ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.



  • روزى ھېيىت-ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچش بايرىمى - [ھېكايە-شېئىرلار]







    مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...

    روزى ھېيىت-ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچش بايرىمى 

     

    ئاپتورى: ئۆزباش

    (فېلىيةتۇن) 

     

    بۇ يىل9-ئاينىڭ 30-كۈنى ناھىيىلىك خةلق دوختۇرخانىسىدا بارلىق دوختۇر-سېستىرالارغا جىددىي يىغىن ئېچىلدى.

    _ــ ئالدىمىزدا دۆلةت بايرىمى،شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ھېيىتى كېلىۋاتىدۇ، _ــ دېدى دوختۇرخانا باشلىقى كۆزئةينةك ئاستىدىكى كۆزلىرىنى كۆپچىلىككة تةكشى بىر قېتىم يۈگۈرتۈپ چىقىپ، _ــــ شۇڭا بۈگۈن دۆلةت بايرىمى ۋة روزى ھېيىت جةريانىكى پةۋقۇلئادة ئةھۋالغا قارىتا ھازىر بۇ يىغىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز . ھةممةيلةن قۇلۇقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار!

    بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيى بولغاچقا ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار روزا تۇتتى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار گةرچة رۇزا تۇتمىغان بولسىمۇ، بىراق جامائةت پىكىرىنىڭ ئةيىپلىشىدىن قورقۇپ قانغۇچة ھاراق ئىچةلمةي ئىچى بةكمۇ تىتىلداپ كةتتى. ھازىر ھاۋا سالقىن، شۇڭا ئۇلار روزى ھېيىت كىرىشى بىلةنلا مةسچىتتىن يىنىپلا موتۇ، ھارۋا، تىراكتور ۋة ماشنىلارنى بولۇشىغا ھةيدةپ، ئۆيمۇ-ئۆي، رېستۇرانمۇ- رېستۇران ھېيىتلاشنى باشلايدۇ. ھېيتلاش دېگىنىمىز قېرىلارغا نىسبةتةن ئورۇق-تۇغقان، ئةل-ئاغىينىلةرنىڭ بىر داستىخانغا جةم بولۇشۇپ ساڭزا يىيىشىنى كۆرسةتسة، ياشلار ۋة ئوتتۇرا ياشلىقلارغا نىسبةتةن بىر ئاي جةريانىدا تۇتۇپ كةتكةن خومارى بېسىققۇچة ھاراق ئىچىشنى كۆرسىتىدۇ.

    مانا مۇشۇ رۇزا ھېيىت مةزگىلىدة بىزنىڭ ھاراق، تاماكا ئىشلةپچىقىرىدىغان ۋة سېتىپ چىقىرىدىغان زاۋۇت، ماگىزىنلىرمىزنىڭ كىرىمى ئادةتتىكى ۋاقىتلاردىكىدىن نةچچة ئون ھةسسة ئېشىپ كىتىدۇ.

    بۇنىڭ بىز بىلةن نېمة مۇناسىۋىتى بار دةپ قالماڭلار! مۇناسىۋىتى بار، بىر نةچچة كۈندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا روزا ھېيىت _ ھاراق ئىچىش بايرىمى بولۇش بىلةن بىرگة، بىزگة پۇل تېپىش بايرىمى بولىدۇ.

    روزى ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئونىنچى كۈنىگة قةدةر مۇشتلىشىپ قاپىقى يېرىلغان، پىچاق ۋة زىق تىقىشىپ بةدةنلىرى تىشىلگةن، قارنى ئىشىلگةن، بىنادىن سةكىرىگةن، ماشىنا-موتولارغا سوقۇلغان، ماشىنا بىلةن ماشىنا، موتو بىلةن موتو، ھارۋا، تىراكتورلار سوقۇلغان سةۋةبلةردىن پۇتى سۇنغان، قولى سۇنغان، قوۋۇرغىسى سۇنغان، ئۇمۇرتقۇسى سۇنغان، بېشى يېرىغان، مىڭىسىگة قان چۈشكةن، كۆزى قۇيۇلۇپ كةتكةن...ئۇيغۇر بىمارلار تۈركۈم-تۈركۈملةپ كېلىدۇ.

    مۇشۇنداق بولغاچقا بۇ مةزگىلدة تاشقى كېسةللةر بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىنى ئالاھىدة كۈچةيتىشكة توغرا كېلىدۇ. ئةتىدىن باشلاپ ئىچكى كېسةللةر بۆلۈمى، ئاياللار بۆلۈمى ۋة بةش ئةزا بۆلۈمىنىڭ ھةربىرىدىن يىگىرمة كىشىلىكتىن كارۋاتنى تاشقى كېسةللةرگة قارىتا ئاجىرىتىپ بېرىسىلةر، يوقۇرقى بۆلۈملةرنىڭ ھةرقايسىدىن تۆت نةپةردىن دوختۇر ۋة تۆت نةپةردىن سېستىرانى تاشقى كېسةللةر بۆلۈمىگة قارىتا ئاجىرىتىپ بېرىسىلةر. بۇ مةزگىلىدة بايراملىق دةم ئالماي نورمال ئىشلىگةن دوختۇر- سېستىرالارنىڭ ھةر بىر كۈنىگة قارىتا ئىش ھةققىدىن سىرت يۈز يۈةندىن مۇكاپات قوشۇپ بېرىلىدۇ. كةچتة ھةرقايسى بۆلۈملةرنىڭ مودېرلىرى ئۆز بۆلۈمىڭلاردىكى دةم ئالىدىغان ۋة دةم ئالماي ئىشلةيدىغانلارنىڭ تىزىمى يوللاپ بېرىڭلار!

    پىشقةدةم دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ گةپلىرى ئىچكىرىدىن يېڭىلا كةلگةن ياش ھېساۋاتچىنى گاڭگىرتىپ قويدى.

    _ــ تاغا، -ـــ دېدى ئۇ دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا ئةگشىپ كىرىپ، _ـــ  ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان تۇرسا، مۇسۇلمانلار ھاراقنى مةكرو، ھارام دةپ ئىچمةيدىغان تۇرسا، سىز مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيىت بايرىمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچىش بايرىمى دېگىنىڭىز نېمىسى؟!

    _ــــ ھاراق ھارام، ھاراق مةكرو دېگىنى ئۇلارنىڭ موللىلىرنىڭ گېپى، كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ھة دةپ قويۇپ ئىچىۋېرىدۇ.

    _ـــ نېمىشقا ئةمدى، ئۇلارنىڭ دىلىدىكى ئېتىقاد نةگة كةتتى؟

    _ــــ ئېتىقاد ئۇلارنىڭ تىلىدىلا بار.

    _ـــ ھة... شۇنداق بولغان تةقدىردىمۇ قاتناش ئةترىتىدىكى ساقچىلار ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھةيدىشىنى توسمامدۇ؟

    _ـــ توسىدۇ، ساقچىلار چوڭ يوللارنى بازار يوللىرىنى توسسىمۇ، بىراق ئۇلار يةنىلا مةھةللىلةردة، ئارقا كوچىلاردا، تۈن كېچىلةردة ئوغۇرلىقچة قاتناۋېرىدۇ. ئىشةنمىسةڭ روزا ھېيت كةلگةندة كۆر!

     دةرۋةقة، روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى–ئونىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن باشلاپ ئةتىسى سةھةرگىچىلا دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسةللةر بۆلۈمى ئةللىك نةچچة نةپةر ئېغىر زةخمىلةنگةن بىمارنى ياتاققا ئالدى.

      شەبنەم تورىدىن ئېلىندى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us




  • ۋاي-ۋۇي!!!!........  تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ!  مەنمۇ يازايچۇ تازا !



      评论

    • مەرەز بىر نىمىنى ئىچىۋىرىپ ئەقلى بۇلغۇنۇپ كەتكەن ئاشۇ قاپاقباشلار بالدۇرراق ئويغانسا بولاتتى!
      تارىم回复بەگتاش说:
      راست ئېيتىسىز.
      2008-12-11 14:01:57
    • يازمىڭىز كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن. ئالدىمىزدا قۇربان ھېيت كېلىۋاتىدۇ، ھەممىمىز دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ.
      تارىم回复dunyakara说:
      تور ئارىلاۋېتىپ بۇ فىليەتوننى ئۇچرىتىپ قالدىم. قۇربان ھېيت كېلىش ئالدىدا بۇ فىليەتوننى ئوقۇغان ھەر بىر كىشىدە ئاز تولا ئويلىنىش پەيدا بولسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ، بلوگىمغا كۆچۈرۈپ يوللاپ قويدۇم.
      2008-12-06 22:22:05
    ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.

    بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:

    ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.