ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • ئادەتتە كۆپىنچىمىز توردىن چۈشۈرۈۋېلىنغان GhostXP نى كۆپرەك ئىشلىتىمىز. بۇنداق GhostXP لاردا ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر قىسقارتىۋېتىلگەنلىكتىن، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىغان چاغدا WinXP نىڭ ئەسلىدىكى قاچىلاش دېسكىسىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سېلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. قولىمىزدىكى گوستلانلغان دىسكا بولغاچقا، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي قالىدۇ. بۇ مەغلۇبىيەت دەل WinXP نىڭ ئەسلىدىكى قاچىلاش دېسكىسىدىكى i386 ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ بىزنىڭ كومپيۇتېرىمىزدا زاپاس ساقلاپ قويۇلمىغانلىقىدىندۇر. تۆۋەندىكى ئادرىستىكىسى دەل i386 نىڭ پرىسلانغان ھۆججەتلىرى بولۇپ، بىزنى مۇشۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ:

  • eot سىز تور بەت كۆرۈش - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    ئاپتورى: ئىنتىل سەيناسىدىن بىلگە

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

    بىز ئادەتتە ئۇيغۇرچە تور بېكەت كۆرگەندە، بەزى بەتلەرنىڭ خەت نۇسقىسى نورمال كۆرۈنىدۇ، بىراق بەزىلىرى نورمال كۆرۈنمەيدۇ، يەنە بەزىدە كۆرۈنىدىغان بەتلەرمۇ نورمال كۆرۈنمەيدۇ، google (ئۇيغۇرچە بېتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) دىگەندەك خەت نۇسقىسى چىرايلىق ئەمەس بېكەتلەرمۇ بار، بۇنى قانداق قىلغاندا نورمالسىزلىقلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

  • http://www.qupan.com ھەققىدە يېڭى بايقاش - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان www.qupan.com دىكى بوشلۇقىمىزغا يوللىغان ماتېرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ياخشى نىيەت بىلەن تەمىنلەپ بەرسەك، ھە دىگەندە بەزىلەر خاتا مەشغۇلات قىلىپ، ماتېرىياللارنى چۈشۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇپ بىزگە جىق ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگەن ئىدى. جۇملىدىن مېنىڭمۇ  http://tarimblogi.qupan.com غا يوللىغان ماتېرىياللىرىم تولا قۇلۇپلىنىپ قېلىپ، مەن زىرىكمەي يەنە يوللاپ تۇرسام يەنە قۇلۇپلىنىپ قېلىپ بەك جىلە بولغان ئىدىم.

  • پالەكتىن، كۆممىقوناقتىن پايدىلىنىپمۇ كومپيۇتېر ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ يېقىن كەلگۈسىدە مۇشۇنداق تەبىئىي ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ياسالغان كومپيۇتېرلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     

  • كومپيۇتېر سىستېمىسىنى قوزغىتىش ئۇسۇلى (4) - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    كومپيۇتېرنى قوزغىتىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك 3 خىل ئۇسۇلى بار:

    1. كومپيۇتېرنى توكقا ئۇلاش ئارقىلىق قوزغىتىش (سوغۇق قوزغىتىش)

    بۇ ئۇسۇل ئومۇمەن، كومپيۇتېر تېخى توك مەنبەسىگە ئۇلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كومپيۇتېرنى توك مەنبەسىگە ئۇلاپ سىستېمىنى ھەركەتلەندۈرۈشنى كورسىتىدۇ. ئۇنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى مۇنداق:

    كۆرسەتكۈچ توك مەنبەسىگە ئۇلىنىدۇ.

    ئاساسى ماشىنا توك مەنبەسىگە ئۇلىنىدۇ.

  • بۈگۈن يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلدىم. ئۇسلۇپ نامى «ئالتۇن كۈز». ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈۋېلىپ ئىشلىتىڭلار.

     

  • گۈزەل كېچە ئۇسلۇبى تارقىتىلدى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]

    يېرىم يىلدىن بۇيان ئارامگاھ بلوگىنى ئەگىپ يۈرۈپ، بلوگ ھەققىدە نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. ئۆگەنگەنلىرىمنى سىناپ باقاي دەپ بۈگۈن يېرىم كۈن جېدەللىشىپ يۈرۈپ، BlogBus تارقاتقان 愈夜愈美丽 دىگەن ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلىپ باقتىم. بۇ ئۇسلۇپنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى خەنزۇچە ئىسمىنىڭ مەنىسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ «گۈزەل كېچە» دەپ ئاتىدىم.

  • BlogBus تىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تىزىملىكلەر ئۇيغۇرچىلاشقان بولسىمۇ، بىراق «باشقۇرۇش» تىزىملىكىنىڭ ئاستىدىكى 进入后台 ، 写新日志  ، 文章管理  ، 评论管理  ، 更换模板  ، 访问统计 قاتارلىقلار تېخىچە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلمىدى. شۇنداق بولغاچقا كۆپ قىسىم بلوگگىرلار ۋاقتىنچە بۇ تۈرنى يۇشۇرۇپ قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ. مەن «ئات تاپقىچە ئىشەك مىن» دىگەن تەمسىل بويىچە، «باشقۇرۇش» تىزىملىكى ئۇيغۇرچىلىشىشتىن بۇرۇن، ئەسلىدىكى «باشقۇرۇش» تىزىملىكىنى يۇشۇرۇپ قويۇپ تۇرۇپ، تۆۋەندىكى كود ئارقىلىق بلوگ ئارقا سەھنىسىنى باشقۇرۇش مەقسىدىگە يەتتىم.
  • BlogBus ئوخشاش بىر ئىشلەتكۈچى نامى ئاستىدا كۆپ بلوگ قۇرۇشنى قوللايدۇ. نۆۋەتتە ھەر بىر ئىشلەتكۈچى ئەڭ كۆپ بولغاندا 3 دانە بلوگ قۇرالايدۇ.

    كونكىرىت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

    1. بلوگ ئارقا سەھنىسىگە كىرىپ، 博客 تىزىملىكىنى چېكىمىز، تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ:

  • ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش كودى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    ئېھتىمال، نۇرغۇن تورداشلار بلوگىمدىكى «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا xx كۈن قالدى» دىگەن خەتكە دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندىكى كودنى بلوگىڭىزنىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويسىڭىز سىزمۇ ئاشۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.

  • ھەركەتچان خەت ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش كودى-1 - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    بىر قىسىم تور بەتلەردە بىر قۇر خەتنىڭ ئېكراننىڭ ئوڭ تەرىپىدىن چىقىپ سول تەرىپىگە (ياكى سول تەرىپىدىن چىقىپ ئوڭ تەرىپىگە)  كىرىپ كېتىۋاتقانلىغا دىققەت قىلغان بولغىتىڭىز. تۆۋەندىكى كود سىزگە دەل مۇشۇنداق ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ:

  • بلوگ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر ھۈنەر - [بلوگ ھۈنەرلىرى]

    بۇ تېما 2008-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنى قايتا تەھرىرلەندى. 

    ھازىر blogbus تىن بلوگ ئىلتىماس قىلىپ، بلوگ يېزىۋاتقانلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. ئارامگاھ ئەپەندى ئۆز بلوگىدا «يىغىنچاقلانغان ۋە مۇكەممەللەشكەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودى» نى ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ بلوگگىرلارنىڭ بلوگ ھەققىدىكى سەۋىيىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرچە بلوگلاردا يەنىلا ئازدۇر-كۆپتۇر تولۇق ئۇيغۇرچە بولۇپ بولالمىغان يەرلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. مەن مۇشۇنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆۋەندىكى كودنى ئاشكارە ئېلان قىلدىم. بۇ كودنى Head ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە چاپلىسىڭىزلا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىلگىرىكى بارلىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش كودلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىسىز. بۇ كود ئارقىلىق ئارامگاھ ئەپەندى يۇقۇرقى تېمىدا كۆرسەتكەندەك، بلوگگىر جاۋاب يازغاندىكى 回复 ۋە دىگەن ئىككى خەتتىن باشقا بارلىق خەتلەر تولۇق ئۇيغۇرچە بولىدۇ.

  • PPt غا Flash قىستۇرۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    PPt غا Flash ھۆججىتى قىستۇرۇش ئۇسۇلىنى «PPt غا Flash قىستۇرۇش» دېگەن تېمىدا تونۇشتۇرغان ئىدىم. ئادرېسى:  http://www.blogbus.com/tarim68-logs/24067575.html

    دوستلارنىڭ كومپيۇتېر بىلىملىرى سەۋىيىسىنىڭ  ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن يۇقىرىقى تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان ئۇسۇلنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ كېتەلىشى ناتايىن. شۇڭا بۇ تېمىدا Power Pont قا Flash ھۆججىتى قىستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئاددى بولغان ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن: