-
تەھلىل قىلىش ـــ ئىدىيىدە بىر جىسىم ياكى بىرەر ئوبىكىتنى پارچىلاپ، ئۇنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرى، ئالاھىدىلىكىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئايرىپ چىقىشتىن ئىبارەت.
ئومۇملاشتۇرۇش ـــ ئىدىيىدە ئوبىكىتنىڭ ھەر قايسى تەشكىل قىلغۇچى بۆلەكلىرىنى، ئالاھىدىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
تەھلىل قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئەڭ دەسلىۋىدە ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا يۈز بېرىدۇ. شۇنداقلا ئەمەلىي پائالىيەت ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدۇ.
-
3. لوگىكىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
لوگىكىنىڭ شەكلى ۋە قانۇنىيىتى ئەمەلىيەت جەريانىدا بارلىققا كەلگەن. ئىنسانلارنىڭ كۈرمىڭ قېتىملىق ئەمەلىيىتى، دىيالىكتىك لوگىكا بىلەن فورمال لوگىكىنىڭ ھەقىقىيلىقىنى تەكرار ئىسپاتلىدى، بۇنىڭدىن لوگىكىنىڭ شەكلى ۋە قانۇنىيىتى ئۆزگەرمەس مۇقىملىققا، ئەبەدىيلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.