ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان، ماتېماتىكا، كومپيۇتېر ۋە تارىخ ھەققىدىكى ئۇنۋېرسال بلوگ.



تارىم بلوگى قۇرۇلغىلى
  • لوگىكا ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى توغرىسىدا (1) - [ماتېماتىكا]

    لوگىكا ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى توغرىسىدا (1)

    ئاپتورى: تاۋ ۋاڭدۇ       تەرجىمان: خەمىت ئىسمائىل

    قىسقىچە مەزمۇنى

    لوگىكا ---- ئىنسانلار توغرا تەپەككۇرىنىڭ قانۇنىيەتلىرى ۋە شەكلىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. كىشىلەر توغرا، رەتلىك، قانۇنىيەتلىك ھالدا مۇلاھىزە يۈرگۇزۇش ئۈچۈن، تەپەككۇر شەكلىنى توغرا تونۇشى، ئىگىلىشى ۋە قوللىنىشى زۆرۈر، شۇنداقلا تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىشى لازىم، ئەلۋەتتە. بۇ كىتاب زۆرۈر لوگىكىلىق بىلىملەرنى بىزگە ئاددىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ تونۇشتۇرىدۇ.

    بۇ كىتاب تولۇقسىز ئوتتۇرا ماتېماتىكىسىنى ئاساسىي مىسال قىلىپ، لوگىكىنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى جەريانىدىكى قوللىنىلىشىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇر قانۇنىيىتىنى قانداق يېتىشتۈرۈش ھەمدە ئۇلارنىڭ دائىم سادىر قىلىپ تۇرىدىغان لوگىكىلىق خاتالىقلىرىنى تۈزىتىش قاتارلىقلارنى راۋان، ئاددىي، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھلەپ بېرىدۇ.

    بۇ كىتاب ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە پېداگوگىكا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن دەرسلىك ماتېرىيالى بولالايدۇ. شۇنداقلا كادىرلار، زىيالىيلارنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

    1-باب مۇقەددىمە

    1. تەپەككۇر

    بىر كىشى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا قاراپ ئۆگزىلەرنىڭ، يوللارنىڭ، ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىدۇ-دە، شۇئان : «ئوھوي، تۈنۈگۈن كېچە يەنە يامغۇر يېغىپتۇ-دە!» دەپ ئويلىدى.

    مانا بۇ مۇلاھىزىنىڭ بىر مىسالى.

    ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ياكى جەمئىيەت ھادىسىلىرىنى بىلىشى ھىستىن باشلىنىدۇ. ھىسنىڭ پەيدە بولۇشى ماددىي دۇنيادىكى ھەر خىل جىسىم ۋە ھادىسىلەرنىڭ سېزىش ئەزالىرىغا بىۋاسىتە تەسىر قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

    ھېس ماددىي ئوبيېكتلارنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئېڭىمىزدىكى ئىنكاسىدۇر.

    لېكىن كىشىلەر ئوبىكتلارنىڭ يالغۇز ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنىلا ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن جىسىم ۋە ھادىسىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇڭا ئىدراك بولىدۇ. مەسىلەن، بىز مەلۇم ئوبىكت بىلەن ئۇچراشقاندا، ئالايلى، دوسكا بىلەن ئۇچراشقىنىمىزدا، ئۇنىڭ قارا، قاتتىق، تىك تۆت تەرەپلىك شەكلىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بور بىلەن خەت يازغىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنى سېزىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ ئايرىم خۇسۇسىيەتلەردىن بولغان سېزىملار بىزنىڭ ئېڭىمىزدا بىرىكىپ ئوبىكتنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئوبرازىنى پەيدا قىلىدۇ-دە، بىزنى دوسكىدىن ئىبارەت بۇ بىر پۈتۈن ئىدراكقا ئىگە قىلىدۇ.

    ئىدراك ھەرقايسى جىسىم ياكى ھادىسىلەرنىڭ بىر پۈتۈنلۈك سۈپىتىدە ئېڭىمىزدا ئەكس ئېتىشىدۇر. ھېس ۋە ئىدراك --- ئەتراپتىكى دۇنيا ھەققىدە بىلىشنىڭ مەنبەسى. لېكىن ھېس ۋە ئىدراك رىياللىقنى بىلىشنىڭ دەسلەپكى، شۇنداقلا ئەڭ ئاددىي شەكلى بولۇپ، ئۇلار يەككە ئوبىكتلارنىڭ بىۋاسىتە سېزىملىق ئوبرازىدۇر. شەيئىلەرنىڭ ئىچكى باغلىنىشى، شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن، كىشىلەر بۇ شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەردىكى ھېس ۋە ئىدراكنى ئۆز مېڭىسىدە پىششىقلاپ ئىشلەپ، سېزىش ئەزالىرىنىڭ پائالىيىتىنى تولۇقلىشى لازىم. يەنى مۇھىم، ماھىيەتلىك نەرسىلەرنى ئاجرىتىپ، شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ باغلىنىشى ۋە مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى لازىم. خۇددى يولداش ماۋ زېدوڭ ئېيتقاندەك: «ناچىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، ياخشىسىنى ئىلغىۋېلىش، ساختىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ھەقىقىسىنى ساقلاپ قېلىش، بۇنىڭدىن ئۇنىڭغا ئۆتۈش، تاشقىرىسىدىن ئىچكىرىسىگە كىرىشتەك يېڭىۋاشتىن ئىشلەش» ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بىلىش تۆۋەن دەرىجىلىك ھېسسىي بىلىش باسقۇچىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي بىلىش باسقۇچىغا كۆتۈرۈلىدۇ.

    مېڭىمىزدىكى بۇ پائالىيەت --- بىلىش تەرەققىياتىدىكى يېڭى بىر باسقۇچ بولۇپ، تەپەككۇر دەپ ئاتىلىدۇ.

    تەپەككۇر --- ئىنسانلارغىلا خاس بولغان بىر تۈرلۈك يۇقىرى دەرىجىلىك پسىخولوگىيىلىك پائالىيەت بولۇپ، ئۇ ئىنسانلار مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئومۇمىي خۇسۇسىيەتلىرىنى، ھەمدە ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر جەريان.

    ئەمدى تەپەككۇرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇھاكىمە قىلايلى:

    يۇقىرىدا كەلتۈرۈلگەن مىسالدا ناھايىتى ئېنىقكى، تۈنۈگۈن كېچە يامغۇر يېغىۋاتقاندا، بۇ كىشى دەل تاتلىق ئۇيقۇدا ئىدى، ئۇ يامغۇر تامچىلىرىنى كۆرمىدى، يامغۇر ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىمىدى، يەنە بۈگۈن سەھەر ھەم خېلى بۇرۇنلا يامغۇر توختاپ، بۇلۇتلار تارقىلىپ، ھاۋا ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى، روشەنكى بۇ كىشى يامغۇرنى بىۋاسىتە ئىدراك قىلمىدى. لېكىن ئۇ «يامغۇر» بىلەن «ئۆگزە، يول قاتارلىقلارنىڭ ھۆل بولغانلىقى» سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزى كۆرگەن ئۆگزە، يول قاتارلىقلارنىڭ ھۆل بولغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتقا ئاساسەن «تۈنۈگۈن كېچە يامغۇر يېغىپتۇ» دېگەن بۇ ھۆكۈمنى چىقارغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ تەپەككۇر پائالىيىتى ئارقىلىق يامغۇرنى ۋاسىتىلىك بىلدى.

    بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، تەپەككۇر ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ۋاسىتىلىك بىلىش جەريانىدۇر.

    بۇ تەپەككۇرنىڭ بىرىنچى ئالاھىدىلىكى.

    لېكىن بىر قېتىملىق يامغۇرنىڭ ئۆگزە، يوللارنى ھۆل قىلغانلىقىنى كۆزىتىپلا، بىرەر يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدۇ، يەنە بۇ خىل مۇناسىۋەت ئىگە بولغان ئومۇمىي خۇسۇسىيەتنى بىلىش لازىم، يەنى ھەر قېتىم يېتەرلىك مىقداردا يامغۇر ياققاندىلا، ئۆگزە، يول قاتارلىقلارنىڭ جەزمەن ھۆل بولىدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆزىتىش نەتىجىلىرىنى يىغىنچاقلىشى لازىم.

    بارلىق تەپەككۇر جەريانلىرىدا، ھەر تۈرلۈك شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىمىز، بۇ خۇسۇسىيەت پەقەت بىرلا ئوبىكتتا مەۋجۇت بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۆز ئارا ئوخشايدىغان بارلىق ئوبىكتلاردىمۇ مەۋجۇت بولىدۇ.

    بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدۇكى، تەپەككۇر --- رىيال يىغىنچاقلانغان بىلىش جەريانى.

    بۇ تەپەككۇرنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى.

    ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تەپەككۇر رىياللىقنى ۋاسىتىلىك ئومۇملاشتۇرۇپ بىلىش جەريانىدۇر.

    تەپەككۇر --- ھېس ۋە ئىدراكنىڭ ئاددىي يىغىندىسى بولماستىن، بەلكى ھېسسىي بىلىشتىن تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان يېڭى بىلىش شەكلى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇكەممەللىك، تەپەككۇر ئوبىكتىنىڭ مەلۇم بىر ۋاقىتتا ھېسسىي بىلىشتە يىتىش تەس بولغان يىراق ئوبيېكتى بولۇپلا قالماستىن، مۇھىمى يەنە تەپەككۇر شەيئىنىڭ ماھىيىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلەيدۇ، يەنى رىياللىقنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئەنە شۇنداق بولغاچقا، تەپەككۇر بىزنى بىۋاسىتە كۆزەتمىگەن شەيئىلەردىن خەۋەردار قىلىدۇ ھەم ۋەقەلەر تەرەققىياتى ۋە ئۆز ھەرىكىتىمىزنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان قىلىدۇ.

    (داۋامى بار)


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:
  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • يوللانمىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر ! جاپا كۆرمەي بىسىپ چىقىپسىز، داۋامىغا تەشنامىز......
      تارىم回复ماتېماتىكا说:
      ئەرزىمەيدۇ. ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ.
      2010-05-31 17:59:57
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.