-
PPt غا Flash قىستۇرۇش - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...PPt غا Flash قىستۇرۇش
ئاۋال بىز Flash ھۆججىتى قىستۇرماقچى بولغان بەتنى ئېچىپ، ئاندىن 视图→ 工具兰 → 空件工具箱 دىن كۇلۇچ بىلەن بولقىنىڭ رەسىمى بار بەلگىنى ( 其他空件 نى) چېكىمىز. بۇ چاغدا بارلىق 空件 لەرنىڭ تىزىملىكى ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىن Flash Object Shockwave نى تاللايمىز. بۇ چاغدا مائۇسنىڭ بەلگىسى + بەلگىسىگە ئۆزگىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ سۆرىسەك، بىر تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك رامكا پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ رامكا دەل Flash ھۆججىتى قويۇلىدىغان ئورۇندۇر. مائۇسنى بۇ رامكىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ كېلىپ، ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، چىققان تارتىلما تىزىملىكتىن خاسلىق ( 属性 ) نى چېكىمىز. ئاندىن خاسلىق كۆزنىكىدىكى ئۆزى ئېنىقلىما بېرىش ( 自定义 ) دىگەن خەتنى مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسى بىلەن بىرنى چەكسەك، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە 3 دانە چېكىت بار بىر كۇنۇپكا پەيدا بولىدۇ. بۇ كۇنۇپكىنى باسساق خاسلىق بېتى (属性页 ) كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىكى 影片 URL(M) نىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى كاتەكچىگە قىستۇرماقچى بولغان Flash ھۆججىتىنىڭ كومپيۇتېردىكى ئادرىسىنى يازىمىز. مەسىلەن: D:\hojjetlirim\abc.swf دىگەندەك. (ئەسكەرتىش: ئادرىسقا خەنزۇچە خەت ئارىلىشىپ قالماسلىقى كېرەك. يەنى ساپ ئېنگىلىزچە ھەرىپ ياكى سانلاردىن تۈزۈلگەن بولۇشى كېرەك). ئاندىن جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. ئەمدى PPt ھۆججىتىنى قويۇپ باقسىڭىز، Flash ھۆججىتىنىڭ خۇددى كىنودەك قويۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
مەن ئاستىدىكى سىتاتسىتىكا ئىقتىدارىنى قويىدىغان جاينى قىلالمىدىم.
logs/27544199.html
logs/27540791.html