ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • پادىشاھنىڭ ۋەسىيىتى - [ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قەدىمقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ 5 ئوغلى بار ئىكەن. پادىشاھ ئۆلۈش ئالدىدا مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرۇپتۇ:

    ــــــ مەن ئۆلگەندىن كېيىن 5 ئوغلۇم دۆلەت زىمىنىنى 5 بۆلەككە بۆلۈشىۋالسا بولىدۇ. ئەمما بۇ 5 بۆلەك دۆلەت زىمىنىنىڭ ھەر بىر بۆلىكى قالغان 4 بۆلىكى بىلەن ئورتاق چېگرىغا ئىگە بولسۇن، يەنى خالىغان بىر بۆلەك دۆلەت زىمىنىدىكى كىشىلەر ئۈچىنچىسىنىڭ دۆلەت زىمىنىدىن ئۆتمەستىنلا، خالىغان بىر دۆلەت زىمىنىغا بىۋاستە بارالايدىغان بولسۇن.

    بۇ 5 پارچە دۆلەت زىمىنىنىڭ شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى توغرىسىدا پادىشاھ كونكىرىت پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويماستىن، ئوغۇللىرىنىڭ مەسلىھەتلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇرۇپتۇ.

    ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھ ئۆلۈپتۇ. پادىشاھنىڭ قالدۇرغان بۇ ۋەسىيىتى ئوغۇللىرىنى قاتتىق ئويلاندۇرۇپتۇ.

    ئۇلار كۈن بويى بىر يەرگە يىغىلىۋېلىپ ھەر خىل لايىھىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپتۇ .....

    دوستلار، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى دۆلەت زىمىنىنى دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە 5 پارچىغا بۆلەلەمدۇ؟


    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.