ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • ئادەتتە كۆپىنچىمىز توردىن چۈشۈرۈۋېلىنغان GhostXP نى كۆپرەك ئىشلىتىمىز. بۇنداق GhostXP لاردا ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر قىسقارتىۋېتىلگەنلىكتىن، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىغان چاغدا WinXP نىڭ ئەسلىدىكى قاچىلاش دېسكىسىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سېلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. قولىمىزدىكى گوستلانلغان دىسكا بولغاچقا، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي قالىدۇ. بۇ مەغلۇبىيەت دەل WinXP نىڭ ئەسلىدىكى قاچىلاش دېسكىسىدىكى i386 ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ بىزنىڭ كومپيۇتېرىمىزدا زاپاس ساقلاپ قويۇلمىغانلىقىدىندۇر. تۆۋەندىكى ئادرىستىكىسى دەل i386 نىڭ پرىسلانغان ھۆججەتلىرى بولۇپ، بىزنى مۇشۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ:

  • eot سىز تور بەت كۆرۈش - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    ئاپتورى: ئىنتىل سەيناسىدىن بىلگە

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

    بىز ئادەتتە ئۇيغۇرچە تور بېكەت كۆرگەندە، بەزى بەتلەرنىڭ خەت نۇسقىسى نورمال كۆرۈنىدۇ، بىراق بەزىلىرى نورمال كۆرۈنمەيدۇ، يەنە بەزىدە كۆرۈنىدىغان بەتلەرمۇ نورمال كۆرۈنمەيدۇ، google (ئۇيغۇرچە بېتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) دىگەندەك خەت نۇسقىسى چىرايلىق ئەمەس بېكەتلەرمۇ بار، بۇنى قانداق قىلغاندا نورمالسىزلىقلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

  • http://www.qupan.com ھەققىدە يېڭى بايقاش - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان www.qupan.com دىكى بوشلۇقىمىزغا يوللىغان ماتېرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ياخشى نىيەت بىلەن تەمىنلەپ بەرسەك، ھە دىگەندە بەزىلەر خاتا مەشغۇلات قىلىپ، ماتېرىياللارنى چۈشۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇپ بىزگە جىق ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگەن ئىدى. جۇملىدىن مېنىڭمۇ  http://tarimblogi.qupan.com غا يوللىغان ماتېرىياللىرىم تولا قۇلۇپلىنىپ قېلىپ، مەن زىرىكمەي يەنە يوللاپ تۇرسام يەنە قۇلۇپلىنىپ قېلىپ بەك جىلە بولغان ئىدىم.

  • پالەكتىن، كۆممىقوناقتىن پايدىلىنىپمۇ كومپيۇتېر ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ يېقىن كەلگۈسىدە مۇشۇنداق تەبىئىي ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ياسالغان كومپيۇتېرلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     

  • كومپيۇتېر سىستېمىسىنى قوزغىتىش ئۇسۇلى (4) - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    كومپيۇتېرنى قوزغىتىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك 3 خىل ئۇسۇلى بار:

    1. كومپيۇتېرنى توكقا ئۇلاش ئارقىلىق قوزغىتىش (سوغۇق قوزغىتىش)

    بۇ ئۇسۇل ئومۇمەن، كومپيۇتېر تېخى توك مەنبەسىگە ئۇلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كومپيۇتېرنى توك مەنبەسىگە ئۇلاپ سىستېمىنى ھەركەتلەندۈرۈشنى كورسىتىدۇ. ئۇنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى مۇنداق:

    كۆرسەتكۈچ توك مەنبەسىگە ئۇلىنىدۇ.

    ئاساسى ماشىنا توك مەنبەسىگە ئۇلىنىدۇ.