ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • لوگىكا ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى توغرىسىدا (2) - [لوگىكا ھەققىدە]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    لوگىكا ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى توغرىسىدا (2)

    2. لوگىكا

    كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىدە، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىدە، ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە بىر تۈرلۈك توغرا تەپەككۇر كېرەك. توغرا تەپەككۇر دېگىنىمىز ئېنىق، باش ئاخىرى بىردەك، زىددىيەتسىز، ئاساسى بار تەپەككۇردۇر.

    مەسىلەن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، تەپەككۇر ئىنسانلار مېڭىسىنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىنى، شۇنداقلا ئوبيېكتىپ شەيئىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى بىر خىل جەريان، ئوبيېكتىپ شەيئىلەر قانۇنىيەتلىك ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ، باغلىنىدۇ. دېمەك، تەپەككۇر ھەم مۇقەررەر قانۇنىيەتكە ئىگە.

    لېكىن ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر پائالىيىتى ۋە قانۇنىيەتلىرى مۇرەككەپ، خىلمۇ-خىل، تەرەققىيات جەريانى بار بولغان بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئەمەلىيەتتە باشلانغۇچ تەپەككۇر ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەم تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەن تەپەككۇر ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى شەيئىلەر ھەم ھەرىكەت قىلىپ ئۆزگىرىدۇ، ھەم نىسبى تۇرغۇنلۇق ھالەتتە بولىدۇ. شەيئىدىكى نىسبى مۇقىملىق شەيئىلەردە ئەزەلدىنلا بار بولۇپ، ئۇ تەپەككۇرىمىزدا ئەكس ئېتىپ، تەپەككۇرنىڭ باشلانغۇچ قانۇنىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەپەككۇرنىڭ باشلانغۇچ قانۇنىيىتى فورمال لوگىكىدۇر، مانا بۇ --- ئادەتتە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان لوگىكىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى. يۇقىرى دەرىجىلىك تەپەككۇر قانۇنىيىتى --- دىيالىكتىك لوگىكا، بۇ بولسا دىيالىكتىك ماتېرىيالىزىمدىن ئىبارەت پەننىڭ تەتقىقات ئوبىكتىدۇر.

    لوگىكىلىق تەپەككۇرنىڭ باشلانغۇچ قانۇنىيىتى تۆت تۈرلۈك بولۇپ، بۇ ئەينىيەت قانۇنىيىتى، زىددىيەت قانۇنىيىتى، ئۈچىنچىسى يوق قانۇنىيىتى ۋە يېتەرلىك ئاساس قانۇنىيىتىدىن ئىبارەت. بۇ قانۇنىيەتلەرنى 2-بابتا تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىمىز.

    لوگىكا تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلغاندىن باشقا يەنە تەپەككۇر شەكلىنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ. تەپەككۇر شەكلى --- ئۇقۇم، ھۆكۈم، خۇلاسىدىن ئىبارەت. بۇنى كېيىن ئايرىم مەخسۇس بابتا بايان قىلىمىز. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا:

    لوگىكا --- ئىنسانلار توغرا تەپەككۇرىنىڭ باشلانغۇچ قانۇنىيەتلىرى ۋە شەكلىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

    بۇ پەن نېمە ئۈچۈن لوگىكا دەپ ئاتىلىدۇ؟ «لوگىكا» دېگەن سۆز ئەسلىدە يۇنانچە «Logos» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، مەنىسى «مەنتىقە»، «مۇلاھىزىنى ئىپادىلىگۈچى ئىبارە» دېگەندىن ئىبارەت. ھازىر بۇ ئاتالغۇلار قېپ-قېلىپ، «لوگىكا» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلماقتا.

    (داۋامى بار)


    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.