ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان، ماتېماتىكا، كومپيۇتېر ۋە تارىخ ھەققىدىكى ئۇنۋېرسال بلوگ.



تارىم بلوگى قۇرۇلغىلى
  • لوگىكا ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى توغرىسىدا (3) - [ماتېماتىكا]

    3. لوگىكىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

    لوگىكىنىڭ شەكلى ۋە قانۇنىيىتى ئەمەلىيەت جەريانىدا بارلىققا كەلگەن. ئىنسانلارنىڭ كۈرمىڭ قېتىملىق ئەمەلىيىتى، دىيالىكتىك لوگىكا بىلەن فورمال لوگىكىنىڭ ھەقىقىيلىقىنى تەكرار ئىسپاتلىدى، بۇنىڭدىن لوگىكىنىڭ شەكلى ۋە قانۇنىيىتى ئۆزگەرمەس مۇقىملىققا، ئەبەدىيلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. مەيلى قەدىمقىلاردىن تارتىپ ھازىرقىلارغىچە، چەتئەللىكلەردىن تارتىپ جۇڭگولۇقلارغىچە بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاشلا بىر خىل لوگىكىلىق قانۇنىيەتكە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىپ، ئوخشاشلا بىر خىل لوگىكىلىق شەكىل بىلەن مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. ئەگەر بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگىلا ئوخشاش بولغان، ھەممەيلەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك لوگىكىلىق قانۇنىيەت ۋە شەكىل بولمىغان بولسا، كىشىلەر ئۆزئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلالمىغان، ئۆزئارا ئالاقە باغلىيالمىغان بولاتتى.

    فورمال لوگىكا توغرا تەپەككۇر قانۇنىيىتى ۋە شەكلىنى يارىتىپ بەردى. رەتلىك پەيدىن-پەي ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئۈچۈن تەپەككۇر شەكلىنى توغرا ئىشلىتىش ھەم توغرا تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىش لازىم. ئەگەر بەزى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىسا، تەپەككۇرنى بۇزىدۇ، تەپەككۇردا قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە تەرتىپ بولمايلا قالماستىن، ھەرىكىتىدىمۇ تەرتىپ يوق، چۈنكى ئادەمنىڭ ھەرىكىتى ھەمىشە ئىدىيە ئارقىلىق بولىدۇ.

    گرامماتىكا ئۆگەنمىگەن كىشىلەرنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە تىلنى ئىشلىتەلىگىنىگە ئوخشاش، لوگىكىنى ئۆگەنمىگەن كىشىلەرمۇ لوگىكىغا ئۇيغۇن ھۆكۈم چىقىرالايدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ھەرقانداق كىشى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىستىخىيىلىك ھالدا ئاز تولا لوگىكىلىق ئىقتىدار توپلايدۇ، شۇڭلاشقا تەپەككۇر شەكلىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىشلىتەلەيدۇ ۋە تەپەككۇر قانۇنىيەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە ئەمەل قىلىدۇ. لېكىن خۇددى گرامماتىكىنى تەتقىق قىلىش بىزنىڭ ئاغزاكى ۋە يازما ئىپادىلەش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرگەنگە ئوخشاش، لوگىكىنى تەتقىق قىلىش، ئاڭلىق ھالدا لوگىكىنى پىششىق بىلىش تەپەككۇر ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرىدۇ.

    مانا بۇنىڭدىن، لوگىكىنى بىلىشىمىز، لوگىكىلىق ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز ھەم ئەمەلىيەت جەريانىدا لوگىكىنى توغرا ئىشلىتىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتۇشىدىكى مەقسەتلەردىن بىرى. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار. دېمەك، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ لوگىكىنى بىلىشى تېخىمۇ زۆرۈر.

    لوگىكا ئوبيېكتىپ چىنلىقنىڭ ئەڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئىنكاسى، شۇڭلاشقا ئۇنى بارلىق كونكرېت پەنلەرنىڭ ---- بولۇپمۇ ماتېماتىكىنىڭ --- تەپەككۇر ۋاسىتىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەكسىچە قىلىپ قارىغاندىمۇ ماتېماتىكىنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە مول لوگىكىلىق ئامىللار بار.

    ئوقۇغۇچىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر. بىلىم --- توغرا تونۇشنىڭ مەھسۇلى، توغرا تەپەككۇر يەنە توغرا بىلىشكە يېتىشتە كەم بولسا بولمايدىغان ۋاسىتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن ئۇلاردا بار بولغان بىلىملەرنى ساقلاپ قالغىلى ۋە مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ ھەم تەرەققىيات ئىستىقبالىدا خاتالىقلارنى ئۈزلۈكسىز تۈزىتىپ، ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى بارغانسېرى مول پەننىي بىلىملەرگا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

    لېكىن شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىدىيىۋى مەزمۇن، كونكرېت بىلىم توغرا تەپەككۇردا باشتىن ئاخىر ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق نەرسە، شۇڭلاشقا نوقۇل لوگىكىلىق بىلىملەرگىلا تايىنىپ توغرا مۇلاھىزە قىلىشنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ دەپ قاراشقا بولمايدۇ. لوگىكا پەقەت بىزگە يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلەش جەريانىدا ياردەم بېرىدۇ. لېكىن لوگىكىنى ئىلمىي تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىگە ئاكتىپ قاتنىشىش ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىش ئارقىلىق قولغا كەلگەن بىلىملەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.

    يەنە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش لازىمكى، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى ئارقىلىق لوگىكىلىق تەپەككۇرنى يەتىشتۈرۈش دېگىنىمىز، ماتېماتىكا دەرسىدە مەخسۇس لوگىكىدىن ئىبارەت بۇ پەن ھەققىدىكى بىلىملەرنى سۆزلەش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ماتېماتىكىنى سۆزلەش جەريانىدا، ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنىڭ ئۆزىگە خاس لوگىكىلىقلىقىنى ھەر ۋاقىت گەۋدىلەندۈرۈش لازىم دېگەنلىكتۇر.

    ماتېماتىكا دەرسىدە گەرچە لوگىكىنى سۆزلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەنتىقىلىقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش، يېڭى دەرسنى چۈشەندۈرۈش، تېئورمىلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار سادىر قىلغان لوگىكىلىق  خاتالىقلارنى تۈزىتىشتە تېخىمۇ زور قايىل قىلىش كۈچى بولۇش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى لوگىكىنى تەتقىق قىلىشى، مەلۇم لوگىكىلىق بىلىملەرنى ئىگىلىشى لازىم. لوگىكا بىزنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىيالىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشىمىزگە، ئۆز ھۆكۈملىرىمىزنى ئىسپاتلىشىمىزغا، شۇنىڭدەك مەيلى ئېغىزچە ياكى يازمىچە بولسۇن، پۇختا ۋە باش ئاخىرى ئىزچىل ھالدا بايان قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. لوگىكا بىزنىڭ تەتقىق قىلغان ماتېرىياللىرىمىز ئىچىدىكى مۇھىم ۋە ئاساسىي نەرسىلەرنى تېپىپ ۋە ئايرىپ چىقىشىمىزغا، ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ پىششىق بىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.