ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • لوگىكا ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى توغرىسىدا (5) - [لوگىكا ھەققىدە]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    تەھلىل قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش

    تەھلىل قىلىش ـــ ئىدىيىدە بىر جىسىم ياكى بىرەر ئوبىكىتنى پارچىلاپ، ئۇنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرى، ئالاھىدىلىكىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئايرىپ چىقىشتىن ئىبارەت.

    ئومۇملاشتۇرۇش ـــ ئىدىيىدە ئوبىكىتنىڭ ھەر قايسى تەشكىل قىلغۇچى بۆلەكلىرىنى، ئالاھىدىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

    تەھلىل قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئەڭ دەسلىۋىدە ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا يۈز بېرىدۇ. شۇنداقلا ئەمەلىي پائالىيەت ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدۇ. مەلۇم بىر مۇرەككەپ ماشىنىنىڭ ئايرىم قىسىملىرىنى كۆڭۈلدە چۇۋۇپ ياكى ئايرىم قىسىملىرىنى كۆڭۈلدە بىر پۈتۈن ماشىنا قىلىپ قوراشتۇرماقچى بولساق، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ماشىنىنى چۇۋۇش ۋە قوراشتۇرۇشنى يېتەرلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن بولۇشىمىز كېرەك. بىر كىشى ئەگەر ئۈستەل سائىتىنى ئەمەلىيەتتە زادىلا چۇۋۇپ ۋە قوراشتۇرۇپ باقمىغان بولسا، ئۇ «مېڭىسىدە» بۇنداق ئىشنى ئىشلىيەلىشى مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس. تەھلىل قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ـــ ئىككىسى ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان لوگىكىلىق ئۇسۇل، ئەگەر ئوبىكىت تەھلىل قىلىنمايدىكەن ئومۇملاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئوبىكىت تەھلىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئاندىن ئېتىبار قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىرى قايسىلار، نەزەرگە ئالمىسا زادى بولمايدىغانلىرى قايسىلار؛ ئورتاق بولغىنى قايسىلار، ئايرىملىرى قايسىلار قاتارلىقلارنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. ئەمما تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە، پەقەت ئوبىكىتنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ھەققىدىكى بىلىمگىلا ئېرىشىمىز، تەتقىق قىلىنىۋاتقان ئوبىكىت ھەققىدە مۇكەممەل بىلىمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. يەنىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا بۇ ئوبىكىتنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكىلى بولىدۇ.

    تەھلىل قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق بىزنىڭ ئوبىكىتقا بولغان تونۇشىمىز بىر قەدەم يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ. لېكىن بۇ، پەقەت ھىسسى ماتىرىياللارنى بىر قەدەر تۆۋەن دەرىجىدە پىششىقلاپ ئىشلىگەنلىك. بىر قەدەر ئالىي دەرىجىلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ئابىستىراكىت بىلەن يىغىنچاقلاشتۇر.

    (داۋامى بار)

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.