ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • ‹‹نامسىز ئىنكاس يېزىش›› مودۇلىنى Blogbus ئىنكاس سېستىمىسىنىڭ كۆڭۈلدىكى قىممىتى قىلىپ تەڭشەش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    بلوگ ئاپتۇبۇسىدا ئويناپ يۈرگەنلەرگە مەلۇمكى، بلوگبۇستا خالىغان بىر تېمىنى ئاچساق، ئىنكاس يوللاش رايۇنىدا ئاۋال ‹‹تىزىملىتىپ ئىنكاس يېزىش›› ئورنى كۆرۈنىدۇ. ‹‹نامسىز ئىنكاس يېزىش›› دېگەن خەتنى مائۇس بىلەن چەكسەك، ئاندىن بلوگبۇس ئابونتى بولمىغانلارمۇ ئىنكاس يازالايدىغان ھالەتكە ئۆتىدۇ.

    بۇ بلوگبۇسنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلىۋاتقانلار ۋە بلوگبۇس بىلەن ئانچە تونۇشلۇقى بولمىغانلارنىڭ ئىنكاس يېزىشىغا زور قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

    خېلى كۆپ بلوگگېرلار بلوگبۇس مۇنازىرە مۇنبىرىدە ‹‹تىزىملىتىپ ئىنكاس يېزىش›› مۇدۇلى بىلەن ‹‹نامسىز ئىنكاس يېزىش›› مۇدۇلىنىڭ ئورۇن تەرتىپىنى ئالماشتۇرۇش، يەنى ئاۋال ‹‹نامسىز ئىنكاس يېزىش›› ئورنى كۆرۈنىدىغان، ‹‹تىزىملىتىپ ئىنكاس يېزىش›› دېگەن خەتنى مائۇس بىلەن چەككەندىن كېيىن ئاندىن ‹‹تىزىملىتىپ ئىنكاس يېزىش›› ئورنى كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشەش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق بلوگبۇس مۇلازىمەتچىلىرى بۇ تەكلىپكە قۇلاق سالمىدى.

    http://mobanxx.blogbus.com نىڭ بلوگگىرى ۋەنۋۇ ئەپەندى تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغان.

    بۇ كودنى Detail نىڭ ئەڭ ئاستىغا چاپلىسىڭىز بولىدۇ ياكى Detail-post نىڭ ئەڭ ئاستىغا چاپلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

    پايدىلانغان مەنبە: http://www.blogbus.com/tarim68-logs/44794241.html

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    خەتكۈچ:بلوگ 博客 Code 代码
  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • [dAva:4]بۇ كودنى ماڭىمۇ يوللاپ بىرەمسىز ؟
    • [dAva:0]رەھمەت
    • [dAva:1]بۇ كودنى ماڭا يوللاپ بىرەمسىز ؟
      507099125@qq.com
      تارىم回复alamdar说:
      مۇشۇ تېمىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى «پايدىلانغان مەنبە» دىگەن يەردىكى ئادرىسقا كىرىپ كودنى كۆچۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
      2010-09-03 14:26:06
    • [dAva:3][dAva:3]ئىنكاس باش سۈرىتىنى چىقىرىش كودىنى قانداق قىلسام قولغا چۈشۈرگىلى بولا ؟؟
      تارىم回复تاز说:
      بۇ ھەقتە بىر تېما يوللاپ قوياي. شۇ چاغدا بۇ كودقىمۇ ئىگە بولالايسىز.
      2010-08-24 01:22:00
    • [dAva:0][dAva:0][dAva:0]بۇ بلوگدىكى تەمىنلگەن كودلارنى كۆچۈرۈپ چاپلىسام ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقۋالدى.بۇنداق بولسا بۇ كودلارنى تەمىنلىگەننىڭ نىمە پايدىسى؟؟؟ ئېلۋەتسەڭلار قانداق؟
      تارىم回复جۇدا说:
      ئەڭ ئاستىدا پايدىلانغان مەنبە دەپ تۇرمامدۇ. شۇ يېرىگە كىرىپ كودنى كۆچۈرىۋالمامسىز. قالغان تېمىلارنىڭ ھەممىسىدە چۈشۈرۈش ئادرىسى بارغۇ. چۈشۈرەلمىسىڭىز ئېلخەتكە يوللاپ بەرسەم بولىدۇ ئەمەسمۇ. كۆچۈرۈشنى چەكلەپ قويمىسام، تېما ئوغرىلىرىنىڭ دەستىدىن ئارامچىلىق بولمىسا ئادەمگە.
      يەنە بىر گەپ، سىز ئىشلىتىۋاتقان ‹‹كوكۇس›› ئۇسلۇبىنى مەن ياسىغان، تەرجىمە قىلىنغان ئۇسلۇپ ئەمەس ئۇ. بەتنىڭ ئاستىدىكى ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇڭ.
      2010-07-30 01:57:41
    • مەنمۇ ئۆزگەرتىۋالدىم، رەخمەت.
      تارىم回复wulkan说:
      ئەرزىمەيدۇ.
      2010-07-27 14:58:33
    • مۇشۇ ئادەم بىرتال ئۇسلۇب ياسابتىكەن لېكىن ئۇسلۇپئىشلەتكۈچىنىڭ بلوگى زىيارەتنى چەكلەش ھالىتىدە تۇرىدۇ، مۇئەللىم بۇنى ئاپتوبۇس شىركىتىدىكىلەرگە دىسەم زىيارەت پارولىنى دەپ بىرەمدۇ؟
      تارىم回复سەھرا说:
      ئادەتتە بلوگ ئارقا سەھنىسىدىكى 博客设置 نىڭ ئاستىدىكى 基础设置 دېگەن تۈرنىڭ ئاستىدا 访问密码 دەپ بىر يەر بار. ئاشۇ يەرگە مەخپى نومۇر سېلىپ قويساق، بلوگنى زىيارەت قىلغۇچىلار ئاشۇ مەخپى نومۇرنى بىلمىسە بلوگنى زىيارەت قىلالمايدۇ. سىز دېگەن ھېلىقى ئۇسلۇبنى ئىشلەتكۈچى بەلكىم بلوگىغا ئاشۇنداق مەخپى نومۇر سېلىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن.
      2010-07-27 14:57:55
    • بۇ ناھايىتى ياخشى ئىش بولۇپتۇ ،رەھمەت تارىم ئەپەندى !
      تارىم回复مۇئەللىم说:
      ئەرزىمەيدۇ.
      2010-07-27 14:48:36
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.