ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



QQ: ھازىر تارىم بلوگى قۇرۇلغىلى
  • بىرلەر خانىسى 5 بولغان ئىككى خانىلىق سانلارنى كۋادىراتقا كۆتۈرۈشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى - [ماتېماتىكا]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    بىرلەر خانىسى 5 بولغان 2 خانىلىق سانلاردىن 15، 25، 35، 45، 55، 65، 75، 85، 95 قاتارلىق 9 دانە سان بار. بۇ سانلارنى كۋادىراتقا كۆتۈرۈشنى كۆڭۈلدە ھېسابلاش ناھايىتى ئاسان. ئاۋۋال بۇ سانلارنىڭ كۋادىراتىنى تەپسىلىي كۈزىتىپ باقايلى:

    بۇ 9 دانە ساننى كۇۋادىراتقا كۆتۈرۈشتىن كېلىپ چىققان نەتىجىلەرگە قارايدىغان بولساق، ھەممىسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى خانىسى (بىرلەر ۋە ئونلار خانىسى) دىكى سان 25.  ئونلار خانىسىنىڭ ئالدىدىكى سان بولسا كۇۋادىراتقا كۆتۈرۈلگۈچى ساننىڭ ئونلار خانىسىدىكى رەقەمنى ئۆزىدىن 1 سى چوڭ بولغان سانغا كۆپەيتكەنگە تەڭ.

    مەسىلەن، 45 نىڭ كۋادراتى 2025 بولسا، دەل ئۇنىڭ ئونلار خانىسىدىكى رەقەم 4 نى ئۇنىڭدىن 1 سى چوڭ بولغان سان 5 كە كۆپەيتىپ، كېلىپ چىققان نەتىجە 20 نىڭ كەينىگە 25 نى يېزىپ قويغانغا باراۋەر.

    يەنە مەسىلەن، 65 نىڭ كۋادراتى 4225 بولسا دەل ئۇنىڭ ئونلار خانىسىدىكى رەقەم 6 نى ئۇنىڭدىن 1 سى چوڭ بولغان سان 7 كە كۆپەيتىپ، كېلىپ چىققان نەتىجە 42 نىڭ كەينىگە 25 نى يېزىپ قويغانغا باراۋەر.

    شۇڭا يۇقىرىقى 9 دانە ساننى يۇقىرىدا تونۇشتۇرۇلغان ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، كۆڭۈلدىلا كۋادىراتقا كۆتۈرۈشكە بولىدۇ، يازمىچە ھېسابلاش ياكى ھېسابلىغۇچتىن پايدىلىنىپ ھېسابلاشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.

     


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • بىزدەك ئۇقۇغۇچىلارغا تازا ماس كېلىدىكەندە بۇ ئۇسۇل،رەخمەت سىزگە.
      تارىم回复تاڭنۇرى说:
      ئەرزىمەيدۇ.
      2010-07-28 13:58:15
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى ‹‹نامسىز ئىنكاس يېزىش›› دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن ‹‹ئىسمى›› دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. ‹‹ئېلخەت›› ۋە ‹‹ئادرىس›› دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، ‹‹يوللاش›› دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.