ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر - [ھېكايە-شېئىرلار]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

    1921-يىل

    جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر؟

    ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر؟

     

    جاھاننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،

    بىرسىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.

     

    ئىلىمنىڭ ئىجدىھادىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،

    ئوقۇرمىز - ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.

     

    تەئاۋۇنۇ - تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،

    يېڭىدىن باش كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىقىتقانىمىز باردۇر.

     

    يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل،

    ئەگەر بىر يەردە توي بولسا بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.

     

    ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،

    زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.

     

    بىرى  بىر ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،

    ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىنى ئاچقانىمىز باردۇر.

     

    ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىم كەلسە تاپالماسمىز،

    چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.

     

    قېرىنداشلىق، بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،

    مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.

     

    خاتائەن دوستىمىزدا بىرەر ئەيىپ زاھىر بولۇپ قالسا،

    يوشۇرماي يەنە بىرگە ئوننى قاتقانىمىز باردۇر.

     

    بابالار شۆھرىتىنى، غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،

    تۇرۇپ غەپلەت - جاھالەتتە تېخى پو ئاتقانىمىز باردۇر.

     

    كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى بىز پىدا قىلدۇق،

    ۋە لىكىن ھەجگە باج ئالسا توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.

     

    ئويۇن - چاقچاق تۈپەيلى ئۆز - ئارا بىئەپ بولۇپ قالساق،

    ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە؟ ئاراغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.

     

    خوشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،

    قۇۋلۇق ھەم شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ - رەڭ يالغانىمىز باردۇر.

     

    «ئىت ئۇرغاننى تونۇر» دەپ بىزدە بار ئىدى تەمسىل،

    لويى ئامبال ۋە دارىن دەپ  سەمىز  باققانىمىز  باردۇر.

     

    ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە، ئۈزەر سۇدا،

    مىنىشكە يوق قوتۇر ئىشەك، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.

     

    گۈكىرەپ كەلسە ئاپتومبىل، نىمە بۇ ئەي خۇدايىم دەپ،

    ئەقىلنى ئىشلىتەلمەي تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.

     

    ھۈنەر بىلەن سانائەتتە «يىتىشتۇق» ئەمدى ئىش پۈتتى،

    ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا ھېجىر قويغانىمىز باردۇر.

     

    مىسلى جەننەت تاغۇ - دەريانى بىزەشكە يوق ھېچ كىشى،

    ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.

     

    مۇنەججىم ھەم ئىنژىنىر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،

    يوغان سەللە،  نەپسى بالا موللىمىز - سۇلتانىمىز باردۇر.

     

    قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،

    قىلاي دەپ باغلىسا كىم بەل تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.

     

    ئەل - يۇرتنىڭ دەردىگە قىلچە دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،

    كېلۇر بىر كۈن شۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشايمانىمىز باردۇر.

     

    ئابدۇخالىق بولدى قىل، ئاۋارە بولما، قاقشىما،

    شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازاپقا تەييار  ۋىجدانىمىز باردۇر.

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:شېئىر 诗歌
  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! تارىم ئەپەندىم بۇ شېئىرنى سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا بلوگۇمغا يوللىۋالدىم.
      لىكىن مەنبەسىنى تــارىــم بلـوگى دەپ ئەسكەرتىپ قويدۇم ( يەنى چەكسە مۇشۇ بەت ئېچىلىدىغان قىلىپ )
      ۋاقتىڭىز بولسا بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۇتۇپ قۇيۇڭ! ئانچە-مۇنچە بولسىمۇ يول كۆرسۇتۇپ تۇرارسىز بولامدۇ؟

      ئېلانلىرىڭىزنى دەسسسسسسەپ چەيلىۋەتتىم!

      ئەمسە مەن چىقاي خوش ئاللاھقا ئامانەت
      تارىم回复تاڭ سەھەر 说:
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رەھمەت سىزگە،ئېلانلارنى تارتىنماي دەسسەۋېرىڭ. بلوگىمدىكى ھىكايە شېئىرلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ يوللىسىڭىز بولىۋېرىدۇ. چۈنكى ئۇنى مەن يازمىغان-دە. مەنبەنى ئۇلىنىش قىلىپ ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزنىڭ ھەر ئىككىمىزنىڭ بلوگىغا پايدىسى بار. چۈنكى مېنىڭ بلوگىمدىكى تېما ئادرىسى سىزنىڭ بلوگىڭىزدىلا كۆرۈنۈپ قالماستىن، بەلكى سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى مەزكۇر تېمىنىڭ ئۇلىنىشى مېنىڭ بلوگىمدىمۇ كۆرۈنىدۇ. «ئىنكاسلار ۋە جاۋابلار» دىگەن خەتنىڭ ئۈستىدىكى بلوگىڭىزنىڭ ئۇلىنىشىغا قاراڭ. بلوگىمدىكى بۇ ئۇلىنىش ئارقىلىق تورداشلار سىزنىڭ بلوگىڭىزنى زىيارەت قىلىدۇ، بۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق.
      2009-05-31 15:21:15
    • ھە راست تارىم ئەپەندى . مەن بۇ شېئىرنى بلوگىڭىزدىن يۆتكەپ ئۆزەم تۇرغان مۇنبەرلەرگە يوللاپ قويدۇم ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز.
      تارىم回复Attirgul123说:
      ئۆزىڭىز ياقتۇرغان تېمىلارنى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ھەرقانداق تور بەتكە يوللىسىڭىز بولىدۇ.
      2009-05-30 19:35:06
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تارىم ئەپەندى ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ بۇ شېرىنى مەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردا دادام بىزگە بىر ئاخشىمى شۇنداق ياخشى دېكلىماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بەرگەن ، شۇنىڭدى كېين بىر يەرلەردە كۆپ ئۇچراتمىغان ئىدىم . بۈگۈن بلوگىڭىزدا كۆرۈپ قايتا ئوقۇپ چىقىپتىمەن . ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكىەن.بۇ شېئىرنىڭ يېزىلغانىغىمۇ مانا ئۇزاققا بارماي بىر ئەسىر بولۇپ قالغۇدەك ...........
      تارىم回复Attirgul123说:
      ھازىر ئۇيغۇرلارغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى دەل ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك ئۆز خەلقىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقىدىغان كىشىلەردۇر.
      2009-05-30 16:27:27
    • ھە راس پاكيار تور خاتىرىسى يىڭىدىن قۇرۇلغان ئۇلىنىش قىلىۋىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن مەن سىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم
      تارىم回复پاكيار说:
      ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم.
      2009-05-16 15:17:28
    • ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بلوگداشلا
      نىمە دىگەن ياخشى يىزىلغان شېئىر ھە بۇ
      dunyakara راس دەيسىز
      دىمىسىمۇ بۇ بىر ئەمەلىيەت ،
    • بار دىسە دىگەن خەتتە ئىملا خاتالىقى سادىر بولۇپ قاپتۇ ، ئەپسۇس.
      تارىم回复dunyakara说:
      مەنمۇ بۇ شېئىرنىڭ 10 نەچچە يېرىدە ئىملا خاتالىقى سادىر قىپتىكەنمەن، ئوڭشاپ قويدۇم.
      2009-05-15 14:32:33
    • مەن بۇ شېئىرنى بەك ياقتۇراتتىم، بۇ يەرگە يوللاپ بەك ياخشى قىلىپسىز.
      90يىل بۇرۇنقى يېزىلغان ئاشۇ شېئىردىكى ئىللەتلەر ھالا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بەزى كىشىلىرىمىزدە يەنىلا بر دىسە....ئەقلىم ھەيران.
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.