ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان، ماتېماتىكا، كومپيۇتېر ۋە تارىخ ھەققىدىكى ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • eot سىز تور بەت كۆرۈش - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    ئاپتورى: ئىنتىل سەيناسىدىن بىلگە

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

    بىز ئادەتتە ئۇيغۇرچە تور بېكەت كۆرگەندە، بەزى بەتلەرنىڭ خەت نۇسقىسى نورمال كۆرۈنىدۇ، بىراق بەزىلىرى نورمال كۆرۈنمەيدۇ، يەنە بەزىدە كۆرۈنىدىغان بەتلەرمۇ نورمال كۆرۈنمەيدۇ، google (ئۇيغۇرچە بېتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) دىگەندەك خەت نۇسقىسى چىرايلىق ئەمەس بېكەتلەرمۇ بار، بۇنى قانداق قىلغاندا نورمالسىزلىقلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

    مەن IE يەنى تور زىيارەت قىلغۇچنى تەڭشەپ ئولتۇرۇپ بىر يەرنى تەڭشەپ باقتىم، يەنى internet explorer دىن

    工具->internet 选项->辅助功能

    نى ئېچىپ

    دەك تەڭشەپ، بىر css ھۆججەتنى d: دېسكىغا قويۇپ قويساق، مەيلى قانداق بەتنى ئاچمايلى ھەممىسى بىز css ھۆججىتىدە تەڭشەپ قويغان خەت نۇسقىسى بىلەن ئوخشاش چىقىدۇ.

    بۇ مەشغۇلاتنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز تۆۋەندىكى reg ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىپ، css ھۆججەتنى d: دېسكىغا قويۇپ قويساقلا ئىش تامام.

    Reg ھۆججەت

    http://www.bilge.cn/soft/IE_Font.reg.rar

    چۈشۈرۈپ بولۇپ ئارقىدىكى .rar نى ئېلىۋەتسىڭىز ئاندىن reg ھۆججىتى بولۇپ ئىشلەيدۇ.

    Css ھۆججەت

    http://www.bilge.cn/soft/IE.css

    css ھۆججەت مەزمۇنى بولسا تۆۋەندىكىچە:

    *{font-family: UKIJ Tuz Tom;}

    بۇنىڭ ئىچىدىكى UKIJ Tuz Tom نى ئۆزىڭىز خالىغانچە خەت نۇسقىسىغا تەڭشەپ قويسىڭىز بولىدۇ. (تەۋسىيە قىلىدىغىنىم UKIJ Tuz Tom خەت نۇسقىسى).

     

    مەنبە: http://www.intil.cn/munber/viewthread.php?tid=6884

    ++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

    قوشۇمچە: مەن بىلگە ئۇستازنىڭ يۇقۇرقى كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن تور كۆرگۈچۈمنى تەڭشىگەندىن كېيىن، بلوگىمنىڭ ئارقا سەھنىسىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر مانا مۇنداق كۆرۈنىدىغان بولۇپ كەتتى.

     


    收藏到:Del.icio.us





    • 评论

    • مەن ھېلىقى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ، ئىجرا قىلدىم، بىراق،css ھۆججىتىنى ھىچيەردە كۆرمۈدۈم.ھەم تاپالمىدىم، ئجرا قىلىش جەريانىدا ئۇنداق ئۇچۇر چىقمىدى، ئەمدى بۇ قانداق بولغىنى؟ بولىۋېرەمدۇ يا؟ مەن ھېچ بىلەلمىدىم.
      تارىم回复sabry说:
      D دېسكىغا قاراپ بېقىڭ. ئىچىدە IE دەپ ئىسىم قويۇلغان ھۆججەت بارمىكەن؟ سىن بەلگىسى بىر دەپتەرنىڭ ئۈستىدە چىشلىق چاقنىڭ رەسىمى بار.
      ئەگەر بولمىسا ھۆججەتنىڭ مەزمۇنى چۈشۈرۈش ئادرىسىنىڭ ئاستىدا بار. ئۇنى خاتىرە دەپتەرگە چاپلاپ، كېڭەيتىلگەن نامىنى css قىلىپ ساقلاڭ. ئاندىن تېمىنىڭ بېشىدا دىيىلگىنى بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
      2009-04-14 21:55:34
    • شۇنداق ، بۇنىڭ بىلەن ئارقا سەھنىدىكى خەتلەرمۇ ھەممىسى نۇرمال كۆرۈنىدىكەن . بۇ تىمىنى ئەسلى مەنبەسىدىن مەنمۇ يوللاپ قويۇپتىكەنمەن .
      تارىم回复ئەلقۇت说:
      ياخشى بوپتۇ. بۇنداق ئوبدان بىلىملەردىن كۆپرەك كىشىنى خەۋەردار قىلىش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى.
      2009-04-14 21:42:09
    • Blogspot نىڭ ئىنكاس رامكىسىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تېخىچە ئەمەلگە ئاشمىدى. باشقا ئورۇندا يېزىۋېلىپ ئاندىن بلوگسپوتنىڭ ئىنكاس رامكىسىغا چاپلىغاندىن كېيىن خەتلەر يەنىلا قالايمىقان كۆرۈنىۋالىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ يوللاۋەرسەك، يوللاپ بولغاندىن كېيىن نورمال كۆرۈنىدۇ. تور كۆرگۈچنى بۇ تېمىدىكى ئۇسۇل بويىچە تەڭشىگەندىن كېيىن، ئەگەر كومپيتېرغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانغان بولسا، كىرگۈزگۈچنى ئۇيغۇرچە ھالەتكە توغرىلاپ قويۇپ خەت يازساق، خەتلەر نورمال ھەم شۇنداق چىرايلىق يېزىلىدىكەن. دىمەك بلوگسپوتنىڭ ئىنكاس رامكىسىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولماسلىق مەسىلىسى %50 ھەل بولدى دىگەن گەپ.
    • قالتىس ياخشى ئىش بوپتۇ جۇمۇ ! مۇشۇنداق ئەسقاتىدىغان بىلىملەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرغايسىز !
      تارىم回复sitniyaz说:
      ئەمىسە بلوگىمغا پات-پات كىلىپ تۇرۇڭ.
      2009-04-13 13:34:27
    • سىزگە كۆپ رەخمەت!ئارقا سۇپىدىكى خەتلەر غەلىتە كۆرۈنۈپ،بەك ئىچىمنى پۇشۇرۋەتكەن ئىدى.بۇ ئۇسۇلدا ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن.
      تارىم回复لوپنۇرى说:
      ئەرزىمەيدۇ.
      2009-04-11 23:52:22
    • ھا ھا ھا بولۇپمۇ بلوگبۇس ئارقا سەھنىسىدىكى نورمال كۆرۈنمىگەن خەتلەرنىڭ ئەدىپىنى بېرىپتۇ، ياخشى بولدى،بۇ ياخشى ئۇچۇرنى ۋاقتىدا يەتكۈزگىنىڭىزگە رەھمەت تارىم ئەپەندىم.
      تارىم回复dunyakara说:
      بلوگبۇستا ئۇيغۇرچە خەت ئەڭ ناچار كۆرۈنىۋالىدىغان يەر ئارقا سەھنىگە ئۆتمەستىنلا ئىنكاسقا جاۋاپ يازىدىغان 回复评论 كۆزنىكى ئىدى. بۇ تېخنىكىنى قوللانغاندىن كېيىن ئىنكاسقا جاۋاپ يېزىش كۆزنىكىدىكى ئۇيغۇرچە خەت شۇنداق چىرايلىق يېزىلىدىكەن.
      2009-04-11 22:00:50
    • يازمىڭىزغا رەھمەت!
      تارىم回复يازاي说:
      ئەرزىمەيدۇ.
      2009-04-11 21:51:03
    • ئۆزى كىچىك تېخنىكا بولغان بىلەن ئىقتىدارى بەك چوڭ ئىكەن. تېما ئىگىسىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
      تارىم回复م.ئە.سەبورى说:
      شۇنداق. بۇ كىچىك تېخنىكا بلوگبۇس ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
      2009-04-11 21:50:08
    • رەھمەت، مەنمۇ شۇنداق قىلىۋالدىم.
      تارىم回复namsiz518说:
      ئەرزىمەيدۇ.
      2009-04-11 21:46:22
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.