-
بىلوگبۇس تەرجىمە ھۆججىتىڭىزنى يەنە يېڭىلاڭ - [بلوگ ھۈنەرلىرى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...2009-يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنى قايتا تەھرىرلەندى.
بلوگبۇستا ھازىرغىچە يەنە تەرجىمە قىلىنمىغان جايلاردىن
进入后台 , 写新日志 , 文章管理 , 评论管理 , 更换模板 , 访问统计 , 什么是RSS?, 回复 , 说 , 登陆为 , 退出
قاتارلىق 11 دانە خەت قالغان ئىدى. ئىلگىرى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى 6 دانە خەتنى باشقىچە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتكەن ئىدۇق. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى تېمىلارنى كۆرسىڭىز بولىدۇ:
http://www.blogbus.com/tarim68-logs/29867419.html
http://www.blogbus.com/tarim68-logs/34289862.html
بۇ قېتىم
进入后台 , 写新日志 , 文章管理 , 评论管理 , 更换模板 , 访问统计 , 什么是RSS?, 回复 , 说
قاتارلىق 9 خەتنى تەرجىمە قىلىش كودى بىۋاستە تەرجىمە ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە قوشۇلدى. ئەمدى بلوگبۇسنىڭ ئۆزىدە بار بولغان باشقۇرۇش تىزىملىكىنى بۇرۇنقىدەك يۇشۇرۇپ قويمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمدىكى گەپ پەقەت
登陆为 , 退出
قاتارلىق 2 خەتنى تەرجىمە قىلىشتىلا قالدى.
تەرجىمە ھۆججىتىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈپ، ئىلگىرىكى تەرجىمە ھۆججتىنىڭ كودىنى تولۇق ئۆچۈرۈۋېتىپ، ھازىرقى چۈشۈرىۋالغان تەرجىمە ھۆججەت كودىنى Head نىڭ ئىچىگە چاپلىسىڭىزلا بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرىسى: files/12423112120.txt
>
>ئەسكەرتىش: تەرجىمە ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە يەنە «ئىنكاس رامكىسىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش كودى» مۇ قوشۇلغان. شۇڭا ئىنكاس رامكىسىغا بىۋاستە ئۇيغۇرچە خەت يازالماسلىقتىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
غا ئەۋەتىپ بىرەم سىز بولمىسا ئېغىر كۆرمىسىڭىز ئۈزىڭىز قول سېلىپ پەچەت ئويغۇرچىلاشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز سىزنى ئوبدان رازى قىلاتتىم
ۋاقىت چىقىرىپ سىز رەتلەيدىغان يەرلىرىنى بىر كۆرۈپ باققان بولسىڭىز بولۇپتىكەن.
ئازلا قاپتۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلىشىدىغانغا ، يەنە ئازراق غەيرەت قىلىڭلار ئۇستازلار ...
تارىم ئەپەندىم ئېلانلىرىڭىزنى بىر قانچە قېتىم چېكىۋەتتىم ، توختاپ كەتمەس ھە ؟ چېكىپ بولۇپ قورقۇپ قالدىم .
چۈشۈرۈش ئادرىسىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكىلىپ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ، ئاندىن 使用迅雷下载 دىگەن تۈرنى چەكسىڭىزلا بولىدۇ. بىۋاستە مائۇس سول كۇنۇپكىسى بىلەن چەكسىڭىز چۈشۈرەلمەيسىز.
بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا بلۇگىڭىزدىن يۇقارقىدەك مەزمۇنلارنى ۋورد ئارقىلىق ئوغۇرلۇقچە ئېچىپ كۆچۈرۈپ كەلگەنتىم...ھا..ھا...ھا.. بۇ قېتىم بۇ يۇچۇقنى تاقىۋاپسىز، مانا كۆچۈرۈشتە باش قاتتى... ئاۋۇ كودلارنى چۈشۈرگىلى بولمىدى. ئېلخەت ساندقۇمغا يوللاپ بېرەمسىز؟
بلۇگىڭىزدىن جىق مەنپەتلىنىپ كېلىۋاتىمەن جۇمۇ....سىزگە ھەقىقەتەن رەھمەت!
ئېلانلىرىڭىزنى دەسسەپ-چەيلىۋەتتىم...
ئېلخەت ساندۇقۇم:owqi99@126.com
يازغاندىكى كۆرنىشنى منىڭ بىلوگىمدىن كۆرۇڭ
مەسلەن :uyclubجاۋاب تارىم سۆزى: مۇنداق بولۇپ قالدىكەن ،،،،مەن سېناق قىلىپلا يازغان ئەسلدە (جاۋاب)نىڭ ئورۇندا <قايتۇرىغان جاۋابى>دەپ بارتتى سۆز يېرىم چېقان ...شۇنداق بولغاندا بىزمۇشۇ يەرگە پەقەت ئېككلا سۆزنى ماشتۇرساق بولغۇدەك ...
سىز ئويلنىپ باقسىڭز مەنمۇ ئويلنىپ باقسام مۇشۇ يەرگە ئېككلا سۆز يېزىپ چۇشەندۇرگىلى بولامۇ باشقلارىغا cssئارقىلىق تەڭشەيلك دېسەم بۇ تازا ئەپلەشمەيدىغان ئامال ..ئۇچاغدا پۇتۇن ئۇيغۇرچە بىلوگلار ماسشتۇرۇشقا توغرا كېلدۇ ياخشى ئېككى سۆز..مېنىڭ بىلوگىمغا ياكى مۇشۇ نىڭ ئاستغا جاۋاب قايتۇرسىڭز بولىدۇ ..
كېينچە ھەمكارلشىپ قالمدۇ تېخى ..ھا.ھا.ھا.ھا.ھا
ئېلخەت:
uyghurbaligh@gmail.com