ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • بلوگقا تەگلىك مۇزىكا قويغۇچىسى ئورنىتىش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    ئاۋال 模板设置 دىكى 首页布局 نىڭ ئاستىدىن 副栏 گە 自定义HTML دىن بىرنى قوشىمىز. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى چاپلايمىز:

    بۇ يەردىكى:

    autostart="true"  بولسا مۇزىكىنىڭ ئاپتوماتىك قويۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر ئاپتوماتىك قويۇلۇشنى خالىمىساق، ئۇنى autostart="false" غا ئۆزگەرتىپ قويساق بولىدۇ.

    loop="true"  بولسا مۇزىكىنىڭ تەكرار قويۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر تەكرار قويۇلۇشنى خالىمىساق، ئۇنى loop="false" غا ئۆزگەرتىپ قويساق بولىدۇ.

    hidden="false" بولسا مۇزىكا قويغۇچنىڭ بەت يۈزىدە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر مۇزىكا قويغۇچنى يۇشۇرۇپ قويماقچى (يەنى بەت يۈزىدە كۆرۈنمەيدىغان قىلماقچى) بولساق، ئۇنى hidden="true" غا ئۆزگەرتىپ قويساق بولىدۇ.

    http://*****.mp3 بولسا قويغۇچتا چىقىپ تۇرىدىغان مۇزىكىنىڭ ئادرىسى. بۇنى ئۆزىمىز ياختۇرىدىغان مۇزىكىنىڭ ئادرىسىغا ئالماشتۇرىمىز.

    ئەگەر بلوگىڭىزغا تىزىملىك شەكلىدىكى مۇزىكا قويغۇچ ئورناتماقچى بولسىڭىز، ئەلچىن مۇزىكا قويغۇچىسىنى ئىشلىتىڭ. ئادرىسى: http://www.alqin.com/music

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • [dAva:4]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بلوگىمغا مەخسۇس ئانا تىلنى مۇناسىۋەتلىك ئاڭلاتمىلارنى چىقارماقچى ئىدىم ، ماڭا بۇ كودنى ئىزدىگىلى بەك ئۇزاق بولدى ، بىر يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز . 1377740649@qq.com
    • يازمڭىز ماڭڭا يارىدى
    • [dAva:0]ماڭا يوللاپ بەرسىڭىز قانداق.
      507099125@qq.com
      تارىم回复vardar说:
      كودنى يوللىۋەتتىم.
      2010-09-09 14:11:34
    • يۇقارقى كودنى قويغان بولساممۇ بىلوگىمدا كۆرۈنمىدىغۇ ؟
      تارىم回复emetbeg说:
      بلوگىڭىزدا http://www.91china.net نىڭ مۇزىكا قويغۇچىسى باركەنغۇ. شۇنداق بولغاندىن كېيىن بۇ تېمىدىكى مۇزىكا قويۇش كودىنى ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
      2009-06-17 12:26:26
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكوم تارىم ئەپەندى. سىز دىگەن ئەلچىن مۇزىكا بېتى ئېچلىمىدى. ياخشىراق قويغۇچ بېتى بولسا تەۋسىيە قىلىسىڭىز.
      تارىم回复yaltapan说:
      http://www.91china.net
      2009-06-16 16:15:55
    • ئەسسالام تارىم ئەپەندى! سىزدىن يەنە بىر ئىشتا مەسلىھەت سوراي دىگەن. بىر نەچچە مۇزىكىنى ئارقىمۇ-ئارقا چىقىدىغان قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم.قانداق قىلىش توغرىسىدا تەلىم بەرگەن بولسىڭىز!
      تارىم回复ئازغۇن说:
      بۇ تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان كود بىلەن پەقەت بىرلا ناخشىنى چىقىدىغان قىلغىلى بولىدۇ. كۆپ مۇزىكىنى ئارقىمۇ-ئارقا چىقىدىغان قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس مۇزىكا قويغۇچ بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بەتلەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ، مۇزىكا قويغۇچ كودى ئىلتىماس قىلىسىز.
      2009-05-29 19:32:15
    • رەھمەت سىزگە!!!

      سىزدىن بىر سۇئالنى سوراپ باقسام، سىز نىمە ئۈچۈن بلوگىڭىزنى كۆچۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويدىڭىز؟ بۇنداق ياخشى بلوگدىن كۆپ ئادەملەر پايدىلانسا ياخشى ئەمەسمۇ؟!
      مەنمۇ بلوگىمنى ئۇنداق قىلمىدى، چۈنكى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر پايدىلانسا ھاردۇقۇم چىقىدۇ!
      تارىم回复Iskender说:
      ھازىر تېما ئوغرىلىرى بەك يامان بوپ كەتتى، قىلچە خىجىل بولماي باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ، يا ئاپتورىنى ياكى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەيدۇ. شۇڭا ئامالسىز مۇشۇ تەدبىرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدۇم. بىر نەرسە لازىم بولغانلار ئىنكاس يازسا ئەۋەتىپ بېرىمەن، گەرچە بۇ بىرئاز ئاۋارىچىلىق بولسىمۇ.
      2009-05-03 22:33:09
    • مېنىڭ ئېلخەت مەنزىلىم: eydiz@126.com
      تارىم回复Iskender说:
      كودنى ئەۋەتىۋەتتىم.
      2009-05-03 14:36:14
    • بۇ كودلارنى كۆچۈرگىلى بولمىسا، قانداق قىلىمىز؟
      بىر- بىرلەپ يازىمىزمۇ؟
      ئۇنداق قىلساق، ئۇيغۇرچە ئوڭدىن، ئېنگلزچە سولدىن يېزىلىدىغان بولغاچقا، ئازغىشىپ كېتىدىكەنمىز ....
      قانداق قىلساق بولار زادى بۇنى؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
      تارىم回复Iskender说:
      ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز، شۇنىڭغا ئەۋەتىپ بېرىمەن.
      2009-05-03 00:42:05
    • مۇزىكا قويغۇچنى باشقا ئادرىستىن چۈشۈرگىلى بولارمۇ؟ ئۇ ئادرىس ھازىر بىكار بولۇپ كىتىپتۇ.
      تارىم回复tantarbiya说:
      سىز تۆۋەندىكى تور بەتكە كىرىپ تىزىملاتسىڭىز ھەقسىز مۇزىكا قويغۇچ كودىغا ئېرىشەلەيسىز.
      http://www.91china.net/
      2009-04-29 00:33:17
    • ياخشىمۇسىز مەن ئاتاتۈرۈك بىلوگىدىن پەرھات بۇلىمەن ..مەن سىز كۆرسەتكەن ئۇسوللار ئارقلىق ئەلچىننىڭ ناخشا قۇيغۇچىنى ئورناتقان ئىدىم بىراق شۇنچە ناخشا قۇشساممۇ پەقەتلا قۇشۇلمىدى پەقەت مەن ئەزەلدىن قۇشۇپ باقمىغان بىرلا ناخشا چىقتى ......ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن ...
      تارىم回复پەرھات تۈرۈك说:
      QQ ئارقىلىق ئۇچۇر قىلىڭ.
      2009-02-13 12:15:30
    • مەن مۇزىكا قويغۇچ ئىلتىماس قىلدىم بىراق قانداق ئورنۇتۇشنى بىلەلمىدىم~!يول كۆرسەتسەڭلار بولىتى~!
      تارىم回复ئىقبال说:
      بۇ يەردە چۈشەندۈرۈش قولايسىز. ماڭا QQئارقىلىق ئۇچۇر قىلىڭ.
      2009-02-06 22:18:49
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.