىز تېپىش ئۇسۇلىنى يەكۈنلەپ ۋە مۇستەھكەملەپ، ئۇنى رەتلىك ۋە سېستىمىلىق ھالدا ھەرقانداق تەڭلىمىنىڭ راتسىئونال ياكى ئىرراتسىئونال يىلتىزىنى تېپىشقا تەدبىقلىغان. بۇلار ماھىيەتتە «خورنېر ئۇسۇلى» بىلەن تامامەن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن خورنېردىن 572 يىل بۇرۇن قىلىنغان ئىشلار.
چىن جيۇشاۋنىڭ ھەيكىلى
چىن جيۇشاۋ خاتىرە سارىيى
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.