
-
چاپسان چىققىن مائاشىم
ئابدۇۋارىس غوپۇر
يانچۇق ياتار نىمجان بوپ، قول سالغۇدەك يۈزۈم يوق...
يـارىـم تـۈردى قـاپاقـنى، چـاپـسـان چىـقـقىـن مـائـاشـىم!
دەيـدۇ ئـاتـام: كـەلـمـىـسـەڭ ســاڭـا بـاقـار كـۆزۈم يـوق!
چىقاردىم ئاق بـايراقـنى، چـاپـسـان چىـقـقـىن مـائـاشـىـم!
-
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
1921-يىل
جاھالەت سەمەرىسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر؟
ئېيتىڭىزچۇ، بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر؟
جاھاننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بولۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
بىرسىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.
ئىلىمنىڭ ئىجدىھادىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،
ئوقۇرمىز - ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.
-
ئاپتورى: لۇتپۇللا مۇتەللىپ
__ بۇ يىل ئون ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ئۇكام،
بۇ، ئەپەندى بولماق مېنى بىر بالاغا سالدى، ئۇكام.
شۇ ئون ئىككى يىل ئىچىدە ساقىلىمنى قىرىپ يۈردۈم،
كەينى يېرىق چاپانلارنىمۇ كىيىپ يۈردۈم،
لېكىن «ئەپەندى» دىگۈچىلەرنى ھىچ كۆرمىدىم، ئۇكام،
بىر جاۋاب بەرسىڭىزچۇ، «ئەپەندى» دىمەسكە يەنە نىمەم كام؟
-
زېرىككەننى ئويناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
ئۇخلىغاننى ئويغاتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
بەزمىلەرنى قايناتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
يەپ- ئىچكۈزۈپ يايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى،
گاچىنىمۇ سايراتتى مۇئەللىمنىڭ مائاشى. -
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر، -
بىل شۇنى ، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى ،
مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش ، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى ،
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان ، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى ،
مەنىلەرگە باي ، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى ،
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى . -
مىنى شۇنداق ئاتايدۇ ئەل ، مۇئەللىمدۇر ئاتاق نامىم ،
تەسەددۇق ئەل-ۋەتەن پەرزەنتلىرىگە بۇ ئەزىز جانىم ،
قاراڭغۇ دىلنى يۇرۇتماق ئۈچۈن يانغاچ ئۆمۈر شامىم ،
نادانلىققا مىنۇت تاقەت قىلالماس قىلچە ۋىجدانىم ،
شۇڭا مۇنبەردە جان بەرمەك ئەبەتلىك ئارزۇ-ئارمانىم.
..................
-
بالاڭ ئازسا، ئاھ ئۇرما، يول تاپىدۇ بىر كۈنى،
ئامان بولسا ، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى.
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن،
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى. -
ئاپتۇرى: ئەنۋەر تۇردى
ئەسلى نامىڭ سىنىڭ ھىساپ-ماتىماتىكا،
جان تومۇرۇڭ ئىدى سان-سىفىر ۋەشەكىل.
ئالگىبىرا ھەم گىئومىتىر، ئانالىزى،
قوشۇلغاندا ئۇلار گويا مەزمۇت سىپىل.
-
ۋاقىت ئالدىراڭغۇ، ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ ،
يورغا يىللار ئومۇرنىڭ يامان ئوغرىسى.
......................
-
ﮬﻪﻣﻤﻪﭘﯘﻗﺮﺍ ﻳﯘﻳﯘﻧﯘﭖ ﺗﺎﺭﺍﻧﺴﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ،
ﺋﯘﺯﯗﻥﻛﯩﻴﯩﭗ ﺋﯘﺯ ﻳﺎﺳﺎﻧﺴﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ،
ﮬﻮﻳﻼﺋﺎﺭﺍﻡ ﺗﺎﺯﯨﻼﻧﺴﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ،ﻳﻮﻝﻳﻮﻟﻼﺭﻏﺎ ﺳﯘ ﺳﯧﭙﯩﻠﺴﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ،
ﻟﻮﺯﯗﻧﻜﯩﻼﺭﭼﻮﯓ ﺋﯧﺴﯩﻠﺴﯘﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
..................... -
ئىشتىن بالدۇر كېتىشسەڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن،
قايسىڭ ئىشقا كېچىكسەڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.
كېچىكمەمسەن خىزمەتكە، يېتىۋەرسەڭ چىرمىشىپ،
بىر كارۋاتتا يېتىشساڭ، ئىش ھەققىڭدىن تۇتىمەن.