ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • توخو، سۆسەر ھەم چاشقان - [ھېكايە-شېئىرلار]

    توخۇ، سۆسەر ھەم چاشقان بىللە ياشايدىكەن، كۇنلەردىن بىر كۈنى توخو ئازراق بۇغداي تېپىپ خوشاللىغىدا:

    ــــــــ بۇغداي تاپتىم، بۇغداي تاپتىم، ئەمدى ئۇن تارتىش كېرەك. خوش، بۇغداينى كىم تۈگىمەنگە ئېلىپ بارىدۇ؟ ــــــــ دەپتۇ.

    ــــــــ مەن ئېلىپ بارمايمەن، ــــــــ دەپتۇ سۆسەر.

    ـــــــــ مەن ئېلىپ بارمايمەن، ــــــــ دەپتۇ چاشقان.

    توخو بۇغداينى ئۆزى تۈگىمەنگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇن تارتىپتۇ.

  • «يۈكسەل بلوگى» تەشكىللىگەن «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) » نى باھالاش پائالىيىتى ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ۋە ئادىل ئېلىپ بېرىلدى. مەزكۇر باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئاممىۋىي ئاساسىمۇ مۆلچەرىمىزدىكىدىن خېلى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كەڭ بولدى. نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا جەمئىي 24 بلوگ نامزاتلىققا تاللىنىپ ئاۋازغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ 24 بلوگ تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشىگە قۇيۇلغان ئىدى. نەتىجىدە جەمئىي 1760 پارچە بېلەت تاشلاندى. بىز بۇ بېلەت سانى ۋە نامزات كۆرسىتىلىش قېتىم سانىنى قوشۇپ ستاتىستىكىلاش ئارقىلىق تۆۋەندىكى 10 بلوگنى «ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) » بولۇشقا مۇۋاپىق ئىكەن ، دەپ قارىدۇق.
  • ھورۇن ئىشەك - [ھېكايە-شېئىرلار]

    بىر كىشى ئىككى ئىشەككە يۈك ئارتىپ يولغا چىقىپتۇ. بىر ئىشەكنىڭ يۈكى ئېغىرراق، يەنە بىرسىنىڭ يېنىكىرەك ئىكەن. ئىشەكنىڭ بىرسى يەنە بىرسىدىن ياردەم سوراپ:

    ـــــــ ئاكا، بولالمىدىم، بىر ئاز ياردەم قىلساڭچۇ، ـــــــ دەپتۇ.

    ـــــــ نېمە كارىم، ــــــــ دەپتۇ يەنە بىر ئىشەك، ــــــــ مەن كېتىۋېرىمەن.

    ...................

  • ئىزا تارتقىن ھاراقكەش - [ھېكايە-شېئىرلار]

    مەيخانىغا بىر كىرسە كەتمەيدىغان ھاراقكەش،
                قۇرۇقدالسا يانچۇقى سەزمەيدىغان ھاراقكەش.
                بالام ،ئۆيۈم، ئايالىم...دىمەيدىغان ھاراقكەش،
                تۇرمۇشنىڭ ھېچ غىمىنى يىمەيدىغان ھاراقكەش،
                ئۆز ئۆيىگە تۈنگىچە كىرمەيدىغان ھاراقكەش.

  • بۇرۇت ماجىراسى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    يەكشەنبە كۈنى بازار ئايلىنىپ كەلمەكچى بولۇپ كوچىغا چىقىۋېدىم، كىمدۇر بىرى ئارقامدىن دولامغا شاپىلاقلىدى، بۇرۇلۇپ ئېسىل كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، قارا كۆزەينەك تاقىغان بىر كىشىنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قول ئۇزىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
    ـــــ ياخشىمۇ سىز؟ سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن.
    ـــــ رەھمەت! ـــــــ دەپ قولىنى سىقتىم.
    ـــــ رەھمىتڭىزگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن يەنە بىرقېتىم تەشەككۈرىمنى ئېيتىشقا رۇخسەت قىلغايسىز!
    «بۇ كىم بولغىيدى؟» دەپ ھەيرانلا قالدىم، كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىۋېدى، ئېسىمگە كەلدى.

  • پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    نۇرمۇھەممەد ئېركى  (1927---1984)

    ئالىمدۇر دۇنيانىڭ، ئىنساننىڭ جېنى،
    ئالىملار ئالىمنىڭ بىلەر قەدرىنى.
    يۇرتىمىز ئالىمنىڭ، ئەدىبنىڭ كانى،
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

  • روزى ھېيىت-ئۇيغۇرلارنىڭ ھاراق ئىچش بايرىمى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    بۇ يىل9-ئاينىڭ 30-كۈنى ناھىيىلىك خةلق دوختۇرخانىسىدا بارلىق دوختۇر-سېستىرالارغا جىددىي يىغىن ئېچىلدى.

    _ــ ئالدىمىزدا دۆلةت بايرىمى،شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ روزى ھېيىتى كېلىۋاتىدۇ، _ــ دېدى دوختۇرخانا باشلىقى كۆزئةينةك ئاستىدىكى كۆزلىرىنى كۆپچىلىككة تةكشى بىر قېتىم يۈگۈرتۈپ چىقىپ، _ــــ شۇڭا بۈگۈن دۆلةت بايرىمى ۋة روزى ھېيىت جةريانىكى پةۋقۇلئادة ئةھۋالغا قارىتا ھازىر بۇ يىغىنى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز . ھةممةيلةن قۇلۇقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭلار!

    بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيى بولغاچقا ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار روزا تۇتتى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار گةرچة رۇزا تۇتمىغان بولسىمۇ، بىراق جامائةت پىكىرىنىڭ ئةيىپلىشىدىن قورقۇپ قانغۇچة ھاراق ئىچةلمةي ئىچى بةكمۇ تىتىلداپ كةتتى. ھازىر ھاۋا سالقىن، شۇڭا ئۇلار روزى ھېيىت كىرىشى بىلةنلا مةسچىتتىن يىنىپلا موتۇ، ھارۋا، تىراكتور ۋة ماشنىلارنى بولۇشىغا ھةيدةپ، ئۆيمۇ-ئۆي، رېستۇرانمۇ- رېستۇران ھېيىتلاشنى باشلايدۇ. .......................

  • تەبىئىي پەنلەر دوكتورى تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك   1961- يىلى 10- ئايدا بۆرتالادا تۇغۇلغان، ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوكتورى ھەم شۇ فاكۇلتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ماتېماتىكا جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

    تۇرغۇنجان ئابدۇكېرىم تۈرك 1980-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1987-يىلىدىن 1989- يىلىغىچە مەزكۇر فاكۇلتېتتا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.

  • ئانا تىلىم - [ھېكايە-شېئىرلار]

    ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر،
    ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر،

  • ئۇيغۇر تىلى - [ھېكايە-شېئىرلار]

    بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى ،
    مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى ،
    بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى ،
     مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،
    بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى .