ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • لوگىكا ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى توغرىسىدا (6) - [لوگىكا ھەققىدە]

    (3) ئابىستراكىتلاش ۋە يىغىنچاقلاش

    ئابىستراكىتلاش تەپەككۈردە ئوبىكىتنىڭ پەقەت ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىلا پەرقلەندۈرۈپ، قالغان غەيرى ماھىيەتلىك، مۇھىم بولمىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى ئايرىۋېتىدىغان ئۇسۇلدۇر.

    ئابىستراكىتلاش نەتىجىسى ئابىستراكىتسىيىلەشتۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ.

    يىغىنچاقلاش تەپەككۈردە بىر خىل تۈردىكى ئوبىكىتلارنىڭ ئورتاق ماھىيەتلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي تۈردىكى خۇسۇسىيەتلەر قىلىپ بىرلەشتۈرۈشتۇر.

    ئابىستراكىتلاش ۋە يىغىنچاقلاش ـــ بىر پۈتۈن ئايرىغىلى بولمايدىغان جەريان. ئوبىكىتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئايرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە ئوبىكىتنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىمىز.

  • ماتېماتىك چېن جيەنگۇڭ 陈建功 - [ماتېماتىكا تارىخى]

    چېن جيەنگۇڭ (تەخەللۇسى يېچېڭ 业成 ) ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى. ئۇ خۇا لوگېڭ، سۇ بوچىڭلار بىلەن بىللە «جۇڭگۇنىڭ ھازىرقى زاماندىكى 3 چوڭ ماتېماتىكا ئالىمى» دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1893-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان. جېجياڭ شاۋشىڭلىق. 1913-يىلىدىن 1929-يىلىغىچە 3 قېتىم ياپۇنىيىگە چىقىپ ئوقۇغان. 1929-يىلى ياپۇنىيە شەرقى شىمال ئىمپىرىيە ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ تەبىئىي پەنلەر بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1929-يىلىدىن 1952-يىلىغىچە جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پروففىسورى بولغان.1952-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە فۇدەن ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ پروففىسورى بولغان. 1953-يىلى «3-سىنتەبىر» ئىلمىي جەمىيىتىگە قاتناشقان ھەم «3-سىنتەبىر» ئىلمىي جەمىيىتى مەركىزى كومىتىتىنىڭ ھەيئىتى بولغان. 1955-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيىسى ماتېماتىكا، فىزىكا، خېمىيە بۆلۈمىنىڭ ئاكادىمىكى بولغان. ئۇ ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ جۇڭگۇ ماتېماتىكا جەمىيىتىنىڭ ھەيئىتى، مۇئاۋىن باشلىقى، 1- ، 2- ۋە 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1959-يىلىدىن 1971-يىلىغىچە خاڭجو ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ پروففىسورى، مەكتەپ مۇدىرى بولغان.

  • ماتېماتىك چىن جيۇشاۋ (秦九韶) - [ماتېماتىكا تارىخى]

    چىن جيۇشاۋ تەخمىنەن مىلادى 1208-يىلى تۇغۇلۇپ 1268-يىلى ۋاپات بولغان، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ماتېماتىك، تەخەللۇسى گۇداۋ، لۇجۈنلىك (ھازىرقى شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ زىياڭ،چۈيفۇ ئەتراپى). ئەسەرلىرىدىن 18 توملۇق «توققۇز بابلىق ماتېماتىكا» (1247-يىلى) بار. «كېڭەيتىلگەن بىرگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى» (پۈتۈن سانلار نەزەرىيىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك قالدۇقداش ئىپادىلەرنى يېشىش) ۋە «مۇسبەت، مەنپى يىلتىز چىقىرىش ئۇسۇلى» (رەقەم كوئېففىتسېنتلىق يۇقۇرى دەرىجىلىك تەڭلىمىلەرنىڭ يىلتىزىنى تېپىش ئۇسۇلى) قاتارلىقلار ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان.

  • 2010-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا ئىجتىمائىي پەن ئىمتىھان سۇئالىنىڭ جاۋابلىرى

  • 2010-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا ئىجتىمائىي پەن ئىمتىھان سۇئالى

  • 2010-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا تەبىئىي پەن ئىمتىھان سۇئالىنىڭ جاۋابلىرى

  • لوگىكا ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى توغرىسىدا (2) - [لوگىكا ھەققىدە]

    2. لوگىكا

    كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىدە، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىدە، ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە بىر تۈرلۈك توغرا تەپەككۇر كېرەك. توغرا تەپەككۇر دېگىنىمىز ئېنىق، باش ئاخىرى بىردەك، زىددىيەتسىز، ئاساسى بار تەپەككۇردۇر.

  • بىرلەر خانىسى 5 بولغان 2 خانىلىق سانلاردىن 15، 25، 35، 45، 55، 65، 75، 85، 95 قاتارلىق 9 دانە سان بار. بۇ سانلارنى كۋادىراتقا كۆتۈرۈشنى كۆڭۈلدە ھېسابلاش ناھايىتى ئاسان. ئاۋۋال بۇ سانلارنىڭ كۋادىراتىنى تەپسىلىي كۈزىتىپ باقايلى:

     

  • 100 تۇخۇ - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    (جۇڭگونىڭ قەدىمقى مەسىلىسى)

    بۇ مەسىلە جۇڭگونىڭ قەدىمقى ھىساب كىتابى «جاڭ چىيۇنىڭ ھىسابلاش رىسالىسى» دىن ئېلىندى.

    خورازنىڭ ھەر بىرى 5 يارماق، مىكىياننىڭ ھەر بىرى3 يارماق، 3 چۆجە بىر يارماق بولۇپ، 100 يارماققا 100 دانە توخۇ سېتىۋېلىنغان بولسا، بۇ 100 توخۇدىن قانچىسى خوراز، قانچىسى مىكىيان ۋە قانچىسى چۆجە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

  • تەڭگە پۇل تاشلاش - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    يالقۇن، دولقۇن، ئۆركەشلەر مەلۇم بىر ئويۇننى ئوينىماقچى بولۇشۇپ، ئويۇن ئويناشتىكى ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىنى مۇنداق دەپ كىلىشىۋالدى:

    5 پۇڭلۇق تەڭگىدىن 2 نى تەڭلا يەرگە تاشلايلى. ئەگەر ھەر ئىككىسى ئوڭ چۈشسە، يالقۇن ئاۋال ئوينىسۇن؛ ئىككىلىسى تەتۈر چۈشسە، دولقۇن ئاۋال ئوينىسۇن؛ ئەگەر بىرى ئوڭ، يەنە بىرى تەتۈر چۈشسە، ئۆركەش ئاۋال ئوينىسۇن. بىرىنچىسى بەلگىلەنگەندىن كېيىن (مەسىلەن، ئۆركەش بىرىنچى بولدى دەيلى)، ئۇلار يەنە بىر تەڭگە پۇل ئوڭ چۈشسە يالقۇن ئىككىنچى، دولقۇن ئۈچىنچى بولىدىغان، تەتۈر چۈشسە، دولقۇن ئىككىنچى، يالقۇن ئۈچىنچى بولىدىغانغا كىلىشتى.

  • ئىككى دىھقان ۋە 100 تۇخۇم - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]

    (چەتئەلنىڭ قەدىمقى مەسىلىسى)

    ئىككى دىھقان جەمئىي 100 دانە تۇخۇمنى بازارغا ئاپىرىپ ساتتى. 

     بىرىنچى دىھقان ئىككىنچىسىگە:

    ـــــ ئەگەر مېنىڭ تۇخۇمۇم سېنىڭكىچىلىك كۆپ بولغان بولسا، 15 كلېتسكە ساتالىغان بولاتتىم، ـــــ دىدى.

    ـــــ مېنىڭ تۇخۇمۇم سېنىڭكىچىلىك بولغان بولسا، ئاران 10 كلېتسكە ساتالىغان بولاتتىم، ـــ دىدى ئىككىنچى دىھقان.

    ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ قانچىدىن تۇخۇمى بار ئىدى؟

    (ئەسكەرتىش: كلېتس بىر خىل پۇلنىڭ نامى).

  • ئەرەپ رەقىمىنىڭ پەيدا بولۇشى - [ماتېماتىكا تارىخى]

    بىز ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان 0، 1، 2، 3، 4، 5، 6، 7، 8، 9 دىن ئىبارەت رەقەملەر پۈتۈن دۇنيادا دىگۈدەك ئوموميۈزلۈك قوللىنىلىدۇ. بۇلار ئەرەپ رەقەملىرى دەپ ئاتىلىدۇ. لېكىن، بۇ رەقەملەرنى ئەرەپلەر كەشىپ قىلماستىن، بەلكى ھىندىستانلىقلار كەشىپ قىلغان.

    بۇنىڭدىن تەخمىنەن 1500 يىللار ئىلگىرى ئەرەپ ئىمپىرىيىسى تازا گۈللەنگەن مەزگىل ئىدى. ئەرەپ ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان باغداد، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ، «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى» دەپ ئاتالغان.

  •  

  • 2009-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا ئىجتىمائىي پەن ئىمتىھان سۇئالىنىڭ جاۋابلىرى

  • 2009-يىللىق ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا ئىجتىمائىي پەن ئىمتىھان سۇئالى