ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان، ماتېماتىكا، كومپيۇتېر ۋە تارىخ ھەققىدىكى ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • كومپيۇتېر سىستېمىسىنى قوزغىتىش ئۇسۇلى (4) - [كومپيۇتېر بىلىملىرى]

    كومپيۇتېرنى قوزغىتىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك 3 خىل ئۇسۇلى بار:

    1. كومپيۇتېرنى توكقا ئۇلاش ئارقىلىق قوزغىتىش (سوغۇق قوزغىتىش)

    بۇ ئۇسۇل ئومۇمەن، كومپيۇتېر تېخى توك مەنبەسىگە ئۇلانمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كومپيۇتېرنى توك مەنبەسىگە ئۇلاپ سىستېمىنى ھەركەتلەندۈرۈشنى كورسىتىدۇ. ئۇنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى مۇنداق:

    كۆرسەتكۈچ توك مەنبەسىگە ئۇلىنىدۇ.

    ئاساسى ماشىنا توك مەنبەسىگە ئۇلىنىدۇ.

    بۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېر ھەركەتلىنىشكە باشلاپ، ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، قايسى قاتتىق دېتاللارنىڭ سەپلەنگەنلىكىنى، ئۇلاردا كاشىلا بار-يوقلىقىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئېكراندا قاتتىق دېتاللارنىڭ سەپلىنىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىدۇ.

    كومپيۇتېر ئاپتوماتىك ھالدا مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىچكى ساقلىغۇچقا قاچىلىغاندىن كېيىن قوزغىلىپ ھەركەتلىنىدۇ.

    ئۆ-ئۆزىنى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قاتتىق دېسكا قوزغاتقۇچنىڭ كۆرسەتكۈچ چىرىقىنىڭ يانغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ، بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچقا قاچىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. سىستېما قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېكراندا ئۈستەل يۈزى كۆرۈنىدۇ.

    2. ئىسسىق قوزغىتىش

    كومپيۇتېر ئاللىقاچان توك مەنبەسىگە ئۇلانغان، لېكىن بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن سىستېمىنى قايتا قوزغىتىشقا ئېھتىياجلىق بولغان ئەھۋال ئاستىدا، تۆۋەندىكى باسقۇچلار ئارقىلىق ئىسسىق قوزغىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ:

    Ctrl+Alt+Del بىرىكمە كۇنۇپكىلىرىنى بېسىش ئارقىلىق ئىسسىق قوزغىتىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

    كومپيۇتېرنى بۇ خىل ئۇسۇل بويىچە قوزغاتقاندا، كومپيۇتېر ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرمەيدۇ، مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىۋاستىلا ئىچكى ساقلىغۇچقا قاچىلايدۇ. شۇڭا قوزغىلىش سۈرئىتى سوغۇق قوزغىتىشقا قارىغاندا بىر قەدەر تېز.

    3. RESET ئارقىلىق سىستېمىنى قايتا قوزغىتىش

    بەزىدە مەشغۇلاتنىڭ نامۇۋاپىق بولۇشى ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كومپيۇتېر قېتىپ قالسا ھەمدە ئىسسىق قوزغىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىقمۇ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش مۇمكىن بولمىسا، كومپيۇتېر ئاساسىي ئاپاراتىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى RESET كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق سىستېمىنى قايتا قوزغىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    RESET ئارقىلىق سىستېمىنى قايتا قوزغىتىش جەريانى سوغۇق قوزغىتىش جەريانى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت توك مەنبەسىگە قايتا ئۇلانمايدۇ.

    يۇقۇرقى 3 خىل ئۇسۇلنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ جانلىق قوللىنىش لازىم. سوغۇق قوزغىتىش كومپيۇتېر تېخى توك مەنبەسىگە ئۇلانمىغان ۋاقىتتا قوللىنىلىدۇ. ئىسسىق قوزغىتىش توك مەنبەسىگە ئۇلىنىپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا قوللىنىلىدۇ. RESET ئارقىلىق قوزغىتىش بولسا ئىسسىق قوزغىتىش ئارقىلىق سىستېمىنى قوزغاتقىلى بولمىغان ئەھۋالدا قوللىنىلىدۇ.

    收藏到:Del.icio.us





  • ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.