ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • لوگىكا ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى توغرىسىدا (6) - [لوگىكا ھەققىدە]

    (3) ئابىستراكىتلاش ۋە يىغىنچاقلاش

    ئابىستراكىتلاش تەپەككۈردە ئوبىكىتنىڭ پەقەت ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىلا پەرقلەندۈرۈپ، قالغان غەيرى ماھىيەتلىك، مۇھىم بولمىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى ئايرىۋېتىدىغان ئۇسۇلدۇر.

    ئابىستراكىتلاش نەتىجىسى ئابىستراكىتسىيىلەشتۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ.

    يىغىنچاقلاش تەپەككۈردە بىر خىل تۈردىكى ئوبىكىتلارنىڭ ئورتاق ماھىيەتلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي تۈردىكى خۇسۇسىيەتلەر قىلىپ بىرلەشتۈرۈشتۇر.

    ئابىستراكىتلاش ۋە يىغىنچاقلاش ـــ بىر پۈتۈن ئايرىغىلى بولمايدىغان جەريان. ئوبىكىتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئايرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە ئوبىكىتنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىمىز.