ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • ياردەم سورىغۇچىلار سەمىگە - [ياردەم سوراش ئورنى]

    بلوگگېر دوستلارنىڭ بلوگ ھەققىدە ياردەم سورىغان سۇئاللىرىنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىشى ھەم ئوخشاش سۇئال ۋە جاۋابنىڭ قايتا-قايتا تەكرارلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بلوگگېر دوستلارنىڭ يولۇققان مەسىلىلەرنى تىز ھەل قىلىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم. بلوگگېر دوستلارنىڭ ئىلگىرى سورىغان بىر قىسىم مۇھىم ياردەم سۇئاللىرى ھەم ئۇنىڭ جاۋابلىرىنى بۇ تېما ئاستىغا بىر-بىرلەپ يۆتكەپ كېلىمەن. بلوگگېر دوستلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق مەزمۇندىكى ئىنكاسلارنى يازغاندا، ئىنكاسنى ماس كەلگەن تېما ئاستىغا يوللىشىنى، ئەگەر ئىنكاسقا ماس كېلىدىغان تېمىنى تاپالمىغاندا، ئىنكاسنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېما مەزمۇنى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىنكاسلار  بۇنىڭدىن كېيىن بىردەك ئۆچۈرۈلىدۇ ھەم جاۋاب بېرىلمەيدۇ. مېنىڭ بۇنداق دىيىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىر قىسىم سەزگۈر بلوگگېرلار ئاللىقاچان بىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئوخشاش بىر تېما ئاستىدىمۇ ئاللىقاچان جاۋاب بېرىلىپ بولغان سۇئالنى قايتا سورايدىغان، تېما مەزمۇنىنى ئوقۇپلا، ئاستىدىكى ئىنكاسلار ۋە جاۋابلارنى ئوقۇمايدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ. ئوخشىمىغان تېما ئاستىدا ئوخشاش سۇئال سوراش ئەھۋالىنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق.  شۇڭا يۇقۇرقىدەك ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، بلوگگېر دوستلارنىڭ بۇنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • يەنە بىر ئۇيغۇرچە يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىلدى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    بۈگۈن يەنە بىر ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلدىم. بۇ ئۇسلۇپ تۆۋەندىكى ئادرىستىكى بلوگنىڭ ئۇسلۇبىكەن.

    http://skin-preview.369593.blogbus.com

    ئۇسلۇپ شەكلىنى ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر.

    ئۇسلۇپ رەسىمى:

  • 暗色节奏 ئۇسلۇبى تەرجىمە قىلىندى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    تۈنۈگۈن Blogbus يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىپتۇ. ئۇسلۇپ شەكلى خېلى چىرايلىقكەن. شۇڭا ئۇنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ياراپ قالسا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر.

    ئۇسلۇپ رەسىمى:

     

  • بلوگقا تەگلىك مۇزىكا قويغۇچىسى ئورنىتىش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    ئاۋال 模板设置 دىكى 首页布局 نىڭ ئاستىدىن 副栏 گە 自定义HTML دىن بىرنى قوشىمىز. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىگە تۆۋەندىكى كودنى چاپلايمىز:

  • بۈگۈن چۈشتە كومپيۇتېرنى ئېچىپلا بلوگىمغا بىر قاراپ باقاي دەپ تورنى ئاچسام، ئەڭ ئالدى بىلەن كۆزۈم چۈشكىنى بلوگدىكى «تەۋسىيە» دىگەن خەتنىڭ ئورنىدا « 分享 » دىگەن خەتنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنى بولدى. بۇ نىمە ئىشتۇ دەپ ئويلاپ باشقا ئۇيغۇرچە بلوگلارغا قاراپ باقسام ئۇلارنىڭمۇ «تەۋسىيە» دىگەن يېرى « 分享 » غا ئۆزگىرىپ قاپتۇ.

  • بلوگىمنىڭ ئالدىنقى كۈنلەردە ئىشلىتىپ يۈرگەن ئۇسلۇبىنى تارقاتتىم. بۇ ئۇسلۇپقا بلوگىمنىڭ نامىنى قويدۇم،  يەنى «تارىم بلوگ ئۇسلۇبى».   ياقتۇرغانلار ئىشلىتىپ بېقىڭلار.

    ئۇسلۇپ رەسىمى:

  • « 1982 » ناملىق ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلىپ تارقىتىلدى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    « 1982 » ناملىق ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتىم . ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈۋېلىپ ئىشلىتىڭلار.

    ئۇسلۇپ رەسىمى:
  • بۈگۈن يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلدىم. ئۇسلۇپ نامى «ئالتۇن كۈز». ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈۋېلىپ ئىشلىتىڭلار.

     

  • گۈزەل كېچە ئۇسلۇبى تارقىتىلدى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    يېرىم يىلدىن بۇيان ئارامگاھ بلوگىنى ئەگىپ يۈرۈپ، بلوگ ھەققىدە نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. ئۆگەنگەنلىرىمنى سىناپ باقاي دەپ بۈگۈن يېرىم كۈن جېدەللىشىپ يۈرۈپ، BlogBus تارقاتقان 愈夜愈美丽 دىگەن ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلىپ باقتىم. بۇ ئۇسلۇپنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى خەنزۇچە ئىسمىنىڭ مەنىسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ «گۈزەل كېچە» دەپ ئاتىدىم.

  • BlogBus ئوخشاش بىر ئىشلەتكۈچى نامى ئاستىدا كۆپ بلوگ قۇرۇشنى قوللايدۇ. نۆۋەتتە ھەر بىر ئىشلەتكۈچى ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 دانە بلوگ قۇرالايدۇ.

    كونكىرىت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

    1. بلوگ ئارقا سەھنىسىگە كىرىپ، 博客 تىزىملىكىنى چېكىمىز، تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ: