ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • SWF نى FLA غا ئايلاندۇرۇش دېتالى - [يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش]

    توردىن چۈشۈرىۋالغان Flash ھۆججەتلىرىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرى بىزنىڭ تەلىۋىمىزگە ماس كەلسىمۇ، يەنە بىر قىسىم يەرلىرى ئارتۇقچە ياكى تەلىۋىمىزگە ماس كەلمەيدۇ. بەزىدە «مۇشۇ ھۆججەتنى تەھرىرلىگىلى بولغان بولسا، ئارتۇق يەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن بولساق، ئۆتمەكچى بولغان دەرسىمىزنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى» دەپ ئويلاپمۇ قالىمىز. بىزنىڭ بۇ خىيالىمىزنى IMPERATOR-FLA_V2.0  دىگەن يۇمشاق دېتال رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ.

  • PPt غا Flash قىستۇرۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    PPt غا Flash ھۆججىتى قىستۇرۇش ئۇسۇلىنى «PPt غا Flash قىستۇرۇش» دېگەن تېمىدا تونۇشتۇرغان ئىدىم. ئادرېسى:  logs/24067575.html

    دوستلارنىڭ كومپيۇتېر بىلىملىرى سەۋىيىسىنىڭ  ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن يۇقىرىقى تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان ئۇسۇلنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ كېتەلىشى ناتايىن. شۇڭا بۇ تېمىدا Power Pont قا Flash ھۆججىتى قىستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئاددى بولغان ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن: