-
ئۇيغۇر تىلى - [ھېكايە-شېئىرلار]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...ئاپتورى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن
بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى ،
مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى ،
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى ،
مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى .ئانا تىل ھەردەم قوۋۇم - مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى ،
ئانا تىل پەن - مەرىپەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى ،
ئانا تىل چوڭ-كىچىكنىڭ يۈرىكى ، تاغ يۆلىكى ،
ئانا تىل ۋاستە - قۇرال ئالاقىدە قەلىب ئەينىكى ،
بىزنى قۇچتۇرغان جىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى.پەنگە ئاشىق - بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم ،
تارتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەرقاچان ئەنبەر تىلىم ،
ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال - شېكەر ، كەۋسەر تىلىم ،
بولدى ئەل دۈشمەنلىرگە تىغ - تەبەر ، نەشتەر تىلىم ،
ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى .«ئا» بىلەن كىردى ئېغىزغا ، تىل - زۇۋانغا مەڭگۈ تەم ،
قىلدى تىل ئاقىل ، نادانلارغا بېرىپ ئىدراكۇ پەم ،
تىل چېچىلغاننى يىغىپ قىلدى ھامان بىر يەرگە جەم ،
تىل بىمار ، ئاجىز - ئورۇققا ئەم - داۋا ، ئاچلارغا يەم ،
خاسىيەتلىك تىلتۇمار ، قالقان - سىپەر ئۇيغۇر تىلى.يۈرۈكۈمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا جان بوۋام ،
مەن ئىجاد ئەتتىم مۇشۇ تىلدا ، قىلىپ پەرۋاز داۋام ،
مۇشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدار بالام ،
مۇشۇ تىل بەردى چىدام ، مەردلىك ، ۋاپادارلىق مۇدام ،
قان قېرىنداشلارغا رىشتە ، جان - جىگەر ئۇيغۇر تىلى .سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل - ئالتۇن بۇلاق ،
ئۇ - چىراغ ، پەرۋانە بىز ، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق ،
ئانا تىل يىلتىز ، ئوزۇق ئالغۇچى بىز - نوتا - ئۇلاق ،
ئانا تىلدا دەرىس ئېلىپ ، تاپتۇق ئەقىل ، سەمرىپ قۇلاق ،
بىزگە پۈتمەس كان ، خەزىنە شام - سەھەر ئۇيغۇر تىلى.قويدى تاڭ دۇنيانى شۇ تىلدا قىلىپ بۇلبۇل ناۋا ،
تاپتى شۇ تىلدا پۈتۈلگەن كۈي - غەزەل يۈكسەك باھا ،
ھەر تەرپتىن ياغدى ئالقىش ، «مىڭ ياشا!» دېگەن سادا ،
مۇشۇ تىل شۆھرەتكە نائىل ئەيلىدى ، سالدۇق ساما ،
ئىپتىخارغا پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى .شاھ مۇقامنى مۇشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى جاھان ،
مۇشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان ،
مۇشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ ، ھەزرەت نەۋائىي تاپتى شان ،
مۇشۇ تىلغا جان بېرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان ،
مەڭگۈ ئەڭگۈشتەر ، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلىمۇشۇ تىل بىزگە جاھاندا تەڭدىشى يوق ، بىباھا ،
مۇشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرا ، خاتا ،
مۇشۇ تىل مەڭگۈ قەدىردان ، مېھرى ئاتەش جان ئانا ،
مۇشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمات ، جاننى ئاتا ،
پىر بولۇپ بىزگە ئۆگـئەتتى كەسىپ - ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى.ئانا تىل قالغان ئانامنىڭ ئانىسىدىن يادىكار ،
ئانا تىلغا يۇغۇرۇلغان چىن غورۇر ۋە ئىپتىخار ،
ئانا تىلىنى ئاڭلىسام جۇتنى سېزەرمەن گۈلباھار ،
ئانا تىل بار - ئەلمۇ بار ، ھېكمەت ، مۇھەببەت ... ھەممە بار ،
بىزگە ئاش - ناندەك زۆرۈردۇر ، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى .
بولغۇسى قەدرىم پاخال - خەس ، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم ،
ئۆز تىلىم بار ، ئاي ، قۇياشتەك تۇرىدۇ پارلاپ دىلىم ،
بارمۇ مەندەك باي جاھاندا ، ئۆتتى شاد ھەر ھاي ، يىلىم ،
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم ،
ماڭا ئۇستاز ، رەھنەما چىن ئىچ كۆيەر ، ئۇيغۇر تىلى .خىسلىتى يازغانغا پۈتمەس ، تىل ھايات ، بىزمۇ ھايات ،
مۇشۇ تىل بەركاتىدىن تاپتۇق روناق ، ئەل يۇرت ئاۋات ،
كۈنسېرى ئۆرلەشكە بولدى مۇشۇ تىل تالماس قانات ،
مەن بۇڭا دىل بەرگىنىمچۈن ، ئارمىنىم بىخ ياردى شاد ،
ئۆتتى مەيلىمنى ، بېرىپ دىل ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى.تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تۇلپارنىڭ ، باش قاشلىما ،
بولسا بىل كۆپ تىل ، ئەقىل ، كۈچ تاپ ھامان ، يانپاشلىما ،
بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى ، كېيىن كۆز ياشلىما ،
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ، ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما ،
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر ، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى.ھەر كىشى كۆپ زوق ئالار سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدا ،
شۇڭا مەن ئانا تىلىمغا قىلىمەن چىن ئىقتىدا ،
ئانا تىلسىز گال ، كېكەچ مەن ، بولىمەن جاندىن جۇدا ،
چىن يۈرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇنداق نىدا :
سۈيىدە ئاق ، ئوتىدا كۆي ! دۇر - گۆھەر ئۇيغۇر تىلى !....مەنبە: http://www.anwar.cn/archiver/?tid-10509.html
ئەسلى مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژورنىلى
收藏到:Del.icio.us
سەھىپىلەر
- ماتېماتىكا[30]
- ماتېماتىكا تارىخى[34]
- ماتېماتىكىلىق ئويۇنلار[30]
- دەرسلىك چۈشۈرۈش[14]
- لوگىكا ھەققىدە[6]
- [0] ***********************[0]
- بلوگ ھۈنەرلىرى[40]
- ئۇسلۇب چۈشۈرۈش[19]
- كومپيۇتېر بىلىملىرى[15]
- يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش[5]
- [0] **********************[0]
- ھېكايە-شېئىرلار[39]
- ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن[23]
- ياردەم سوراش ئورنى[1]
- ئارامگاھ[2]
ئەڭ يېڭى يازمىلار
- پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە لېكسىيە
- MathType 6.0 ۋە Microsoft公式3.0 دا كىرگۈزۈلگەن بىرقىسىم ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى
- ئىمتىھاندا مانداق كۆچۈرىمىز
- لوگىكا ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى توغرىسىدا (6)
- ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت
- ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
- سانلار ئارقىمۇ ئارقىلىقىنىڭ ئومۇمىي ئەزا فورمۇلىسى
- لوگىكا ۋە ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى توغرىسىدا (5)
- 巨星MTV2002 نى قاچىلاش دەرسلىكى
- ئىنكاسقا باش سۈرەت چىقىرىش ئۇسۇلى