-
بلوگنىڭ تەگلىك رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى - [بلوگ ھۈنەرلىرى]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...بلوگنىڭ تەگلىك رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
بلوگىڭىزنىڭ تەگلىكىنىڭ رەڭگى سىزگە يارامدۇ؟ ئەگەر يارىمىغان بولسا، ئۆزىڭىزگە يارىغان رەڭگە ئۆزگەرتىۋېلىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ مەن بۈگۈن بلوگىمنىڭ تەگلىكىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىپ باقتىم. ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك قەدەم باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتتۈم:
ئاۋال http://www.computerhope.com/htmcolor.htm دىگەن تور بەتكە كىرىپ (گوگىلغا كىرىپ color codes دەپ يېزىپ ئىزدىسىڭىز، بۇنداق رەڭ كودېنى تېپىپ بېرىدىغان تور بەتلەر ساماندەك جىقكەن) ئۆزۈمگە يارىغان رەڭنىڭ كودېنى كۆچۈرىۋالدىم. ئاندىن بلوگىمنىڭ ئارقا سەھنىسىگە ئۆتۈپ CSS ھۆججىتىنىڭ ئىچىدىكى تۆۋەندىكى كوددىكى
body {
font-family: "UKIJ Tuz Tom", Helvetica, sans-serif;
font-size: 80%;
color: #000000;
background-color:#E7E7E7;}
background-color: نىڭ كەينىدىكى يېشىل رەڭ كودې 692#نى ھازىرقى تەگلىك رەڭگىنىڭ كودې
E7E7E7# غا ئۆزگەرتتىم. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ئۈنۈمگە ئېرىشتىم.
بلوگىمنىڭ بۇرۇنقى تەگلىك رەڭگى تەكلىماكان بلوگى بىلەن رىسالىم بلوگى نىڭ تەگلىكىگە ئوخشايتتى.
سېلىشتۇرۇپ بېقىپ، تەگلىك رەڭگى مۇۋاپىق بولمىغان بولسا پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: بۇ ئۇسۇلنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز، بلوگىڭىزنىڭ ئەسلىدىكى تەگلىك رەڭگىنىڭ كودېنى دەپتىرىڭىزگە كۆچۈرۈپ يېزىپ قويۇڭ، ئۆزگەرتكەندىن كېيىن تەگلىك رەڭگى يارىمىسا، ئەسلىگە كەلتۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
收藏到:Del.icio.us
بلوگنىڭ تەگلىك رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
Blog:.2010-08-03 20:47:33بلوگنىڭ تەگلىك رەڭگىنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى
Blog:شىنجاڭ كۆكيال بلوگى2010-06-07 02:27:07
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
引用
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论
1- مەن بەت يۈزىنى پۈتۈنلەي قارا قىلىپ لايھىلىمەكچى ئىدى؟مەسىلەن ئوۋچى بىلوگىنىكىدەك.
2-مەن ئۆمەر مەھمۇد بىلوگى دېگەن يەرنىڭ ئورنىغا ئۆزۈم لايھىلىگەن سۆرئەتنى چىقىراي دېگەن ئىدىم،cssنىڭ ئىچىدىكى رەسىم ئادىرسىغا ئۆزۈم لايھىلىگەن رەسىم ئادىرىسنى قۇيۇپ باقتىم نەتىجىدە <<ئۇسلۇب باشقۇرۇشش،ئارقا سۇپىغا كىرىش>>دېگەن باشقۇرۇش رايۇننىڭ ئاستىغا ئۇ رەسىم كىچىك پارچە پارچە بۇلۇپ چىقىپ قالدى.بۇ مەسىلنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلمەي بېشىم قېتىپ تۇرىدۇ،ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
بەت يۈزى رەڭگى ۋە رەسىمنى مۇشۇ توربەتنىڭكىگە ئوخشاتماقچى ئىدىم:
http://zulmet.blogbus.com/
بىر قىسم مەسىللەردە سىزدىن بىلىم ئېلىش ئارزۇيۇم بار،بولسا چ چ نى قاچىلىۋىلىڭ:452169205
مانا بۇ شۇ جايدىكى كود:
body { font-size:14px; font-family:ukij tuz tom,Tahoma, Verdana, Arial, Helvetica, sans-serif; color:#000; background: url(http://public.blogbus.com/blogbus/skin/50170/bgconten.jpg) repeat-x top; }
ماڭا كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز.
مېنىڭ بلوگىمدىكى بەتنىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى يېشىل رەڭلىك توم ئىككى تىك سىزىقنى كۆردىڭىزمۇ؟ مۇشۇ ئىككى تىك سىزىقنىڭ سىرتىدىكى كۈلرەڭ جاي دەل مۇشۇ تېمىدا دىيىلىۋاتقان تەگلىك شۇ.
سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئىككى يان تەرىپىدە ئاران 2 مىللىمېتر ئەتراپىدىلا بوش ئورۇن قالدۇرۇلغان، ئۇ يەرنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىشىڭىزنىڭ قىلچىمۇ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇسلۇپنىڭ css كودى مۇرەككەپرەك، ئازراق بىر يەرنى ئۆزگەرتسىڭىزلا ئۇسلۇپ شەكلى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
مەن بىلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم. ۋاقتىم بولسا كىرىپ ئىلانلارنى چىكىپ ماقالىرىڭىزنى ئوقۇپ قويىمەن.
بىكار بولسىڭىز بۇياقلارغىمۇ ئۆتۈپ قويارسىز!!!