ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • بلوگ باشقۇرۇش تىزىملىكىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    BlogBus تىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تىزىملىكلەر ئۇيغۇرچىلاشقان بولسىمۇ، بىراق «باشقۇرۇش» تىزىملىكىنىڭ ئاستىدىكى 进入后台 ، 写新日志  ، 文章管理  ، 评论管理  ، 更换模板  ، 访问统计 قاتارلىقلار تېخىچە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلمىدى. شۇنداق بولغاچقا كۆپ قىسىم بلوگگىرلار ۋاقتىنچە بۇ تۈرنى يۇشۇرۇپ قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. مەن «ئات تاپقىچە ئىشەك مىن» دىگەن تەمسىل بويىچە، «باشقۇرۇش» تىزىملىكى ئۇيغۇرچىلىشىشتىن بۇرۇن، ئەسلىدىكى «باشقۇرۇش» تىزىملىكىنى يۇشۇرۇپ قويۇپ تۇرۇپ، تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق بلوگ ئارقا سەھنىسىنى باشقۇرۇش مەقسىدىگە يەتتىم.

    بۇ كودنى Index بىلەن Detail نىڭ ئەڭ ئۈستىگە چاپلىسىڭىز، مېنىڭ بلوگىمدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.

    ئەسكەرتىش: كود ئارىسىدىكى قوش پەش ئىچىدىكى تور بەت ئادرىسلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىنىڭ ئارقا سەھنىسىدىكى ماس بولغان تۈرنىڭ ئادرىسىغا ئالماشتۇرۇڭ.

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • [dAva:4]مۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودى لازىم بولۇپ قالدى . 1377740649@qq.com
    • [dAva:0]سىزگە دىمەكچى بولغان ھەممە گەپلەرنى ئىنكاس شەكىلدە يېزىپ بولغىلى بولمايدىكەن.
    • [dAva:0][dAva:0]مەن بىلوگبوستىن يېڭىدىن بىر بىلوگ ئاچقان ئىدىم، مۇمۇكىن بولسا ئالاقىلىشىش ئادىرىسىڭىزنى tukkuzsaray@126.com يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز.
    • [dAva:0]قەيەر گە چاپلايمىز ماڭمۇ يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز1748274733@qq.com
    • ئۇنى كۈچۈرگىلى بلمايدىكەنغۇ بىلوگىمنىڭ ئۇسلۇبىنى يىڭىلىۋالاي دىسەم
      تارىم回复ﻣﻪﺭﺩﺍﻥ说:
      بۇ كودنى ئەمدى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بلوگ باشقۇرۇش تىزىملىكىنى ئاللىقاچان ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولدۇق.
      2009-06-09 13:46:44
    • ئەسسالا مۇ ئەلەيكۇم .
      ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز
      مىنىڭ esoda.blogbus.com بىلوگىمغا ياردەم قىلسىڭىز

      سىزنىڭ چ چ نومۇرىڭىز ۈە تىلىىفون نومۇرىڭىز دەپ بەرسىڭىز
      تارىم回复ئابدۇرىشىت说:
      بلوگىمنىڭ ئوڭ يان تەرىپىگە تەپسىلىي قارىسىڭىز كيۇ-كيۇ نومۇرۇم بار. ئاشۇ يەردىن قوشۇۋېلىش ئۇچۇرى يوللاڭ.
      2009-06-09 00:35:16
    • ئەسسلامۇئەلەيكۇم!
      مەنمۇ بىر ئادىرىس ئىلتىماس قىلغانتىم،ئەمما ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى بىلىمدىم.شۇڭا ئېغىر كۆرمەي چۇشەندۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ؟ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بەرسىڭىز تېخىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم؟! [مېنى باشقۇرغۇچى قېلىپ قويۇڭ،مەن ئوڭشاپ بېرەي]سىزنى قانداق قىلسام باشقۇرغۇچى قىلالايمەن؟
      بۇ ئادىرىسى:http://xiho.blogbus.com/
      تارىم回复xiho说:
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ماڭا كيۇ-كيۇ ئارقىلىق ئۇچۇر قىلىڭ. قالغان ئىشلارنى كيۇ-كيۇ ئارقىلىق دىيىشەيلى.
      2009-06-09 00:55:51
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن قېرىندىشىم.
      ماڭا بلوگ باشقۇرۇش تىزىملىكىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز .
      email: darslik8@163.com
      تارىم回复darslik8说:
      بۇ تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان كودنى ئەمدى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بلوگبۇس ئۆزى تەمىنلىگەن باشقۇرۇش تىزىملىكى ئاللىقاچان تەرجىمە قىلىنىپ بولۇندى. سىز بلوگىمنىڭ باش بېتىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى «تەۋسىيىلىك تېمىلار» دىگەن يەردىكى 3-تېما يەنى «بلوگبۇس تەرجىمە ھۆججىتىنى يەنە يېڭىلاڭ» دىگەن تېمىدىكى كودنى ئىشلەتسىڭىزلا بلوگىڭىز پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ھالەتكە كېلىدۇ. بلوگبۇس ئۆزى تەمىنلىگەن باشقۇرۇش تىزىملىكىمۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ھالەتتە كۆرۈنىدۇ.
      2009-05-29 18:45:38
    • ياىشىمۇ سىز ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم مەن بلوگباستىن بىر ئادىرىس ئالغان ئىدىم پەقەت ئىشلىتەلمىدىم ماڭا ئۇيغۇر چىلاشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭز
      تارىم回复ساداقەتمەن说:
      باشقىلار ھۆرمەت قىلمىسىمۇ، ئۆزىمىز بولسىمۇ ئۆز تىل-يېزىقىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىلى. ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا دىققەت قىلىڭ. ئىملا خاتالىقى ئېغىر بولغان ئاخىرقى 3 ئىنكاسىڭىز ئۆچۈرۈلدى.
      2009-05-22 21:41:06
    • سىزگە كۆپ تەشەككۇر !
      خەنزۇچە خەتلىك باشقۇرۇش سۇپىسىنى يوشۇرۇشنى ئۆگىنىۋالدىم.
      قوشۇمچە بەتنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ مۇشۇ يەردىن تەرجىمە قىلىمىزكەن..... ، شۇ بانادا بۇنىمۇ كۆرىۋالدىم.
      تارىم回复ماتېماتىكا说:
      ئەرزىمەيدۇ. پات-پات كىلىپ تۇرارسىز.
      2009-05-10 13:29:56
    • ئەسسالام ئەلەيكۇم !
      مەن بۇ كودنى ئىشلىتىپ باقتىم، بىراق ئەسلىدىكى خەنزۇچە باشقۇرۇش تېزىملىكىنى يوشۇرالمىدىم ( يوق قىلالمىدىم ) . بۇنىڭ چارىسىنى كۆرسەتمە قىلغايسىز.
      تارىم回复ماتېماتىكا说:
      首页布局 ۋە 内页布局 لەرنىڭ ئىچىدىكى 添加副栏 دىگەن يەردىن 管理 نى يۇشۇرۇن قىلىپ قويۇڭ ياكى 添加副栏 نىڭ كەينىدىكى تەھرىرلەشنى بېسىپ 管理 نىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىڭ.
      2009-05-07 02:08:22
    • باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان ئۇچۇرنى يەنە قايتا ئەۋەتتىم .
      تارىم回复جۇلالىق说:
      Tarim68 دىگەن ئىسىمنى باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىڭ. تەكلىپ قىلغان ئىسىم توغرا بولمىغان ئوخشايدۇ.
      2009-04-11 01:08:22
    • سىزنى بلوگىمغا باشقۇرغۇچى قىلىپ قويدۇم ، ۋاختىڭىز يەتسە كىرىپ تەڭشەپ بەرسىڭىز.
      分享،،،،全部日志 مۇشۇ ئىككى خەت تەرجىمە قىلىنماپتىكەن، بۇ خەتلەرنى قەيەردىن تەرجىمە قىلىشنى پەقەت بىلەلمىدىم . ئېغىر كۆرمەي مۇشۇ خەتلەرنى يەنە باشقا نۇرمالسىز يەرلەر بوپ قالسا تەڭشەپ بەرسىڭىز ، سىزنى ئاۋارە قىلدىم،رەھمەت.
      تارىم回复جۇلالىق说:
      سىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان ئۇچۇرىڭىز مەن تەرەپكە تېخىچە كەلمەپتۇ.
      2009-04-10 14:57:31
    • ئەسسالامۇئەلەيكۇم تارىم ..........
      مەن سىز ئەۋەتكەن بلوگ باشقۇرۇش سۇپىسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىم. ھەممە يېرى شۇنداق نۇرمال ئىشلىدى ، لېكىن سەھىپە باشقۇرۇش دىگەن تۈرىنى ئىشلىمەيۋاتىدۇ بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدىندۇ ؟ كودنى قايتا قويۇپمۇ باقتىم .
      قارىسام سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى سەھىپە باشقۇرۇش تۈرى ئشىلەيدىكەن ، بۇنىڭدا بىرەر كودنىڭ خېتى كەم قالغانمۇ قانداق ؟
      مۇشۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن مەن قانداق قىلىشىم كىرەك سىزنى ئاۋارە قىلدىم .
      بلوگىمنى كۈرۈپ بېقىڭ : http://julalik.blogbus.com/
      شۇ تۇرى ئىشلىمەيۋاتىدۇ .

      تارىم回复جۇلالىق说:
      مېنى باشقۇرغۇچى قىلىپ قويۇڭ. مەن ئوڭشاپ بېرەي.
      2009-04-09 22:03:49
    • ئاۋۇ
      باش بەت
      ماتېماتىكا
      كومپيۇتېر بىلىملىرى
      تارىخ
      دېگەنلەرنى قانداق چىقىرىمىز؟
      رەخمەت....
      تارىم回复نىران ئوغلى说:
      سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكى تېمىدا بار.
      http://www.blogbus.com/tarim68-logs/23969997.html
      2008-10-08 14:35:19
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تارىم ئەپەندى، ئايىمىڭىز مۇبارەك بولسۇن . سىز دېگەن بويىچە كود قوشسام قوشۇلغان كود نورمالنى ئېچىلمىدى بۇ قانداق گەپتۇ؟
      تارىم回复ت.ئەلقۇت说:
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. سىزنىڭمۇ ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!
      يۇقۇرىدا مەن تەمىنلىگەن كود بولسا مېنىڭ بلوگىمنىڭ ئارقا سەھنىسىنى باشقۇرىدىغان كود. ئۇنى ئاپىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىغا شۇ پېتى قويىۋالسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ ئەسكەرتىش دىگەن كۆك رەڭلىك خەتكە تازا دىققەت قىلماپسىز.
      بلوگىڭىزنىڭ ئارقا سەھنىسىگە كىرىپ، ھەممىنى ئوڭشاپ قويدۇم. قاراپ بېقىڭ، ئەمدى نومال ئىشلەيدۇ.
      2008-10-04 22:02:06
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.