-
ئىزا تارتقىن ھاراقكەش - [ھېكايە-شېئىرلار]
مەزكۇر يازمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، مەنبەسى «تارىم بلوگى» ۋە ئادرىسى: نى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ. كۆچۈرمىكەشلىك نومۇس!!!...مەيخانىغا بىر كىرسە كەتمەيدىغان ھاراقكەش،
قۇرۇقدالسا يانچۇقى سەزمەيدىغان ھاراقكەش.
بالام ،ئۆيۈم، ئايالىم...دىمەيدىغان ھاراقكەش،
تۇرمۇشنىڭ ھېچ غىمىنى يىمەيدىغان ھاراقكەش،
ئۆز ئۆيىگە تۈنگىچە كىرمەيدىغان ھاراقكەش.ئۈلپەتلىرىڭ ئايرىلماس ئىكەن ساڭا «يار-يۆلەك»،
گەرچە ئۇلار قويسىمۇ يوللىرىڭغا ھۆل-كىسەك،
ئەزىزلەيسەن سەن تېخى ئۇلارنى بىر «خىزىردەك»،
ھاراق ئۈچۈن ئىكەنسەن ئۆزۈڭ چاكار قۇل-دىدەك،
كەيىپلىكتىن باشقىغا كۆيمەيدىغان ھاراقكەش.بىر كۈنىڭمۇ ئۆتمەيدۇ مەيخانىغا چاپالماي،
ئەخلەتلىكتە ياتىسەن ئۆز-ئۆزىڭنى تاپالماي،
بىرەر-ئىككى كۈنگىچە يەڭلىرىڭنى ساپالماي،
خىجىل بولماي يۈرىسەن شۇ ھاراقتىن قاچالماي.
ئادەملىككە ئەزەلدىن كۆنمەيدىغان ھاراقكەش.نىمە راھەت تاپتىڭسەن كوچىلاردا مەست بولۇپ،
ئەل-ئاۋامنىڭ ئالدىدا يۈزۈڭ چۈشۈپ، پەس بولۇپ،
بەتتەرلەشتىڭ مەي ئىچىپ كۈن ئالمىقىڭ تەس بولۇپ،
نەسھەتكە كۆنمەستىن كوچىلاردا نەس بولۇپ،
بىر كۈن جەڭگە-جىدەلسىز ئۆتمەيدىغان ھاراقكەش.دوست-يارەنلەر ساڭا ھىچ ئۆتكۈزەلمەي سۆزىنى،
ئاتا-ئاناڭ يۈرمەكتە كۆتۈرەلمەي يۈزىنى،
قاچانغىچە يۈرىسەن ئەركەك چاغلاپ ئۆزۈڭنى،
دەيسەن: خەقنىڭ نە كارى توقىۋەرسۇن بۆزىنى،
قاۋاقلاردا، بۇلۇڭدا تۈنەيدىغان ھاراقكەش.بەس، بولدى قىل، ھاراقكەش، خەقلەر سۆكۈپ يۈرمىسۇن،
ئوقۇشسىز قېپ باللىرىڭ ھەسرەت يۇتۇپ يۈرمىسۇن،
قېرىندىشىڭ نومۇستا سەندىن مۆكۈپ يۈرمىسۇن،
ئەل-جامائەت كەينىڭدىن لەنەت ئوقۇپ يۈرمىسۇن،
ھاراق تاشلا، بوتكىدىن كۆچمەيدىغان ھاراقكەش.
مەنبە: http://bbs.dostluk.cn/read.php?tid-635-fpage-20.html
收藏到:Del.icio.us
ۋاي-ۋۇي!!!!........ تورداشلار بىرمۇنچە ئىـنـكــاس يېزىپ بوپتىغۇ! مەنمۇ يازايچۇ تازا !
بلوگبۇس ئابونتى بولمىغان زىيارەتچىلەر سەمىگە:
ئەگەر ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز، ئاۋۋال ئىنكاس رامكىسىنىڭ ئۈستىدىكى «نامسىز ئىنكاس يېزىش» دېگەن خەتنى چېكىڭ، ئاندىن «ئىسمى» دېگەن خەتنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىگە خالىغان ئىسىمدىن بىرنى يېزىڭ. «ئېلخەت» ۋە «ئادرىس» دېگەن خەتلەرنىڭ ئاستىدىكى كاتەكچىلەرگە ھېچنىمە يازمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. ئاخىرىدا ئىنكاس يېزىش رامكىسىغا ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ-دە، «يوللاش» دېگەن كۇنۇپكىنى بىر قېتىم باسسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.
评论