ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • لوگىكا ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى توغرىسىدا (6) - [لوگىكا ھەققىدە]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    (3) ئابىستراكىتلاش ۋە يىغىنچاقلاش

    ئابىستراكىتلاش تەپەككۈردە ئوبىكىتنىڭ پەقەت ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىلا پەرقلەندۈرۈپ، قالغان غەيرى ماھىيەتلىك، مۇھىم بولمىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى ئايرىۋېتىدىغان ئۇسۇلدۇر.

    ئابىستراكىتلاش نەتىجىسى ئابىستراكىتسىيىلەشتۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ.

    يىغىنچاقلاش تەپەككۈردە بىر خىل تۈردىكى ئوبىكىتلارنىڭ ئورتاق ماھىيەتلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي تۈردىكى خۇسۇسىيەتلەر قىلىپ بىرلەشتۈرۈشتۇر.

    ئابىستراكىتلاش ۋە يىغىنچاقلاش ـــ بىر پۈتۈن ئايرىغىلى بولمايدىغان جەريان. ئوبىكىتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئايرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە ئوبىكىتنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىمىز.

    ئابىستراكىتلاش ۋە يىغىنچاقلاش توغرا بولۇشىمۇ مۇمكىن، خاتا بولۇشىمۇ مۇمكىن. توغرا ئابىستراكىتلاش شەيئىي ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، مەسىلەن، «گىئومېتىرىيىلىك شەكىل» دېگەن بۇ ئابىستراكىت ئۇقۇم، ماددىي دۇنيادىكى ئوبىكىتلارنىڭ بىر خىل كونكىرىت ئالاھىدىلىكلىرىنى، يەنى ئۇلارنىڭ شەكلىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مەلۇم تۈردىكى شەيئىي ياكى ھادىسىگە قارىتا، ئەگەر پەقەت يۈزەكى تەكشۈرۈشلا بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى چوڭقۇر تەھلىل قىلىنمىسا، توغرا تونۇش بولمىسا، ئۇ چاغدا ئاتالمىش «ئالدىراقسانلىق بىلەن يىغىنچاقلاش» كېلىپ چىقىدۇ.

    توغرا ئابىستراكىتلاش ۋە يىغىنچاقلاش نەتىجىسىدە ھىسسى ماتىرياللار ئىچىدىكى ئارىلاشمىلار تاشلىۋېتىلگەن، ماھىيەتكە ياتمايدىغان، شۇنداقلا تەسادىپىي خۇسۇسىيەتلەردىن قۇتۇلغان، ماھىيەتلىك، جەۋھەر نەرسىلەر ساقلىنىپ قالغان ھەمدە مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىز ناچىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، ياخشىسىنى ئىلغىۋېلىش، ساختىسىنى ئېلىپ تاشلاپ، ھەقىقىسىنى ساقلاپ قېلىش، بۇنىڭدىن ئۇنىڭغا ئۆتۈش، تاشقىرىسىدىن ئىچكىرىسىگە كىرىشتەك ئىشلارنى بىر قۇر ئىشلىگەن بولىمىز، شۇڭا بىزنىڭ تونۇشىمىز زور دەرىجىدە ئۆسكەن بولىدۇ. شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ ئومۇمى يۈزلۈك، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىگىلىگەن بولىمىز، تومتاق، تۇتۇق، بىر تەرەپلىمىلىك، يۈزەكى ھادىسىلەردىن ساقلانغان بولىمىز.

    (داۋامى بار)

    分享到:

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us

  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • [dAva:0]ەسسەلەمۇەلەيكۇم......
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.