-
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور ئەھلى دىدار غەنىمەت! - [ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار دىدار غەنىمەت! ياخشى تۇرۇشتىلىمۇ؟ مانا توپتوغرا 10 ئاي بوپتۇ ئەسرالاشمىغىلى. ھەرقايسىلىرىنى بەك سېغىندۇق. تور ئوچۇق ۋاقىتلاردا تورنىڭ قەدرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەپتىكەنمىز، مانا 10 ئايدىن بۇيان يىراقتىكى ئاشىقىنى سېغىنغان مەشۇقتەك تورنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ، كۈنلەرنى گاراڭ ھالەتتە ئۆتكۈزدۇق. بۈگۈن تور ئېچىلىۋىدى، ھەممىمىز شۇنداق خوشال بولدۇق. تور يىراقنى يېقىن قىلىدىغان، ناتونۇشنى تونۇش قىلىدىغان، ياتنى تۇققان قىلىدىغان، ....، ئومۇمەن، ئوخشاش قىزىقىشقا ئىگە كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، كىشىگە روھى ئوزۇق ئاتا قىلىدىغان ياخشى سورۇن. بۇنىڭدىن كېيىن ھەممىمىز كومپيۇتېر ئالدىدا ۋاقتىمىزنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلىپ، كۆپرەك بىلىم ئىگىلەشكە تىرىشايلى. ۋاقتىمىزنى قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ، كۆزقارىشىمىزنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭىدىغان ئەھمىيەتسىز مۇنازىرىلەرگە سەرپ قىلىۋەتمەيلى. ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت! ھەممىمىز قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى. ھەممىمىزگە ساغلاملىق، خاتىرجەملىك، بەخت-ئامەت يار بولغاي!
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
dolkun731.blogspot.comنىڭ يېڭى ئادىرسى :www.orkax.net
ئېيىتقانلىرى كەلسۇن ، ئىشلىرىمىز بارا - بارا ياخشى بولۇپ كەتسە بولاتتى .