ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • eot سىز تور بەت كۆرۈش - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    ئاپتورى: ئىنتىل سەيناسىدىن بىلگە

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

    بىز ئادەتتە ئۇيغۇرچە تور بېكەت كۆرگەندە، بەزى بەتلەرنىڭ خەت نۇسقىسى نورمال كۆرۈنىدۇ، بىراق بەزىلىرى نورمال كۆرۈنمەيدۇ، يەنە بەزىدە كۆرۈنىدىغان بەتلەرمۇ نورمال كۆرۈنمەيدۇ، google (ئۇيغۇرچە بېتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) دىگەندەك خەت نۇسقىسى چىرايلىق ئەمەس بېكەتلەرمۇ بار، بۇنى قانداق قىلغاندا نورمالسىزلىقلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

  • http://www.qupan.com ھەققىدە يېڭى بايقاش - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان www.qupan.com دىكى بوشلۇقىمىزغا يوللىغان ماتېرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ياخشى نىيەت بىلەن تەمىنلەپ بەرسەك، ھە دىگەندە بەزىلەر خاتا مەشغۇلات قىلىپ، ماتېرىياللارنى چۈشۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇپ بىزگە جىق ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگەن ئىدى. جۇملىدىن مېنىڭمۇ  http://tarimblogi.qupan.com غا يوللىغان ماتېرىياللىرىم تولا قۇلۇپلىنىپ قېلىپ، مەن زىرىكمەي يەنە يوللاپ تۇرسام يەنە قۇلۇپلىنىپ قېلىپ بەك جىلە بولغان ئىدىم.

  • پالەكتىن، كۆممىقوناقتىن پايدىلىنىپمۇ كومپيۇتېر ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ يېقىن كەلگۈسىدە مۇشۇنداق تەبىئىي ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ياسالغان كومپيۇتېرلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     

  • كومپيۇتېر سىستېمىسىنى قوزغىتىش ئۇسۇلى (4) - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    كومپيۇتېرنى قوزغىتىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك 3 خىل ئۇسۇلى بار:

    1. كومپيۇتېرنى توكقا ئۇلاش ئارقىلىق قوزغىتىش (سوغۇق قوزغىتىش)

    بۇ ئۇسۇل ئومۇمەن، كومپيۇتېر تېخى توك مەنبەسىگە ئۇلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كومپيۇتېرنى توك مەنبەسىگە ئۇلاپ سىستېمىنى ھەركەتلەندۈرۈشنى كورسىتىدۇ. ئۇنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى مۇنداق:

    كۆرسەتكۈچ توك مەنبەسىگە ئۇلىنىدۇ.

    ئاساسى ماشىنا توك مەنبەسىگە ئۇلىنىدۇ.

  • بلوگ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر ھۈنەر - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    بۇ تېما 2008-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنى قايتا تەھرىرلەندى. 

    ھازىر blogbus تىن بلوگ ئىلتىماس قىلىپ، بلوگ يېزىۋاتقانلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. ئارامگاھ ئەپەندى ئۆز بلوگىدا «يىغىنچاقلانغان ۋە مۇكەممەللەشكەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ بلوگگىرلارنىڭ بلوگ ھەققىدىكى سەۋىيىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرچە بلوگلاردا يەنىلا ئازدۇر-كۆپتۇر تولۇق ئۇيغۇرچە بولۇپ بولالمىغان يەرلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. مەن مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆۋەندىكى كودنى ئاشكارە ئېلان قىلدىم. بۇ كودنى Head ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە چاپلىسىڭىزلا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىلگىرىكى بارلىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىسىز. بۇ كود ئارقىلىق ئارامگاھ ئەپەندى يۇقۇرقى تېمىدا كۆرسەتكەندەك، بلوگگىر جاۋاب يازغاندىكى 回复 ۋە دىگەن ئىككى خەتتىن باشقا بارلىق خەتلەر تولۇق ئۇيغۇرچە بولىدۇ.

  • SWF نى FLA غا ئايلاندۇرۇش دېتالى - [يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش]

    توردىن چۈشۈرىۋالغان Flash ھۆججەتلىرىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرى بىزنىڭ تەلىۋىمىزگە ماس كەلسىمۇ، يەنە بىر قىسىم يەرلىرى ئارتۇقچە ياكى تەلىۋىمىزگە ماس كەلمەيدۇ. بەزىدە «مۇشۇ ھۆججەتنى تەھرىرلىگىلى بولغان بولسا، ئارتۇق يەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن بولساق، ئۆتمەكچى بولغان دەرسىمىزنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى» دەپ ئويلاپمۇ قالىمىز. بىزنىڭ بۇ خىيالىمىزنى IMPERATOR-FLA_V2.0  دىگەن يۇمشاق دېتال رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ.

  • PPt غا Flash قىستۇرۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    PPt غا Flash ھۆججىتى قىستۇرۇش ئۇسۇلىنى «PPt غا Flash قىستۇرۇش» دېگەن تېمىدا تونۇشتۇرغان ئىدىم. ئادرېسى:  http://www.blogbus.com/tarim68-logs/24067575.html

    دوستلارنىڭ كومپيۇتېر بىلىملىرى سەۋىيىسىنىڭ  ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن يۇقىرىقى تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان ئۇسۇلنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ كېتەلىشى ناتايىن. شۇڭا بۇ تېمىدا Power Pont قا Flash ھۆججىتى قىستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئاددى بولغان ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن:

  • بلوگقا رەسىم يوللاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    ھازىرغىچە بلوگبۇستا ئۇيغۇرچە بلوگ قۇرغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بلوگقا رەسىم يوللاشتا، رەسىمنى يەنىلا بلوگبۇس تەمىنلىگەن ھۆججەت يوللاش بوشلۇقى( يەنى ئارقا سەھنىدىكى 文件管理 دىگەن يەردىكى بوشلۇق ) غا يوللاۋاتىدۇ. بۇ قاراپ تۇرۇپلا بوشلۇقنى ئىسراپ قىلغانلىق. مەن تۆۋەندە بلوگقا رەسىم يوللاشنىڭ ياخشى بىر ئامالىنى تونۇشتۇرىمەن.

  • بلوگىڭىزغا ناخشا قويغۇچ ئورنىتىۋېلىڭ - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    بلوگىڭىزغا مېنىڭكىگە ئوخشاش ناخشا قويغۇچ ئورناتقۇڭىز بارمۇ؟ ئەمىسە تۆۋەندىكى كودنى 自定义HTML نىڭ ئىچىگە چاپلاڭ. كود ئارىسىدىكى ناخشا ئادرىسىنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ناخشىنىڭ ئادرىسىغا ئالماشتۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ.

  • تۆۋەندىكى كودنى 自定义HTML نىڭ ئىچىگە قويسىڭىز، مېنىڭ بلوگىمدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. قېنى سىناپ بېقىڭ.

    elan qekip koyung

    خەتكۈچ:كومپيۇتېر
  • دوستلارنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن بىلىك، ئىنتىل، شەبنەم، دىيارىم، ئىزدىنىش قاتارلىق 5 تور بېكەتتىكى يېڭى تېمىلارنى كۆرسىتىش كودى تەمىنلەندى. بۇلارنى 自定义HTML نىڭ ئىچىگە قويساق بولىدۇ.

    خەتكۈچ:كومپيۇتېر
  • ئۇزۇندىن بۇيان بلوگىمدىكى تېمىلارنىڭ ماۋزۇسىنىڭ خېتى مەزمۇنىنىڭ خېتىدىن كىچىك كۆرۈنۈپ قېلىپ، كۆزۈمگە تازا سىغمايۋاتاتتى. بۈگۈن زادى قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش نىيىتىگە كەلدىم.

    خەتكۈچ:كومپيۇتېر
  • بلوگنىڭ تەگلىك رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    بلوگىڭىزنىڭ تەگلىكىنىڭ رەڭگى سىزگە يارامدۇ؟ ئەگەر يارىمىغان بولسا، ئۆزىڭىزگە يارىغان رەڭگە ئۆزگەرتىۋېلىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ مەن بۈگۈن بلوگىمنىڭ تەگلىكىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ باقتىم. ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك قەدەم باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتتۈم:

    خەتكۈچ:كومپيۇتېر
  • PPt غا Flash قىستۇرۇش - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

     

    ئاۋال بىز Flash  ھۆججىتى قىستۇرماقچى بولغان بەتنى ئېچىپ، ئاندىن  视图    工具兰    空件工具箱   دىن كۇلۇچ بىلەن بولقىنىڭ رەسىمى بار بەلگىنى (  其他空件 نى) چېكىمىز. بۇ چاغدا بارلىق 空件  لەرنىڭ تىزىملىكى ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىن  Flash Object Shockwave   نى تاللايمىز. بۇ چاغدا مائۇسنىڭ بەلگىسى بەلگىسىگە ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ سۆرىسەك، بىر تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك رامكا پەيدا بولىدۇ.
    خەتكۈچ:كومپيۇتېر
  • 雅虎统计 نى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت قىلىنىش تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىلگىڭىز بامۇ؟ مەسىلەن: بلوگىڭىزنىڭ بۈگۈنكى ياكى تۈنۈگۈنكى ۋە ياكى مەلۇم بىر بۆلەك ۋاقىت ئىچىدىكى زىيارەت سانى قانچە؟ زىيارەتچىلەرنىڭ IP نومۇرى ۋە تۇرۇشلۇق ئورنى قايسى؟ زىيارەت قىلغۇچىلار بلوگىڭىزنى بىۋاستە زىيارەت قىلدىمۇ ياكى باشقا تور بەتلەردىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق كىرىپ زىيارەت قىلدىمۇ؟ ............ قاتارلىقلار. 雅虎统计 سىزگە تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت قىلىنىش ئەھۋالىنى ستاتىستىكىلاپ بېرەلەيدۇ.

    خەتكۈچ:كومپيۇتېر