-
مۇرەككەپ يېزىق ۋە ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان تىللار ئۈچۈن قاچىلاش پروگراممىسى (i386) - [يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش]
ئادەتتە كۆپىنچىمىز توردىن چۈشۈرۈۋېلىنغان GhostXP نى كۆپرەك ئىشلىتىمىز. بۇنداق GhostXP لاردا ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر قىسقارتىۋېتىلگەنلىكتىن، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىغان چاغدا WinXP نىڭ ئەسلىدىكى قاچىلاش دېسكىسىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سېلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. قولىمىزدىكى گوستلانلغان دىسكا بولغاچقا، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي قالىدۇ. بۇ مەغلۇبىيەت دەل WinXP نىڭ ئەسلىدىكى قاچىلاش دېسكىسىدىكى i386 ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ بىزنىڭ كومپيۇتېرىمىزدا زاپاس ساقلاپ قويۇلمىغانلىقىدىندۇر. تۆۋەندىكى ئادرىستىكىسى دەل i386 نىڭ پرىسلانغان ھۆججەتلىرى بولۇپ، بىزنى مۇشۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ:
-
بۇ ئۇسلۇپ ئاق، يېشىل ۋە كۆك رەڭنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بلوگگېر دوستلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-
ئۇسلۇپ شەكلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:
-
بلوگ ئۇسلۇپلىرىنىڭ ئىچىدە خانىم-قىزلارغا ماس كەلگۈدەك ئۇسلۇپلارنىڭ كام بولۇش ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، «گۈلبەرگى» ئۇسلۇبىدىن كېيىنكى يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ «گۈلپەرى» نى ئىشلەپ چىقتىم. بۇ ئۇسلۇپ كىشىگە بىر خىل ئازادە، يورۇق، رومانتىك كەيپىيات ئاتا قىلىدۇ.
ئۇسلۇپ شەكلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:
-
بۈگۈن يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ ياسىدىم. بۇ ئۇسلۇپ سىزنى دېڭىز بويىدىكى كوكۇسزارلىقتا سەيلى قىلىۋاتقاندەك رومانتىك كەيپىياتقا چومدۈرىدۇ.
ئۇسلۇپ شەكلىنى ئوڭدىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:
بۇ ئۇسلۇپ يارىغان بولسا چۈشۈرۈۋېلىڭ.
-
بۇ ئۇسلۇپ بلوگىمنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبى ۋە «ئەتىرگۈل ئۇسلۇبى» نىڭ كودلىرىدىن پايدىلىنىپ، بلوگبۇس تارقاتقان «海星蓝» ئۇسلۇبىنىڭ تەگلىك رەسىملىرىنى ئىشلىتىپ ياسالغان. بۇ ئۇسلۇپنى ئىنىم يەنى باغۋەن بلوگى (http://baghwen.blogbus.com) نىڭ بلوگگىرى خېلى ئۇزۇندىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. قارىسام بەزىلەر باغۋەن بلوگىغا بۇ ئۇسلۇپنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس يېزىپتۇ. شۇڭا بۇ ئۇسلۇپنى ئاشكارا تارقىتىشنى قارار قىلدىم.
-
بۇ ئۇسلۇپ شەكىل جەھەتتىن ئايال (قىز) بلوگگېرلارنىڭ ئىشلىتىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئەلۋەتتە ئەر (ئوغۇل) بلوگگېرلار ياقتۇرۇپ قالغان بولسا، ئۇلارنىڭمۇ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت.
-
«ئەتىرگۈل» ئۇسلۇبىنى بۇرۇن ئارامگاھ ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان. كروران بلوگى ئەڭ بۇرۇن دەل مۇشۇ ئۇسلۇپنى ئىشلەتكەن. مەن بۇ قېتىم بۇ ئۇسلۇپنىڭ بىر قىسىم كام جايلىرىنى تولۇقلىغاچ، بەت كەڭلىكىنى سەل كېڭەيتىپ قويدۇم.
-
2 يېرىم ئاي بولۇپ قاپتۇ يېڭىدىن بىرەر ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلمىغىلى. 10 كۈننىڭ ئالدىدا بلوگبۇس Metal Wiredrawing ناملىق ئۇسلۇپنى تارقاتقان ئىدى. بۇ ئۇسلۇپمۇ خېلى چىرايلىقكەن. بلوگگېر ئۇستاملاردىن بىرەرسى گاچچىدە تەرجىمە قىلىۋېتەمدىكىن دەپ ساقلىسام، ھەممەيلەن ئالدىراش بوپ كەتتىمۇ-قانداق؟ بلوگگېر ئۇستاملاردىن ھىچ بىر سادا يوق. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سەل بىكار بولۇپ قاپتىكەنمەن. شۇڭا تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ئېھتىياجلىقلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.
-
باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقنىڭ 80 پارچە پرويىكسىيە ئارگىنالىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ:
http://www.brsbox.com/filebox/down/fc/ea6f16f68950b0c11c555b4370e2fae9
كېيىنكى قېتىم باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىقنىڭ ماتېماتىكا پرويىكسىيە ئارگىناللىرى يوللىنىدۇ. شۇڭا كەڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرى داۋاملىق بلوگىمىزدا بولغاي.
ئەسكەرتىش: پرويىكسىيە ئارگىنالىنىڭ ئىلگىرى يوللانغان قىسمىنى ئالدىنقى تېمىغا كىرىپ چۈشۈرۈۋېلىڭ.
-
ئالدىنقى تېمىدا باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقنىڭ Power Pont تا ياسالغان 100 پارچە پرويىكسىيە ئارگىنالىنى تەمىنلىگەن ئىدىم. بۈگۈن يەنە 100 پارچە پرويىكسىيە ئارگىنالىنى كەڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تەغدىم قىلىمەن. بۇنىڭ 67 سى Power Pont تا، 33 ى Flash تا ياسالغان.
-
باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پرويىكسىيە ئارىگىنالى ياساش ۋە كونسىپىك يېزىش ۋاقتىنى تېجەش ئۈچۈن، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان توردىن يىغىپ ساقلاپ قويغان بىر قىسىم پرويىكسىيە ئارىگىنالى (كېجيەن) ۋە كونسىپىك (جياۋئەن) لارنى بۈگۈندىن باشلاپ تۈركۈمگە بۆلۈپ بلوگىمغا يوللايمەن. باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللققىچە بولغان ھەر بىر يىللىقنىڭ ماتېرىياللىرى ئايرىم بىر تېما قىلىنىپ، بلوگنىڭ «چۈشۈرۈش» سەھىپىسىگە يوللىنىدۇ. كەڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرى ھەر ۋاقىت بلوگنىڭ «چۈشۈرۈش» سەھىپىسىدە بولغاي. ماتېرىياللار پۈتۈنلەي خەنزۇچە بولۇپ، قوش تىللىق سىنىپلارغا دەرس بېرىدىغان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ مۇۋاپىق پايدىلانسا بولىدۇ.
-
بۈگۈن يەنە بىر ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلدىم. بۇ ئۇسلۇپ تۆۋەندىكى ئادرىستىكى بلوگنىڭ ئۇسلۇبىكەن.
ئۇسلۇپ شەكلىنى ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر.
ئۇسلۇپ رەسىمى:
-
تۈنۈگۈن Blogbus يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىپتۇ. ئۇسلۇپ شەكلى خېلى چىرايلىقكەن. شۇڭا ئۇنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ياراپ قالسا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر.
ئۇسلۇپ رەسىمى: